مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

    ئامانگۈل2017-02-17 11:11:29شىنجاڭ گېزىتى

    پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى

     جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى پارتگۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ھەم سۆزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

     نەيىم ياسىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەندى، بۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

     نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىي غايىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەش، سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئىنتىزامغا قەتئىي ئەمەل قىلىش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشاننى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈش، 2017 – يىللىق خىزمەت – ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئورگانلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

     نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئورگاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇتۇشى، ھەر قايسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش، سۆزنىڭ روھىنى تولۇق چۈشىنىش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قويغان تىرىشىپ ‹‹توققۇز خىل ئادەم بولۇش›› تەلىپى بويىچە، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇشنى باشتىن – ئاخىر ساقلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ھۆرىگۈل جاپپار، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ پارتىيە ياچېيكا(پارتىيە باش ياچېيكىسى) شۇجىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.