مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-02-16 10:35:34شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەخسۇس رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى3–قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

    ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

     لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەخسۇس رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 2016 – يىللىق چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنى يەكۈنلىدى، 2017 – يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەخسۇس رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەخسۇس رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىدە ياخشى ئىلگىرىلەش بولدى. مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى خىزمەتنى يۇقىرى ئورۇندىن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنى دۆلەت قاتلىمىدىن زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت مەخسۇس خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى. مەخسۇس خىزمەتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلدى.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەخسۇس خىزمەتكە مەسئۇل بولغان ۋە قاتناشقان تارماق، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن تونۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇھاجىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇھاجىرلارنى مايىل قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مۇھاجىرلارنىڭ ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ ئەڭ كەڭ بىرلىك سېپىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

     نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەزا ئورۇنلار مەخسۇس خىزمەتنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇل خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەتچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى؛ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەخسۇس خىزمەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ قۇرۇق جازا بولۇپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىپ، كۆپلەپ تەكلىپ – پىكىر بېرىشى؛ ئىلمىي خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەخسۇس خىزمەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەخسۇس رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن تۇنىياز يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ 2017 – يىللىق ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاجىرلار خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.