مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق ساقلاش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى

    ئامانگۈل2017-02-17 11:15:17شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق ساقلاش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

     ‹‹ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق ساقلاش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر››نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

     ئېكولوگىيە بوشلۇقى – تەبىئىي خاسلىققا ئىگە، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇلازىمەت ياكى ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئىقتىدار قىلغان زېمىن بوشلۇقى بولۇپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، دەريا، كۆل، ساھىل، قىرغاق، دېڭىز – ئوكيان، بوز يەر، چۆللۈك، مۇزلۇق، ئېگىز تاغ تۇندراسى، ئادەمسىز ئارال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ئېكولوگىيە بوشلۇقى دائىرىسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە ئىقتىدارىغا ئىگە، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك قاتتىق ئاسرىلىدىغان رايون بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە ھاياتلىق لىنىيەسىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ئاسرايدىغان، مۇھىم سۇ مەنبەلىرىنى ساقلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، دېڭىز قىرغىقى ئېكولوگىيەسىنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك مۇھىم رايونى، شۇنداقلا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، يەرنىڭ قۇملىشىشى، تاشلىق چۆللۈككە ئايلىنىش، ئىشقارلىشىش قاتارلىق ئېكولوگىيە مۇھىتى سەزگۈر، ئاجىز رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارنى چىقىرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئەمما، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ئاجىز بولۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق ساقلاش ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسى مۇلازىمىتىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىسىنى بەرپا قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالىتى. تۆۋەندە ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق ساقلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.

     1.ئومۇمىي تەلەپ

     (1) يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو، ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئاسراشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل سىستېمىسىنى ئاسراش تەلىپى بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىپ ۋە قاتتىق ساقلاپ، قىزىل سىزىق بىلەن مۇھىم ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى باشقۇرۇش – كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتمەسلىك، كۆلىمى ئازايماسلىق، خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     (2) ئاساسىي پىرىنسىپ

     ئىلمىي بېكىتىپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش. مۇھىت ئاسراش قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە سىستېمىلىقى بىر تۇتاش نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئىلمىي باھالاش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ مۇھىملىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئاجىزلىقى بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ھەم زېمىن بوشلۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىك ئەندىزىسى سىستېمىلىق بەرپا قىلىنىدۇ.

     تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاپ، قاتتىق ئاسراش. تۆۋەن چەك ئېڭى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بوشلۇق يىرىك پىلانىنى لايىھەلەش ئاساسى قىلىنىدۇ. ئىشلىتىش – باشقۇرۇش تۈزۈمى كۈچەيتىلىپ، ئىشلىتىشنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش چەكلىنىپ، نامۇۋاپىق ئېچىش قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ.

     تارماقلار ماسلىشىپ، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش. تارماقلار ئارا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش كۈچەيتىلىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن، يۇقىرى قاتلامدىن ياخشى لايىھەلىنىپ، تېخنىكا قائىدىسى ۋە سىياسەت – تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قەتئىي ساقلاشتەك سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئەمەلىي بېكىتىش، ساقلىيالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

     (3) ئومۇمىي نىشان. بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي رايونى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردە 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بېكىتىلىدۇ؛ باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بېكىتىلىدۇ؛ مەملىكەت بويىچە 2020 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، چېگرا ئېنىقلىنىپ، بەلگە قويۇلۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن تەسىس قىلىنىپ، زېمىن ئېكولوگىيە بوشلۇقى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، ئېكولوگىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 2030 – يىلىغا بارغاندا ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا دائىر ئورۇنلاشتۇرما تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىق تۈزۈمى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

     2. ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش

     ‹‹ئىككى توساق، ئۈچ بەلباغ›› ئاساس قىلىنغان قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك ئەندىزىسى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر زەنجىر، كۆپ نۇقتا›› دىن ئىبارەت دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، يەرلىكنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئۆزئارا بىرلىشىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ئىلمىي بېكىتىلىدۇ.

