مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئىنتىزامنى قەتئىي ئالدىنقى ئورۇنغا قويايلى

    ئامانگۈل2017-02-17 11:11:31شىنجاڭ گېزىتى

     ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتىنى چىڭ، ھەقىقىي، ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا (5)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

    ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى كاپالەت ‹‹ئىنتىزام››.

     پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، قائىدىگە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتتىق ئىنتىزامنى بايرىقىغا يېزىپ كەلدى. پارتىيەنىڭ تەرەققىياتى، زورىيىشى قاتتىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىدىن ئايرىلمايدۇ. مەيلى ئىنقىلاب، ئۇرۇش يىللىرىدا بولسۇن ياكى تىنچلىق، قۇرۇلۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن، پارتىيەمىز قاتتىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە تايىنىپ، پارتىيە ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

     قاتتىق ئىنتىزام شىنجاڭدا تېخىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مۇجەسسەملەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە پائال، ياخشى، خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئىككى كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇنداق ئالاھىدە مەزگىلدە، ئەگەر پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىنمىسا سىياسىيدا بوشاڭلىق قىلىش، چېچىلاڭغۇلۇق ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئۇيۇشۇشچانلىق، جەڭگىۋارلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز جەزمەن ئىنتىزامنى ھەقىقىي ئورنىتىپ، ئۇنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ‹‹يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى››غا ئايلاندۇرۇپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

     ئىنتىزامنى قەتئىي ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، ئالدى بىلەن قەتئىي سادىقلىقنى ساقلاپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىنتىزامنى چىڭىتىش، قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر، سىناققا قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى قوغداشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىرلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆڭلىدە ئەمەل قىلىش، ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىش، ھەرىكىتىدە چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يادرونى مۇستەھكەم، قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹يۇقىرىدا سىياسەت بولۇش، تۆۋەندە قارشى تەدبىر بولۇش››قا قەتئىي يول قويماسلىق، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىسىمۇ توختاتماسلىققا قەتئىي يول قويماسلىق، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەينەن ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىككە، تاللاش، ئۆزگەرتىشكە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىچى – تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قەتئىي قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يەنە تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش››نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، تەشكىلىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ نوپۇزى ۋە كەسكىنلىكىنى ئاپتونوم رايوندا ھەقىقىي تۇرغۇزۇش كېرەك.

     ئىنتىزامنى قەتئىي ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە قەتئىي يۈز – خاتىر قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تارىختىن بۇيان تۈزۈلگەن پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسى، تۈزۈملىرىنى تەپسىلىي ساناپ كەلسەك، بۇلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماي، قاپلىنىش دائىرىسىمۇ كەڭ، ئەمما قائىدىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىسى يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتىزام بولسىمۇ ئاساسلانماسلىق، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرالماسلىق ئەھۋالى يەنىلا بار. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئىنتىزامنى جەزمەن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە يۈز – خاتىر قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بىلەن پائالىيەتنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق ئىنتىزامنى پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈپ، كەسكىن بولۇپ، تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

     ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتكەندە، ئىنقىلابتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. بىز پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.