مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا باغلانغان چوڭقۇر رىشتە

    ئامانگۈل2017-02-17 11:11:28شىنجاڭ گېزىتى

     2016–يىللىق ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن›› شەخس ئابلېلىم ئابلىز توغرىسىدا (2)

      شيا چىڭ

     قومۇل شەھىرى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، جەمئىي 36 مىللەت بۇ زېمىندا ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ياشاپ كەلگەن. مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان ئابلېلىم ئابلىز ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئارىلىشىش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللاردۇر.

     ‹‹زەررىچە نۇرمۇ ھارارەت تارقىتىشى كېرەك››

     قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى غەربىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى خۇيكاڭيۈەن مەھەللىسىدە مول دېلو بېجىرىش تەجرىبىسى ۋە چوڭقۇر قانۇن بىلىملىرىگە ئىگە بىر خالىس قانۇن تەشۋىقاتچىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئابلېلىم ئابلىز.

     ھەر مىللەت ئاھالە قانۇن جەھەتتىكى قانداقلىكى مەسىلىگە يولۇقسا ياكى ماجىرا يۈز بەرسە ھەممىسى ئابلېلىم ئابلىزنى ئىزدەيدۇ، بەزىلىرى تېلېفون بېرىپ مەسىلىھەت سورىسا، بەزىلىرى ئۇنى ئىزدەپ ئۇدۇل ئۆيىگىلا بارىدۇ. خۇيكاڭيۈەن مەھەللىسى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇلدىن ئىبارەت بەش مىللەتتىن بولغان 2347 ئائىلىلىك بار چوڭ مەھەللە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر %62نى ئىگىلەيدۇ، نوپۇس كۆپ، يوشۇرۇن خەۋپ جىق، ماجىرا كۆپ يۈز بېرىش خۇيكاڭيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى.

     ئابلېلىم ئابلىز پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تەكلىپكە بىنائەن مەھەللىنىڭ خالىس قانۇن تەشۋىقاتچىسى بولدى ھەم 2013 – يىلى 3 – ئايدىن باشلاپ مەھەللىدە ھەر مىللەت ئاممىغا ئېلىمىزنىڭ ئۈچ چوڭ دەۋا قانۇنىنىڭ ئۇقۇمى ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى سۆزلەپ بەردى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنىنى چۈشەندۈردى ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈردى.

     ئابلېلىم ئابلىز قانۇننى خالىس تەشۋىق قىلىش جەريانىدا، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ شىنجاڭ كادىرلار ئىنستىتۇتى، قومۇل شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، قومۇل تېخنىكا ئىنستىتۇتى ھەم ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، يېزىلاردا 20 نەچچە قېتىم قانۇن ئىدارە قىلىشتىن دەرس ئۆتتى، ئاڭلىغۇچىلار 3500 دىن ئاشتى، ئۇ پېشقەدەم كوممۇنىستنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى، كوممۇنىزمغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىنى نامايان قىلدى.

     ئابلېلىم ئابلىز ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان خۇيكاڭيۈەن مەھەللىسىدە قانۇنغا خىلاپ بىرمۇ جىنايەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىرەر ئىشمۇ يۈز بەرمىدى، ھەر مىللەت ئاھالە دوستانە، ئىناق ئۆتىدىغان بولدى. 2015 – يىلى 5 – ئايدا خۇيكاڭيۈەن مەھەللىسى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە ئىلغار ئورۇن، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

     ئابلېلىم ئابلىز مۇنداق دېدى: جياۋيۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش ئىش ئورنى، ياش پەرقى ئايرىمايدۇ، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمنى يوقاتسام بولمايدۇ، زەررىچە نۇرمۇ ھارارەت تارقىتىشى كېرەك.

     ‹‹كۆپچىلىك بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ››

     قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى ‹‹شۇدې›› ئائىلە سايمانلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى جاڭ خۇڭكۇي بىلەن ئابلېلىم ئابلىز سىرداش دوستلاردىن.

     جاڭ خۇڭكۇي چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: ئابلېلىم بىلەن تونۇشقانلىقىمىز ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تەلىيى، ئۇ بولمىغان بولسا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ كۈنلىرىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭ قەلبىمدە ئۇ ئەڭ يېقىن ئاكام.

     ئابلېلىم ئابلىز بىلەن جاڭ خۇڭكۇينىڭ تۇغقانلاردىنمۇ چارە ئىشلىرىنى 19 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 1998 – يىلى گەنسۇدىن قومۇلغا كەلگەن جاڭ خۇڭكۇي شۇ جايدىكى بىر ساتىراشخانىنى زىننەتلەش ئىشىنى قىلدى، ئىشنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، خوجايىن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىدى. ئىلاجىسىز قالغان جاڭ خۇڭكۇي خوجايىن ئۈستىدىن قومۇل شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، دەۋادا ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ يەنىلا پۇلىنى ئالالمىدى. شۇ ۋاقىتتا قومۇل شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابلېلىم ئابلىز بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جاڭ خۇڭكۇيگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ 4500 يۈەن ئىش ھەققىنى ئېلىپ بەردى.

     شۇنىڭدىن كېيىن، ئابلېلىم ئابلىز جاڭ خۇڭكۇيگە ياردەملىشىپ ئىش ئۇقۇشۇپ بەردى، جاڭ خۇڭكۇي ھەم ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ نوپۇسىنى بېجىرىپ بەردى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ھەل قىلىپ بەردى... 19 يىلدىن بۇيان، جاڭ خۇڭكۇي ئائىلىسىدىكىلەر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئابلېلىم ئابلىزنىڭ پىكرىنى ئالدى. ھازىر جاڭ خۇڭكۇينىڭ ئىككى بالىسى ئۆي – ئوچاقلىق بولدى، ئۇمۇ ئائىلە سايمانلىرى دۇكىنى ئېچىپ، يىلدا 100 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى.

     ئابلېلىم ئابلىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن نەپ ئالغۇچىدۇر.

     يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئابلېلىم ئابلىزنىڭ ئىككى بېلىكى ئاغرىپ، ئۇيۇشۇپ قالىدىغان بولدى،ھەتتا ئاغرىق دەستىدىن كېچىلىرى ئۇخلىيالمايتتى. 2016 – يىلى 7 – ئايدا خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ياردەم بېرىشى بىلەن، ئابلېلىم ئابلىز خېنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك كېسەللىرى بۆلۈمىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقايماي كەلگەن كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتتى. ئابلېلىم ئابلىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، دوختۇرخانا رەھبەرلىكى ئۇنىڭ كېسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ ياخشى دوختۇرلارنى ئوپېراتسىيەگە، ئەڭ ياخشى سېسترالارنى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

     ئابلېلىم ئابلىز خېنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان كۈنلىرىنى ئەسلىسە ھازىرمۇ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە خېنەندىكى دوختۇر – سېسترالار ماڭا ئۆز تۇغقىنىدەك مۇئامىلە قىلدى. داۋالاشتىن تارتىپ تۇرمۇشۇمغىچە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، ئاشۇ قېتىمقى دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش بىر مىنۇتمۇ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.