مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن مەركەزلىك كۆزىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

    ئامانگۈل2017-02-16 10:35:32شىنجاڭ گېزىتى

      جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە مەركەزلىك كۆزىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

     ۋەكىللەر ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىنىڭ چىداۋان تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى، ‹‹كىچىك قوڭغۇراق›› يەسلىسى، ليۇداۋان مەسچىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، سانجى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا سانائەت رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىش، تۈرلۈك قارالما ۋە دوكلاتلارغا قاراپ چىقىشقا يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى بېرىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

     ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2016 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، شۇنداقلا 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ھەم نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى نەيىم ياسىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا جەمئىيەت ئىناق ھەم مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، شەھەر قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتىدۇ، ئىككى جاي تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

     نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ھەم ھەر مىللەت خەلق رازى بولغۇدەك ئىشلىشى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، يىلتىز تارتىپ، مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەركەزلىك كۆزىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتىكى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىشى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

     كۆزىتىش مەزگىلىدە، ۋەكىللەر دۆلەت قاتلىمىدا تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە تەكلىپ – پىكىرلەر توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

     يەرلىكتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش داۋامىدا، ۋەكىللەر ئىككى جاينىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇھىت ئاسراش، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆزىتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

     مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي، مەمتىمىن ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوڭ شىنگۇاڭ، نىجات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل پائالىيەتكە قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.