مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

    ئامانگۈل2017-02-16 10:35:26شىنجاڭ گېزىتى

     ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئادەمنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئادەمنى ھالقىلىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش – قىلدۇرالماسلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

     يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى تۇتۇشنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە نەمۇنە بولۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قائىدە – تۈزۈم بېكىتىپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

     ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە نەمۇنە بولۇشتا ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ھەر يىلنىڭ بېشىدا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ئۆز قەرەلىدە ئېچىلىۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا كۇرسانتلارغا ‹‹تۇنجى سائەتلىك دەرس››نى ئۆتۈپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپنى بەلگىلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدۇ.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015 – يىلى 2 – ئايدا پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدا، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. شى جىنپىڭ بىر ئايدىن كېيىن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى چىڭ تۇتۇشتا. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك.

     ئادەم ئۆزى ئۈلگە بولمىسا، باشقىلار ئۇنىڭغا بويسۇنمايدۇ، ئىشلاردا ئۆزى باشلامچى بولمىسا، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

     باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016 – يىلى 10 – ئايدا ئېچىلغان نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىدە ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار دېگەن سۆزنىڭ مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىپ، ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چوقۇم رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنى چىڭ تۇتۇش ئاچقۇچ››، ‹‹بۇ كىشىلەر ياخشى تۇتۇلسا، پۈتۈن پارتىيەدە ئۈلگە بولغىلى، نۇرغۇن ئىشلارنى تېخىمۇ ئاسان بېجىرگىلى بولىدۇ››، دېيىلدى.

     پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىر قانچە مىزان››دا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بۇ مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈش؛ ماقۇللانغان ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى››دا پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىگە ئائىت مەخسۇس ئايرىم بىر باب تەسىس قىلىپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى چىڭ تۇتۇشنى گەۋدىلىك تەكىتلەش كېرەك.

     تۇتقا تۇتۇلسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ، ئاساس تۇتۇلسا باشقىلارغا يول ئېچىلىدۇ.

     دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەي مۇنداق دېدى: تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگودىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە؛ پارتىيە پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىدا، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىدا.

     تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە نەزەر سالساق، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى چىڭ تۇتۇش شۈبھىسىزكى ئۇنىڭغا باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

     بۇ بىر مەيدان يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، قاتلاممۇقاتلام سەپەرۋەر قىلىنغان سىياسىي ئەمەلىيەت.

     مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 2013 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىغا ئەزا يولداشلار تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى.

     ‹‹تۆمۈر قىزىقىدا سوقۇلۇپ››، ھەممە ھالقىلار ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى.

     ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنغان ھالدا 2015 – يىلدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارغا مەركەزلەشتۈرۈلدى؛ 2016 – يىلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشى بارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغىچە كېڭەيتىلدى. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولغان، قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان تەربىيە – ئەمەلىيەت جەريانى روشەن نامايان قىلىندى.

     ئوخشاشلا ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن نەمۇنە بولۇپ، ئۈلگە بولۇش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشىپ بىر ئاي بولمايلا، 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېنغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يول توسۇلمىدى ۋە ئېتىپ قويۇلمىدى، خەلق ئاۋارە قىلىنمىدى، قارشى ئېلىش لوزۇنكىلىرىمۇ ئېسىلمىدى، قاتلاممۇقاتلام ھەمراھ بولىدىغان ئىشمۇ بولمىدى...

     مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شيې چۈنتاۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاپ پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش بۇيرۇقى قەتئىي ئىجرا قىلىندى، قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇلمىدى، دەرىجىمۇ دەرىجە، ھالقىمۇ ھالقا تۇتۇلۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ياخشىلاشتا تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

     بۇ داۋاملىق ئويلىنىشقا تېگىشلىك، ئۈزلۈكسىز ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان سىياسىي تەلەپ.

     خىزمەت ئورنى قانچە يۇقىرى، ھوقۇق قانچىكى چوڭ بولغانسېرى، شۇنچە ئەيمىنىش، ئىشلارنى شۇنچە ئېھتىيات بىلەن ئىشلەش كېرەك.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدىن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدىن مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غىچە، نۇرغۇن يىغىنلاردا ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنى تۇتۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلامدا تۇرىدۇ، ئۇ ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار ئىچىدىكى ھالقىلىق ئاز سانلىقتۇر.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ نىشانىنى نىشان، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە زېرەكلەردىن بولۇشى كېرەك.

     ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بولسا مۇھىم ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لاردۇر.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ، ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۆزىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

    ھاكىم دەرىجىلىك كادىرلار يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر – بىرىگە باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقا، ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ‹‹بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى››.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى بولۇشتا چوقۇم جياۋ يۈلۇدەك ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى بولۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەنى، خەلقنى، مەسئۇلىيەتنى، ساۋاقلارنى قەلبىگە پۈكۈپ، پاك – دىيانەتلىك ئادەم بولۇپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، سەمىمىي ئەمەلدار بولۇش كېرەك.

     ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا، قاتتىق ئىدارە قىلىپ غەمخورلۇق قىلىشتا ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك

     2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مىنىستىرى لى لىگو ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈپېينىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، خىزمەتتە ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىندى.

     پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، تەۋەلىك ئورنىدا سىستېمىلىق چىرىكلىك مەسىلىسى يۈز بېرىپ، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ، دەرىجىسىنى بىراقلا تۆۋەنلىتىش جازاسىنىڭ بېرىلىشى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭ تۇتۇش ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭ تۇتقانلىقتۇر.

     سەنشى ئۆلكىسىدە سىستېمىلىق، غۇلاپ چۈشۈش شەكلىدىكى چىرىكلىك دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى؛ خېنەن شىنشياڭ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى لى چىڭگۈينىڭ مەزكۇر شەھەردە ئۇدا يۈز بەرگەن نازارەت دەرىجىلىك ئۈچ رەھبىرىي كادىرنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدا ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بولغانلىقتىن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى؛ لياۋنىڭدىكى پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىدا جەمئىي 955 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچى كادىر 34 كە يېتىپ، پۈتۈن پارتىيە ئىچىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

     مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلى 9 – ئايغىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان تىپىك دېلولار ئىچىدە، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەنلەر 397 ئادەم(قېتىم) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 – قول رەھبەرلەر %.7 62 نى ئىگىلەيدىكەن.

     ‹‹سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ››. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ بو مۇنداق دېدى: ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، دادىل بولمىسا، ھەتتا قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسا، شۇ كىشى چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى بىر تۈركۈم كادىرلارغا ناچار تەسىر بېرىپ، بىر تارماق ياكى بىر رايون، بىر سىستېمىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

     يۇقىرى ئورۇندا بولغانسېرى شۇنچە پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار بولغانسېرى، شۇنچە قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك.

     تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جازالاشتىن ئىبارەت بۇ قول قەتئىي بوشاشتۇرۇلمىدى، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ئالدىدا مۇستەسنالىق بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇلۇپ، كىمگە چېتىلىشىدىن، دەرىجىسىنىڭ قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈلدى، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلىنمىدى.

     مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچى كادىردىن 240 نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، بۇ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە تەكشۈرۈلگەن ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچى كادىر ئومۇمىي سانىنىڭ .6 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ 6600 دىن ئارتۇق نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرغا جازا بېرىلدى، بۇ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە جازا بېرىلگەن كادىر ئومۇمىي سانىنىڭ .2 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ...

     جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ‹‹تۆمۈر كېلىشىم›› يوق، ‹‹تۆمۈر قالپاقلىق شاھزادە››مۇ يوق. قانچىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر بولغانسېرى شۇنچە تەلەپچان بولۇشى، قەتئىي تەلەي سىناش خىيالىدا بولماسلىقى كېرەك.

     تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارغا قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ 1 – قول رەھبەرلەر نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، مەسىلە بايقالغاندا ئاشكارىلاشقا تېگىشلىكلىرى بىردەك ئاشكارىلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىندى.

     گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئوۋ چىڭپىڭ 2014 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ھۆكۈمەت پۇلىغا زىياپەت تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقاچقا، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ سابىق بانكا باشلىقى ياردەمچىسى ياڭ زىچياڭ ئۆزى تۆلەشگە تېگىشلىك خىراجەتنى ھۆكۈمەت پۇلىدىن چىقىم قىلغاچقا، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى...

     مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2016 – يىلىدىن كېيىن يۈز بەرگەن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلگەنلەرنى مەيلى دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىسىم – فامىلىسىنى ئاتاپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇلتۇر مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان تىپىك مەسىلىدىن 44 نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدى، بۇنىڭغا ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچى كادىردىن 11ى چېتىلدى.

     تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۈزۈم قۇرۇلۇشى قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە – نىزام سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، تۈزۈم قەپىزى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىلىپ، پارتىيەنى، ئەمەلدارلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بويسۇنىدىغان قائىدە، تايىنىدىغان ئاساس تېخىمۇ كۆپەيدى.

