مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى

    ئامانگۈل2017-02-17 20:28:46شىنجاڭ گېزىتى

    2-ئاينىڭ 17-كۈنى،ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

      تەڭرىتاغ تورى قەشقەر خەۋىرى: قەشقەر ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم شەھەر، يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت. نەچچە مىڭ يىللىق بوران-چاپقۇندا تاۋلانغان قەشقەر بۈگۈنكى كۈندە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىغىۋاگەرچىلىكىدىن ھېساب ئېلىشقا ئاتلاندى. 

     2017-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر شەھىرى خەلق مەيدانىدىكى ماۋزېدۇڭ ھەيكىلى ئاستىدا نەچچە مىڭ نەپەر قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىسى، خەلق ئەسكىرى قاتارلىق مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەرخىل قوشۇن زەبەردەس قەد كۆتۈرۈپ ھەيۋە بىلەن سەپ تارتىپ تۇراتتى. قوشۇن ئارقىسىدا ۋە ئىككى تەرىپىدە بىرونېۋىك، ئەسكەر توشۇش ئاپتوموبىلى، چارلاش ئاپتوموبىلى ھەر ۋاقىت ئاتلىنىشقا تەييار تۇراتتى. «ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ، چېگرا رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويمايمىز!»، «‹ئۈچ خىل كۈچ› بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمىز!»، «زوراۋانلىق-تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىمىز!» دېگەندەك تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتاتتى. ھەممەيلەننىڭ تەييارلىقى پۈتۈپ،  بۇيرۇق كۈتۈۋاتاتتى.

      10:50 ئۆتكەندە «ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

     جۇ خەيلۈن مۇنداق كۆرسەتتى: قەشقەر ئەزەلدىن تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ ئىستېھكامى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى. شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇنىڭ «كۆزى»، قەشقەر مۇھىمنىڭ مۇھىمى. قەشقەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىش-قىلالماسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

     جۇ خەيلۈن بۇ قېتىمقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر قايسى مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باشلامچى، زەربىدار بولۇپ، سەرخىل قوشۇن يېتىشتۈرۈپ، ئىسسىق قېنى ۋە ساداقىتى بىلەن خەلقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك! ھەمىشە تەييار تۇرۇپ، يۈكسەك ھوشيارلىق بىلەن زىچ ماسلىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە قوماندانلىق قىلىپ، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شايكىلارغا زەربە بېرىپ، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇپ، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى تارتىپ چىقىرىپ، مەنبەنى تېپىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىش كېرەك! باشتىن-ئاخىرى قوغلاپ ئۇرۇپ، باش كۆتۈرگۈزمەي زەربە بېرىپ، قېزىپ زەربە بېرىپ، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارغا دېمىنى ئېلىۋالغۇدەك پۇرسەت بەرمەي، قەتئىي، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۈزۈل-كېسىل زەربە بېرىپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، يوشۇرۇن ئاپەت قالدۇرماي، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك! 

       سۆزنىڭ ئۆزى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش جەڭچىلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بەرگەن ياڭراق قەسەملىرى يەر-جاھاننى لەرزىگە كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ بۇ بىر مەيدان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش جېڭىدە غەلبە قىلىشقا ساداقىتى، ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى بار. جەڭچىلەر بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەنلا  قورالىنى بەتلەپ، ياڭراق شوئار توۋلاپ يۈگۈرگىنىچە تەرتىپ بىلەن ئاپتوموبىللارغا چىقتى. گۈلدۈرلىگەن ئاۋازدىن قۇشلار ئۈركىدى؛ ھەيۋەتلىك قەدەملەردىن زېمىن تىترىدى. ھەيۋەتلىك قوشۇن، پولات قوشۇن، ھەققانىي قوشۇن تۆت يولغا بۆلۈنۈپ، ۋەزىپە رايونىغا قاراپ ئاتلاندى . ساقچى گۈدۈكى ساداسى پەلەككە يەتتى، قوشۇن ئالغا قاراپ ئىلگىرلىدى. خەلق مەيدانى، غەربىي خەلق يولى، جەنۇب بىناكارلىق شىركىتى ...قوشۇن قەشقەردىكى ئاساسىي يول-كوچىلار، نۇقتىلىق ئورۇنلاردىن ئۆتكەندە ھەر مىللەت ئاممىسى قەدەملىرىنى توختىتىپ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى.

     قەشقەر شەھەر ئاھالىسى ئۆمەرجان مەمەتئىمىننىڭ ئۆيى خەلق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ ئوغلى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن بىرگە قەسەمياد يىغىنىنى كۆردى. ئۆمەرجان مەمەتئىمىن كۆز ئالدىدىكى ھەممىگە ئۈن-تىنسىز نەزەر سېلىپ، پات-پات بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇننى ماختايتتى. ‹‹مۇتلەق كۆپ ساندىكى شىنجاڭلىقنىڭ ھەممىسى ياخشى، ھەممەيلەن زوراۋان-تېررورچىلاردىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىدىن  قاتتىق يىرگىنىدۇ، غەزەپلىنىدۇ››. ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى پۇقرالارغا ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەتلىكلىكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى خاتىرجەم قىلدى. ھەر مىللەت ئاممىسى ئىتتىپاقلاشساقلا، چوقۇم دۈشمەنلەرنى قەتئىي، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، خاتىرجەم، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز.

     ئۆمەرجان مەمەتئىمىن قەشقەر خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئېيتتى. يولداش شى جىنپىڭ ياردرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك ھىمايىسى بولىدىكەن، خەلق دېموكراتىيەسى دېكتاتۇرىسىنىڭ قۇدرەتلىك پولات مۇشتىدا دۈشمەن قانداقمۇ يىمىرىلمىسۇن؟ جەڭ قانداقمۇ غەلىبە قىلمىسۇن؟ مۇقىملىق ئىشى قانداقمۇ ۋۇجۇدقا چىقمىسۇن؟ 

    قەسەمياد يىغىنى نەق مەيدانى

    قەسەمياد يىغىنى نەق مەيدانى

    قەسەمياد يىغىنى نەق مەيدانى

    قەسەمياد يىغىنى نەق مەيدانى

    قەسەمياد يىغىنى نەق مەيدانى

    قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاساسلىق يول ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلىرىنى قوراللىق چارلىماقتا. 
     
    قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاساسلىق يول ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلىرىنى قوراللىق چارلىماقتا. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.