مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن قاتتىق تەلەپچان بولۇشى كېرەك

    ئامانگۈل2017-02-17 11:11:30شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

    ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

     ‹‹رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار جەزمەن تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېھتىياتچان بولۇپ، دائىم ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقى، مىجەز – خۇلقىنى چېنىقتۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جەزمەن قاتتىق تەلەپچان بولۇشىنى تەكىتلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قاتتىق تەلەپچان بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى بىلىش نەزەرىيەسى قاتلىمىدىن شەرھلەپلا قالماي، مېتودولوگىيە قاتلىمىدىن ‹‹تۆتكە ئەھمىيەت بېرىش›› توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

     ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇ تەلەپلەرنى جەزمەن ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئۆز – ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى، پاك – تەلەپچان بولۇش مىزانىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش، پاكلىق، تىرىشچانلىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئاڭلىق تەكشۈرۈپ ۋە ۋاقتىدا تۈزىتىپ، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مەنىۋى توغاننى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ھەقىقىي مۇستەھكەملىشى كېرەك.

     رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قاتتىق تەلەپچان بولۇشىنى نېمە ئۈچۈن گەۋدىلىك تەكىتلەيمىز؟ رەھبىرىي كادىرلاردا بەلگىلىك ھوقۇق بار، ئۇلار تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇش ۋە قىلتاققا دۇچ كېلىپ، كۆپ ھاللاردا ‹‹ھۇجۇم قىلىش، ئۆزىگە قارىتىش، قورشاپ ئوۋلاش›› ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلماي، نىشاندىن ئېغىپ كەتسىلا ھەر ۋاقىت ‹‹پايدىنىلا كۆرۈپ زىياننى كۆرمەيدىغان›› قىلتاققا چۈشۈپ كېتىپ، ھەر زامان <شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى>نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ۋەزىپىسىدىن چۈشۈپ كەتكەن كادىرلارنىڭ چۈشكۈنلىشىپ تۇتقۇنغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلار ئۆزىنى ئاستا – ئاستا ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، تەدرىجىي ھالدا ناچارلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. بۇ، ئەگەردە رەھبىرىي كادىرلاردا ھوشيارلىق بولمىسا، تۆۋەن چەكنى مەمۇرىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت، پارتىيەگە كىرگەن چاغدىن باشلاپ تۇرغۇزمىسا، ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى؛ ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر سەگەكلىكنى ساقلاپ، قاتتىق تەلەپچان بولغاندىلا، بىر سەۋەنلىكنىڭ دەردىنى ئۆمۈر بويى تارتىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

     قاتتىق تەلەپچان بولۇشتا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېھتىياتچان بولۇشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ. ئېھتىياتچان بولۇش ئېلىمىز قەدىمدىن تارتىپ تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر خىل ئۆزىنى چەكلەش روھى، شۇنداقلا كومپارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىر خىل تەربىيەلىنىش مەنزىلى. رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالمىسا باشقىلار ئۇنى ھەر قانچە قىلىپمۇ باشقۇرالمايدۇ، چۈنكى باشقىلار ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت قاراپ تۇرالمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى يەڭ ئىچىدە، باشقىلار يوق چاغدا، نازۇك ھالقىلاردا ئېھتىياتچان بولغان – بولمىغانلىقىدا؛ باشتىن – ئاخىر ئۆز – ئۆزىنى مەيلىگە قويۇۋەتمەي، چەكتىن ئېشىپ كەتمەي، قائىدىگە خىلاپلىق قىلماي، يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان ھوقۇقنى پىرىنسىپ بويىچە توغرا يۈرگۈزۈشىدە؛ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىل يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىل يۈرگۈزمەسلىك، رەھبەرلىك بەنزە كوللېكتىپ يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى بەنزە ئەزالىرى ئۆز ئالدىغا خالىغانچە يۈرگۈزمەسلىك، ئۆزى يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ھوقۇقنى جەزمەن يۈرگۈزمەسلىكتە.

     كۆپ ۋاقىتلاردا تەدرىجىي ئۆزگىرىش مەسىلىسىنى بايقاش ناھايىتى تەس، ‹‹نەپسى دېگەن بالادۇر، ئاخىر ئوتقا سالادۇر›› دېگەندەك ئەھۋاللاردىن ئاسانلىقچە ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا كىشىلەر بىلمەيدىغان، ئەمما ئۆزىگىلا ئايان بولغان قەلبىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلاردا قاتتىق تەلەپچان بولۇپ، ھېيىقىدىغان، ئاددىي قەلبنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر قىل ئۈستىدە تۇرغاندەك ھوشيار بولۇپ، باشتىن – ئاخىر چىن قەلبىدىن ھېيىقىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيەنى، خەلقنى، مەسئۇلىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چىن كۆڭلىدىن پەخەس بولۇپ، سىياسىي ئىرادە، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش، كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆھپىسى بىلەن قىلچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىقىغا توغرا كېلىدۇ.

     رەھبىرىي كادىرلار قاتتىق تەلەپچان بولۇشتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە ئالاھىدە ھوقۇق ئىدىيەسى ۋە ئالاھىدە ھوقۇق ھادىسىسى بىلەن ئاڭلىق كۈرەش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشنى ئۆزىدىن، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى باشقۇرۇشتىن، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن جايدا ئالاھىدە ھوقۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قارشى تۇرۇش مۇداپىئە تورى قۇرۇشتىن باشلىشى كېرەك؛ خادىملارنى تاللاش، ئىشقا قويۇشتا يۆنىلىشنى ئىگىلەش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى خادىملارنى تاللاش، ئىشلىتىش كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك؛ مەنپەئەت گۇرۇھى تەرىپىدىن ‹‹قورشاپ ئوۋلىنىش››تىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىلىشىش پىرىنسىپلىق بولۇش، چېكى بولۇش، قائىدىسى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ نازارەتنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن نازارەتنى رەت قىلماسلىقى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىمۇ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن نازارەتچىلىكنى بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك.

     ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ يولى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى. ‹‹تۆتكە ئەھمىيەت بېرىش››نى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قاتتىق تەلەپچان بولغاندىلا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتەك پەزىلىتى بىلەن كۈچلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە يېڭى قىياپەت، يېڭى ھالەت كۆرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەمىزنى مەڭگۈ ئۇيۇشۇشچانلىققا، ئىجادكارلىققا، جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلالايدۇ.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.