     (4) بېكىتىش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە، 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش تېخنىكا قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ھەم ئېلان قىلىپ، سۇ مەنبەلىرىنى ساقلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئېكولوگىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى مۇھىم رايونلار، شۇنداقلا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىشى، يەرنىڭ قۇملىشىشى، تاشلىق چۆللۈككە ئايلىنىشى، ئىشقارلىشىش قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سەزگۈر، ئاجىز رايونلارنى باھالاش ئۇسۇلى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى مۇھىم رايونلار ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سەزگۈر، ئاجىز رايونلارنىڭ بوشلۇقتىكى تارقىلىشى پەرقلەندۈرۈلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى خىلدىكى رايونلارنىڭ بوشلۇقتىكى گىرەلىشىشى ئانالىز قىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ، بارلىق دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك ئېچىش مەنئى قىلىنغان رايونلار، شۇنداقلا قەتئىي ئاسراش زۆرۈرىيىتى بولغان باشقا خىلدىكى مۇھاپىزەتلىك يەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     (5) ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى چېگراسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئاسراش ئېھتىياجى ھەم ئېچىش – پايدىلىنىشنىڭ ھازىرقى ھالىتى بويىچە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل چېگرا سىزىقى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ چېگراسى سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ: تەبىئىي چېگرا ئاساسلىقى يەر تۈزۈلۈشى، شەكلى ياكى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئاساسەن چېگراسى ئايرىلىدۇ، مەسىلەن: ئورمان لىنىيەسى، قار سىزىقى، دەريا ۋادىسى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تارقاقلىشىش چېگرا سىزىقى قاتارلىقلار؛ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى قاتارلىق ھەر خىل مۇھاپىزەتلىك رايونلارنىڭ چېگراسى؛ دەريا، كۆل ۋە دېڭىز قىرغىقى قاتارلىق قۇرۇقلۇق (ياكى دېڭىز)قا قاراپ مۇئەييەن ئارىلىققىچە كېڭەيگەن چېگرا؛ مەملىكەت بويىچە يەر تەكشۈرۈش، جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان يەر چېگراسى. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى يەر بۆلەكلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك سىستېما تۈرى، ئاساسلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش خاراكتېرى ۋە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىر تۇتاش بېكىتىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ مەملىكەتلىك ‹‹خەرىتىسى›› شەكىللەندۈرۈلىدۇ. چېگرانى ئېنىقلاش ئاساسىدا بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇلغان بەلگە، بەلگە تاختىسى تەسىس قىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ توغرا ئەمەلىيلىشىشى، چېگراسىنىڭ ئېنىق بولۇشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

     (6) ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بوشلۇق ئەندىزىسى ۋە تەقسىملىنىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكە ھالقىغان بىرلەشتۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جايلارنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى دائىرىسىدىكى قوغدىلىدىغان سۇلۇق يەر، ئوتلاق، ئورمانلىق قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسى سانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە كۆزىتىش سىستېمىسى بىلەن ياخشى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئالاقىدار تەلەپ بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش مەسئۇلىيەتنامىسى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەسئۇل تارماقلارنى ئېنىق بېكىتىپ، مەخسۇس كۈچلەرنى تەشكىللەپ، خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئەتراپلىق دەلىللەپ، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ، بېكىتىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار، تەشكىلاتلار بىلەن بىللە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى تېخنىكىلىق باھالىشى ھەم پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە سۇنۇپ گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك ھۆكۈمەتلەر ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشى كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ئاساسىدا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۇتاشتۇرۇش، بىرىكتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەپ، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى شەكىللەندۈرۈشى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. دېڭىز – ئوكيان دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى ئەسلىي پىكرىگە ئاساسەن ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچەملىرىنى بېكىتىپ، دېڭىز – ئوكيان دۆلەت زېمىنى بوشلۇقى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تەشكىللەپ، ئۇنى مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى قاتتىق قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر›› (ئىككى تولۇق تېكىستى تۈگىدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

     3. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش

     يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسى كۈچەيتىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئائىت بىر يۈرۈش تەدبىرلەر شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

     (7) يەر تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاشقا مەسئۇل بولۇش سۇبيېكتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ئالاقىدار ئۇنىۋېرسال تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك، ماسلاشتۇرۇش، دائىمىيلىق چارلاپ قوغداش ۋە قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، ئاسراش نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە تەلەپلىرىنى قاتلاممۇ قاتلام تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قوغداشتا ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان ئىدارە ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش؛ بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. ئېھتىياجغا قاراپ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇش، قوغداش ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداشقا قاتنىشىشتىكى ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

     (8) ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ئورنىنى بېكىتىش. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئالاقىدار پىلانلار ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بوشلۇقىنى باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، پىلانغا ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشىشى كېرەك. بوشلۇقنى پىلانلاپ بېكىتىش ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى مۇھىم ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىشتىكى تۆۋەن چەك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     (9) قاتتىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېچىش چەكلەنگەن رايونلارنىڭ تەلىپى بويىچە باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئورنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۈرلۈك ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قەتئىي چەكلەش، ئىشلىتىش ئورنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە بولىدۇكى، تارايتىشقا بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ زور ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىقلار سەۋەبلىك تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى دەلىللىگەندىن كېيىن تەڭشەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئورنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئاساسىدا، قانۇن بويىچە تەستىقلىغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

     (10) ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش سىياسىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى تۇرۇشلۇق رايون ۋە نەپكە ئېرىشكەن رايونلارنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.

