مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    11-نۆۋەتلىك دۇنيا قىشلىق ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

    رەنا2017-03-19 12:40:35تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
    سۈرەتتە: جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەيدانغا كىرىپ كەلمەكتە.
     18-مارت كەچتە 11-نۆۋەتلىك دۇنيا قىشلىق ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاۋسترىيەنىڭ شىلادمىڭ شەھىرىدە باشلاندى. بۇ قېتىملىق ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 109 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىسى 76 نەپەر، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكىتىمىزنىڭ سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرىدىن كەلگەن. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، تىز سۈرئەتتە مۇز تېيلىش، دالىدا چاڭغا تېيىلىش، قار ئايىغىدا مېڭىش، پول دوگۇر توپىدىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ يەتتىنچى قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ دۇنيا قىشلىق ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى.

     
     
     
     
     
     
     
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.