مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زېھنىنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    ئامانگۈل2017-02-16 10:35:31شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايون ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

      لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زېھنىنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم فاڭجېن، سىياسەت ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ‹‹بىر يۈرۈش تەدبىرلىرى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     ئاپتونوم رايون ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى تەقسىملەش لايىھەسى››نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 11 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، 14 جەھەتتىكى 89 نۇقتىلىق ۋەزىپىنى بېكىتىپ، باشلامچىلىق قىلىدىغان ۋە ياردەملىشىدىغان ئورۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ‹‹مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەش لايىھەسى››دىكى تەلەپلەر بويىچە ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، لايىھە، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق قىلىش ۋە ياردەملىشىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش روھى بىلەن، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم يېڭى ۋەزىيەت بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جيارۈي ‹‹مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەش لايىھەسى››گە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردى.

     يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇنداق يەتتە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە سىياسىي ئىنتىزام، دېگەن مۇھىم ئىدىيەنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى ھەقىقىي تۈردە سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە سىياسىي تەلەپ دەپ بىلىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى توغرىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەش ۋە ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر خىزمەتنى تۇتىدىغان، باشقۇرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان ئادەم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش غەيرىتى ۋە جاسارىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى تۇرغۇزۇپ، زىددىيەتكە يۈزلىنىش، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ۋە نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا دېگەننى قىلىش، قىلغان ئىكەن نەتىجە يارىتىش مۇھىم ئىدىيەسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئىجادچانلىق ۋە ئۈنۈمدارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئۆز فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە، خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى ھەم چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى خاتىرجەم، ھەر مىللەت ئاممىنى رازى قىلىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىدىغان، ئىنچىكە، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھىم ئىدىيەسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ، كونكرېت تۈگۈنلەرنى ئىگىلەپ، ئىنچىكە، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ‹‹دەل جايىدا بولۇش››، ‹‹ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› تەلىپىنى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بېكىتىش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ بارلىق جەريانى، ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇھىم ئىدىيەسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ سىستېمىلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەم ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش، بىرىنى دەپ بىرىدىن قۇرۇق قالىدىغان، ئۆزئارا ئورنىغا دەسسىتىدىغان ئىشنى قىلماسلىق؛ ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسلىق زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرەپلىرىنى چۆرىدەپ، مەركەزلىك كۈچەش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا چىداملىق بولۇش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى غەيرەت ۋە ئىرادىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، تۈپتىن باشقۇرىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق، ئاساس سالىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام تونۇتۇش مۇھىم ئىدىيەسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە بىرىكمە كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت مەسئۇلىيەتلىرىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەت ئارقىلىق بېسىمنى تونۇتۇپ، بېسىم ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، قاتناش نازارىتىدىن ئىبارەت بەش تارماق سۆز قىلىپ پوزىتسىيە بىلدۈردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.