     (11) ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ساقلاش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇشنى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى مەشغۇلات ھېسابات دەپتىرى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. ياخشى ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە مۇھىم تۈرلەر ماكانلاشقان جايلارنى ئالدىن قوغداپ، ئېكولوگىيە كارىدورى تەسىس قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە باغلىنىشچانلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زىيانغا ئۇچرىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى رايونلارغا، تۈرلەرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، پېچەتلەپ تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرىنى ئاساس، ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوشۇمچە قىلىپ، ئېكولوگىيەنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ مەنبەلىرىنى ساقلاش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئاساسىي يېتەكچى قىلغان ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىگە ئىگە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى تاللاپ، قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش كېرەك. شارائىتى بار رايونلار ئېكولوگىيەنى قوغداش سەۋەبىدىن ئاھالىنى كۆچۈرۈشنى تەدرىجىي تېزلىتىپ، ئاھالىلەرنى مۇۋاپىق مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەگە كەلتۈرىدىغان بېسىمىنى ئازايتىشى كېرەك. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش پىرىنسىپى بويىچە دېڭىز – ئوكيان دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىكتە تۈزەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ئىچىدىكى دېڭىزغا قويۇلىدىغان دەريا ئېقىنلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك.

     (12) كۆزىتىش تورى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش تورى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يەر يۈزى ئېكولوگىيە سىستېمىسى، مۇھىتى، ھاۋارايى، گىدرولوگىيە، سۇ بايلىقى، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش، دېڭىز قاتارلىقلارنى كۆزىتىش پونكىت – نۇقتىسى، شۇنداقلا ئېكولوگىيەنى سۈنئىي ھەمراھلىق كۆزىتىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىسبەتەن مۇقىم ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىش – كونترول قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەيدۇ. دۆلەت ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتىغا تايىنىپ، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش، كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك كىلىمات ئاپىتىنى كۆزىتىپ ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى، تارقىلىشى ۋە ھالەت ئۆزگىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئېكولوگىيە خەۋپىنى ۋاقتىدا باھالاش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىنسانلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىپ بايقالغان مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەسىگە ئاساسەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، قانۇن – قائىدىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

     2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىشنى تاماملاش كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر دۆلەت ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىغا تايىنىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قاتلام، دەرىجە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

     (13) قەرەللىك باھالاشنى قانات يايدۇرۇش. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئەندىزىسى، سۈپىتى ۋە فۇنكسىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى ۋە ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىش كېرەك. قەرەللىك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئېلىمىزنىڭ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ، ناھىيە تەۋەلىكىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنىڭ ھالىتى ۋە ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش، نەتىجىسىنى باھالاشنى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ناھىيە تەۋەلىكىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى ئاساس قىلىش ھەم ئۇنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك.

     (14) قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش. ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى قانۇن ئىجراسى ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى دائىملاشتۇرۇشتىكى قانۇن ئىجراسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىجراسىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ، قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، دېلونى تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش بىرلەشمە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

     (15) باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە، باھالاش نەتىجىسى ۋە نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قوغداش ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى ھەم باھالاش نەتىجىسىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم پايدىلانما قىلىشى كېرەك.

     (16) جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش تەلىپىگە خىلاپلىق قىلغان، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان تارماقلار، جايلار، ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ جاۋابكارلىقى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار ۋە ‹‹پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان)›› قاتارلىق بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى خىزمىتىگە كۈچىمىگەنلەر قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇلۇپ، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ياكى پارتىيە ئىنتىزامى مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، جاۋابكار مەيلى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان – ئايرىلمىغان، ئۆستۈرۈلگەن ياكى پېنسىيەگە چىققان بولسۇن، جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     (17) تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باشلامچى بولۇپ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. جايلار تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى، نازارەتچىلىك ۋە ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ خىزمەت ئەندىزىسىنى تېزدىن بېكىتىشى ھەم ئۇنى قاتتىق ساقلىشى كېرەك.

     (18) سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق يەر، كەسىپ، مەبلەغ قاتارلىقلارنىڭ يانداش سىياسىتىنى بەلگىلەشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىش كېرەك. جايلار شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىپ يەرلىك نىزامىنى چىقىرىشى كېرەك. بازارلاشقان ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق قوغداش مەبلىغى توپلاپ، مەبلەغنىڭ بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     (19) ئورتاق قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىش – كونترول قىلىش، باھالاش، جازالاش ۋە باھالاش ئۇچۇرلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك، جايلار ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ تارقىلىشى، تەڭشىلىشى ۋە قوغدىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تاراتقۇ، پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

     بۇ پىكىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا دائىر باشقا سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى بۇ پىكىرنىڭ تەلىپى بويىچە تەڭشەش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. جايلار يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىپ، نىشان، ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتى ۋە ۋاقىت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تەلەپلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.