مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز

    ئامانگۈل2017-03-20 09:58:20شىنجاڭ گېزىتى

    −ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلاردا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

     يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى

    كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بۆلۈم دەرىجىلىك ئورگانلار كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

      يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ئىرادىسى بىلەن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، سالماق بولۇپ، يىلتىز تارتىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش قۇدرەتلىك كۈچىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

     ئۈرۈمچى تاموژنىسى

     سىياسىي ئۆتكەل ۋە بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

     ئۈرۈمچى تاموژنىسى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگەندى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاموژنا خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باشلىقى جاۋ گې مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلاشنى باشتىن-ئاخىر 1-مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولىدۇ. تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي تۆھپە قوشىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا بىرلەشمە كوپىراتىپى

     يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا بىرلەشمە كوپىراتىپى 3-ئاينىڭ 13-، 14-كۈنى پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا كوپىراتىپى سىستېمىسىدىكىلەر يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، بازار ئېھتىياجىنى قامداشنى ئاخىرقى مەقسەت، تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تېخىمۇ زور رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى

     مۇھىم سۆزنىڭ روھىدىن پايدىلىنىپ قاتناش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتكومى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى پارتىيەلىك كادىرلارنى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە مەخسۇس تەشكىللەپ، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۈتۈن سىستېمىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار ھۆججەتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس ئۆگىنىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھۆججەتنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى

     ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم-كوتسىز چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى تارماقلىرى تېزدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنىنى قوزغاپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە 2017-يىللىق زېمىن بايلىقىغا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تېز تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەۋزەل كان بايلىقلىرىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم-كوتسىز چىڭ تۇتۇپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر قادىربېك قامزا مۇنداق دېدى: زېمىن بايلىقى ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە تىرەك بولىدىغان، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقتا بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. خىزمەت جەريانىدا، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئىشنى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى

     تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئۈنۈم يارىتىمىز

     ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆگىنىش يىغىنى (كېڭەيتىلگەن) ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەتتە گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەرلەرنىڭ جامائەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

     (مۇخبىرلىرىمىز چېن چياڭۋېي، مېھرىگۈل غوپۇر، لۇ فېڭباۋ، شى شىن، ۋاڭ يايۈن، ياڭ شۇخەن يازغان)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.