مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتەيلى

    ئامانگۈل2017-02-16 10:37:29شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا يەشمە (4)

      لى چۈنشيا

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2017 – يىلى ‹‹ ئون تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا››نى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك، بۇنىڭ بىرى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش. ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ – ئۈمىدىگە بېقىپ، ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىش خىزمىتىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، خەلققە پايدىلىق، ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئەلرايىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇدا يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىگە كۆپ مەبلەغ سېلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. 2017 – يىلى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش قۇرۇلۇشىدا قانداق يېڭى ھەرىكەتلەر بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى چۈشەنچە بەردى.

     خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتۇر

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ شياۋ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىم ئېشىش دېگەنلىكتۇر.

    خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئەلرايى ئەلنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش شىنجاڭدىكى 20 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىنى ئولتۇرىدىغانغا ئۆيى بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشتەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش دېگەنلىك.

     خەلق تۇرمۇشىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە جەھەتتىن ياخشى تۇتۇش كېرەك: بىرىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى كېڭەيتىش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قىيىنچىلىقى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش؛ ئىككىنچىدىن، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى، يەسلى مائارىپى، كەسپىي مائارىپنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق نامرات رايونلاردا يەسلى ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنى تېزدىن يەسلىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ تۆتىنچىدىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەر خىل سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ بەشىنچىدىن، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇراھال، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

     جۇ شياۋ مۇنداق دېدى: كۈچ سەرپ قىلىپ، سېلىنمىنى زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك. ئامما ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بەزى مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلغاندىلا ئەلرايىنى ئۇتقىلى، ئەلنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ، بۇ، مۇقىملىقنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

     مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سېلىنمىسى زورايتىلدى

     مەدەنىيەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ جېنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى.

     جۇ شياۋ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيەلىنىش، داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچ – قۇدرىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

     مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىشتە جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى يېزىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا يېزا – بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت(مەھەللە) مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك.

     ماناس ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىڭلېي مۇنداق دېدى: ماناس ناھىيەسى دۆلەت جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى 100 مىليون يۈەندەك مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، %92تىن كۆپرەك كەنت (مەھەللە) مەدەنىيەت ئۆيىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرغاچقا پائالىيەت نورماللىشىپ، بازىنىڭ رولى كۆرۈنەرلىك گەۋدىلەندى؛ 116 كىشىلىك ئەلئارا مەدەنىيەت باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلدى، 22 سەنئەت ئۆمىكى يېتىشتۈرۈلدى، ھەر يىلى 500 نەچچە مەيدان (قېتىم) زۇمرەت مەدەنىيەت بايرىمى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 100 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

     ۋاڭ شىڭلېي مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىشتە مەدەنىيەت يەتكۈزۈش، ‹‹مەدەنىيەت تارقىتىش›› جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەھنىلەردە باش رول ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش، مەدەنىيەتتىن ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىش، سىڭىشىش، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قالماي، مۇھىمى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› ئېڭىنى كۈچەيتتى. مەدەنىيەت كۈندىن –كۈنگە ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قوزغايدىغان، ئەلنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

     خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى

     جۇ شياۋ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

     ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇدا ئۆستۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئۆستۈرۈش، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايلاردا داۋالىنىشنى تورلاشتۇرۇپ راسچوت قىلىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش.... تەك بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خۇددى ئىللىق قۇياش نۇرى ۋە شەبنەم تامچىسىدەك ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈردى.

     ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونىمىز 2017 – يىلى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەردىن 2 مىليون 600 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەكىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز 2017 – يىلى شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق، تېخىمۇ ئادىل، سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنىڭ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەن چېڭ مۇنداق دېدى: كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولغا قويغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش، بۇ قۇرۇلۇشنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بولۇشى، غەمخورلۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا يەتكۈزۈش كېرەك.

     جۇ شياۋ مۇنداق دەپ قارىدى: شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تەبىئىي شارائىتىدا ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەستىن مېڭىپ، شىنجاڭ ئاسمىنىنىڭ كۆك، زېمىنىنىڭ يېشىل، سۈيىنىڭ سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا گۈزەل، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.