     ‹‹جورىسى چەت ئەل (چېگرا سىرتى)گە كۆچۈپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسى››، ‹‹رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىقالايدىغان – چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە (سىناق نۇسخىسى)››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى››نىڭ ئېلان قىلىنىشى، ‹‹پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش قائىدىسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى، شۇنداقلا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››غىچە بولغان بىر قاتار يېڭى تەدبىر، يېڭى ئىزدىنىشلار ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ‹‹بىرلا كىشىنىڭ گېپى گەپ بولۇش، دېموكراتىيە بولماسلىق››، ‹‹ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇش›› قاتارلىق خاھىشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدا ھەقىقىي ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى.

     دۇمباقنى قاتتىق ئۇرغاندىلا، ئاۋاز جاراڭلىق چىقىدۇ، قاتتىق باشقۇرغاندىلا، غەمخورلۇق قىلغىلى بولىدۇ.

     پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان كۈچلۈك ئىنتىزام چەكلىمىسى، قاتتىق تەلەپنىڭ تۈرتكىسىدە، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، قوشۇننىڭ ساپلىقى، جەڭگىۋارلىقى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى توختاۋسىز جارى قىلدۇرۇلدى.

     ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى كېرەك

     ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىسلاھاتنى تۇتۇشنىڭ ئاچقۇچى، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى چىڭ تۇتۇپ باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپلا قالماي، يەنە يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشكە، جاپا – مۇشەققەت چېكىشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك››.

     يېڭى يىل باشلىنىپ، ھەممە جاسارەتكە تولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 32 – قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۈچۈن ئىسلاھاتنىڭ جەڭ دۇمبىقىنى چېلىپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنىڭ ئىسلاھاتنى قانداق چىڭ تۇتۇشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     يېرىم ئاي ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭبېي ناھىيەسىگە بېرىپ، قار كېچىپ كەنتلەرگە چۈشۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مەسئۇل بولغان ‹‹1 – شۇجى››لاردىن زور ئۈمىد كۈتۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹پويىز تېزلىكىنى ئاشۇرۇشتا پۈتۈنلەي پاراۋۇزغا تايىنىدۇ!››.

     جاڭبېي ناھىيەسى دېشېڭ كەنتىنىڭ ‹‹1 – شۇجىسى›› سۇ خۇيبىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، يۈكىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇق، بىراق غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى، بىز ‹‹1 – شۇجى››لارنىڭ نىشانى نامراتلىق تۈگىمىگىچە قول ئۈزمەي، دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقىي يۆلەنچۈككە ئايلىنىش››. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە تۆت يىللا قالدى، نەچچە ئون مىليون نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداش يەنىلا مۈشكۈل؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىللىك ۋە قىيىن باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك، بۇنىڭدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ يول ئېچىپ سۈرئەتنى تېزلىتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا يەنە نۇرغۇن تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىشكە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلەشتە يەنىلا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا داۋاملىق ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىپ، قىلچە بوشاڭلىق قىلماي، داۋاملىق تۆھپە يارىتىش كېرەك.

     بىر پارتىيە، بىر دۆلەتتىن بىر بازار، بىر كەنتكىچە، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇھىم، ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

     مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

     ‹‹پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا، <ھالقىلىق ئاز سانلىق>لار بولغان يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ چىڭ تۇتۇشى بىلەن چىڭ تۇتماسلىقىنىڭ، بوش تۇتۇشى بىلەن ھەقىقىي تۇتۇشىنىڭ پەرقى بار››. شيې چۈنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، رەھبىرىي كادىرلار ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى كادىر››، ‹‹ئىش قىلمايدىغان كادىر››، ‹‹بۇيرۇقۋاز كادىر›› بولماستىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك.

     ۋەزىيەت ئالدىدا، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لار خىزمەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپلا قالماي، يەنە دادىللىق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشى كېرەك.

     ۋاڭ يۈكەي مۇنداق دېدى: ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار›› ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

     رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش قۇرۇق گەپ بولماستىن، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، كونكرېت خىزمەتلەردە نامايان قىلىشتۇر، يەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئەڭ ئاۋۋال يەتكۈزۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك قىلىش، پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ‹‹كەمتەرلىك بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت، دائىملىق روھىي ھالەت قىلىش كېرەك.

     پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.

     باش شۇ جى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئىدىيە ۋە نەزەرىيە تەييارلىقى خىزمىتى، تەشكىللەش تەييارلىق خىزمىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

     ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق›› لار بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشاننى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان بەش چوڭ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇش روھىي قىياپىتى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.