مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەندە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئاچتى

    نىجات نىياز2017-02-16 23:28:39تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    2-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن شەھىرىدە « ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

        تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: قوراللىق ساقچى قىسىم ج خ جەڭچىلىرى قەددىنى تىك تۇتقان، جەڭ ئاپتوموبىللىرى غۇيۇلدىغان، ساقچى گۈدۈكى ئاۋازى پەلەككە يەتكەن، مۇراسىمغا قاتناشقان شەھەر ئاممىسى ھاياجانغا چۆمگەن ئىدى...2-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن شەھىرىدە « ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئاچتى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم، ج خ ئالاھىدە ساقچى، خەلق ئەسكەرلىرى قاتارلىقلار بولۇپ نەچچە مىڭ ئوفېتسىر-ئەسكەر يىغىنغا قاتناشتى.

        2-ئايدىكى خوتەننىڭ ھاۋاسى يېقىشلىق بولۇپ، ئىللىق شامال باھارنىڭ ھىدىنى ئېلىپ كېلەتتى. 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشىگە، قوراللىق ساقچى جەڭچىلىرى، ج خ كادىر –ساقچىلىرى، ئوت مۇداپىئە ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى قاتارلىق مۇقىملىقنى قوغدىغۇچى ھەر خىل كۈچلەر خوتەن شەھەرلىك ئىتتىپاق مەيدانىدا سەپ بولۇپ تىزىلىپ، كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش نۇرى ئاستىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ مەردانە تۇراتتى. مۇقىملىقنى قوغداش جەڭچىلىرى تۈرلۈك ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوراللانغان بولۇپ، جۈپ – جۈپ كۆزلەردىن نۇر، غەيرەت-شىجائەت ۋە ئىشەنچ پارلاپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدا بىرونوۋىك، ئوق ئۆتمەس ئەسكەر توشۇش ئاپتوموبىلى، تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئاپتوموبىلى، موتوسكلىت قاتارلىقلار قاتار تىزىلىپ تۇراتتى...ھەيۋەتلىك قوشۇنغا ماسلاشتۇرۇلغان سەر خىل قورال-جابدۇقلار كىشىدە ھاياجان ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتەك كەسكىن جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلاتتى.

        10دىن 50مىنۇت ئۆتكەندە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى رەسمىي باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. جۇ خەيلۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە، زوراۋان-تېررورچىلار بىزنىڭ ئىزچىل قاتتىق زەربە بېرىپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشىمىز، يۇقىرى بېسىمدا چۆچۈتىشىمىز نەتىجىسىدە، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، خۇددى قورققان ئىت تامغا سەكرىگەندەك، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ ۋە زىيان يەتكۈزۈپ، ئەڭ قەبىھ، ئەسەبىي، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان يىرگىنىچلىك ئەپت-بەشىرىسى ۋە ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى تۇرۇشتەك رەزىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. بىز چوقۇم پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك مۇشت، پولاتتەك زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن، مىلتىقنى بەتلەپ، شەمشەرنى غىلاپتىن چىقىرىپ، كۈچلۈك مۇشت ئېتىپ، ئېغىر، قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىۋاتقان دۈشمەننى بىتچىت قىلىپ، قالدۇق دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ھەيۋىمىزنى نامايان قىلىپ، توغرا كەيپىيات، تىنچ-ئامانلىقنى يارىتىشىمىز كېرەك.

        جۇ خەيلۈن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر قايسى مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، دۈشمەنگە زەربەر بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باشلامچى، زەربىدار بولۇپ، سەرخىل قوشۇن يېتىشتۈرۈپ، ئىسسىق قېنى ۋە ساداقىتى بىلەن خەلقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك! ھەمىشە تەييار تۇرۇپ، يۈكسەك ھوشيارلىق بىلەن زىچ ماسلىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە قوماندانلىق قىلىپ، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شايكىلارغا زەربە بېرىپ، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇپ، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى تارتىپ چىقىرىپ، مەنبەنى تېپىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىش كېرەك، باشتىن-ئاخىرى قوغلاپ ئۇرۇپ، باش كۆتۈرگۈزمەي زەربە بېرىپ، قېزىپ زەربە بېرىپ، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارغا دېمىنى ئېلىۋالغۇدەك پۇرسەت بەرمەي، قەتئىي، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۈزۈل-كېسىل ئۇرۇپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، يوشۇرۇن ئاپەت قالدۇرماي، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك! دادىل ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە، كەسىپ جەھەتتە، مەسئۇلىيەت جەھەتتە، ئىنتىزام جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قەھرىمانلىق خىسلىتىنى نامايەن قىلىپ، ھەيۋەتلىك قوشۇن، پولاتتەك قوشۇن، ھەققانىي قوشۇننىڭ قەھرىمانلىق مارشىنى ياڭرىتىشى كېرەك.

        مۇقىملىقنى قوغداۋاتقان جەڭچىلەر كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازدا: «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز، جەڭدە غەلبە قىلىمىز، ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرىمىز»، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئاۋازلار پەلەكنى تىترىتىپ، ئىتتىپاق مەيدانىنى زىل-زىلىگە سالدى. بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەنلا، جەڭچىلەر تەرتىپ بويىچە ئاپتوموبىللارغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ساقچى گۈدۈكى ياڭراپ، ھەيۋەتلىك قوشۇن ۋەزىپە رايونىغا قاراپ يول ئالدى. قوشۇن خوتەن شەھىرىنىڭ ھەر قايسى ئاساسلىق كوچىلىرىدىن ئۆتكەندە، ئامما ئىختىيارسىز قەدەملىرىنى توختىتىپ مۇراسىمنى كۆردى، ئاياللارنىڭ كۆزلىرى ھاياجاندىن نەملەندى، ئەرلەر بولسا قاتتىق چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى. كۆپچىلىك بەس–بەستە مۇنداق دېيىشتى: مۇشۇنداق قۇدرەتلىك قوراللىق كۈچ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلمىي تەدبىرى بولغان ئىكەن، ھەر مىللەت ئاممىسى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە چوقۇم غەلبە قازىنىمىز.

        ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەسەمياد يىغىنى كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە ھەرقايسى مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى يەنىمۇ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك داغدۇغا قوزغاپ، خەلقنى قوغداپ، دۈشمەننى چۆچۈتۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداشنى مەقسەت قىلغان.

    2-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن شەھىرىدە « ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئاچتى

    قەسەمياد يىغىنى نەق مەيدانى
    قەسەمياد يىغىنى نەق مەيدانى
    قەسەمياد يىغىنى نەق مەيدانى
    ھەيۋەتلىك قوشۇن ۋەزىپە رايونىغا قاراپ يول ئالدى
    ھەيۋەتلىك قوشۇن ۋەزىپە رايونىغا قاراپ يول ئالدى
    ھەيۋەتلىك قوشۇن ۋەزىپە رايونىغا قاراپ يول ئالدى
    ھەيۋەتلىك قوشۇن ۋەزىپە رايونىغا قاراپ يول ئالدى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.