مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 2016 – يىلى خىيانەت قىلىپ چىرىكلىشىش جىنايى دېلوسىدىن 687نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

    ئامانگۈل2017-02-15 12:29:48شىنجاڭ گېزىتى

      ياڭ شۇخەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن خەۋەر تېپىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 2016 – يىلىدىن بۇيان، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرگە چېتىشلىق 741 كىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغان، 264 مىليون يۈەن زىياننى قايتۇرۇۋالغان.

     ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى 2016 – يىلى ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ تەڭ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىش جىنايىتىنى قەتئىي جازالاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ بەرپا قىلغان، چوڭ ۋە مۇھىم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىيانەت قىلغان، پارا ئالغان چوڭ دېلودىن 163نى، مۇھىم دېلولارغا چېتىشلىق ھاكىم ۋە باشقارما باشلىقىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 59 كىشى(نازىر دەرىجىلىك 11كىشى)نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان؛ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا چېقىلىشقا دائىر 128 جىنايى دېلوغا چېتىشلىق 148 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، دېلو بېجىرىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ 264 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇۋالغان؛ پارا بېرىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش، قاچقۇنلارنى تۇتۇش ۋە ھارام مال – پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش مەخسۇس خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارا بېرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق 174 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، 10 كىشىنى تۇتقان.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن مەسىلىلەرنى دېلو بىجىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارغا 235 تەكلىپ بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، 2113 مەيدان (قېتىم) ئالدىنى ئېلىش، ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى بەرگەن.

     تەپتىش ئورگانلىرى يەنە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر ئاسان ھەم كۆپ يۈز بېرىدىغان كەسىپ ۋە ساھەلەردە مەخسۇس ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى جەھەتتىن تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەمكارلاشقان؛ پارا بېرىش ئارخىپىنى 59 مىڭ 407 قېتىم سۈرۈشتۈرگەن، بۇ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.