مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كەنت زومىگەرلىرى ۋە جەمەتداش مۇشتۇمزورلارنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدا ‹‹پىكىر›› ئېلان قىلدى

    ئامانگۈل2017-02-15 12:29:46شىنجاڭ گېزىتى

    ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ‹‹تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ فونكىسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت زومىگەرلىرى ۋە جەمەتداش مۇشتۇمزورلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئېلان قىلدى ھەم مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى كەنت زومىگەرلىرى ۋە جەمەتداش مۇشتۇمزورلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىشى، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ كەنت زومىگەرلىرى ۋە جەمەتداش مۇشتۇمزورلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىشى كېرەك.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەپتىش ئورگانلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش، تەشكىلات – كادىرلار، ج خ، خەلق ئىشلىرى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، جازالاش، تەربىيەلەش، ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق فونكىسيەلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، كەنت زومىگەرلىرى ۋە جەمەتداش مۇشتۇمزورلاردىن ئىبارەت ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە››نى قەتئىي يوقىتىشى كېرەك.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى پارا بېرىش ياكى زوراۋانلىق ۋە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى كونترول قىلىۋالغانلار ھەم كەنت زومىگىرى ۋە جەمەتداش مۇشتۇمزورلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ ۋە قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ زورىيىپ بالا – قازا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلار ياكى پارا ئېلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ كەنت زومىگەرلىرى ۋە جەمەتداش مۇشتۇمزورلارغا ‹‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى›› بولغانلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىشى كېرەك.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەر، دېھقانلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەر، تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار، ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كەنت ئاھالىلىرىنى ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىشقا قۇتراتقان خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر كەنت زومىگەرلىرى ۋە جەمەتداش مۇشتۇمزورلارنى تېز تۇتۇپ ۋە شىكايەت قىلىپ، قانۇن بويىچە ئېغىر ۋە قاتتىق جازالاش كېرەك. توپلىشىپ جېدەل چىقىرىشتا تەشكىللەش، پىلانلاش ۋە قوماندانلىق قىلىش رولىنى ئوينىغانلار، زوراۋانلىق ۋە تەھدىت سېلىش ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئاممىغا زۇلۇم سالغانلار، كۆپ قېتىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئالاقىدار تارماقلار تەربىيە بېرىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىنمۇ تۈزەتمىگەنلەر، جىنايەتچىلەر شايكىسى بولۇپ تەشكىللەنگەنلەر، بولۇپمۇ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغانلارنى قانۇن بويىچە ئېغىر ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇش كېرەك.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى تەشكىلات – كادىرلار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا بولغان يېتەكلەش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىك سايلام تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئاممنىڭ ئارزۇسىغا ھەقىقىي ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنى ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ناچار ئادەملەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. دېلو بېجىرىش جەريانىدا يولۇققان كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ئاھالىنى كۆچۈرۈش، كوللېكتىپ مۈلۈكىنى بىر تەرەپ قىلىش، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، قوشنىلار ماجىرالىشىپ قېلىش ۋە جەمەتداشلار مەسىلىسى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پايدىلانغان زىددىيەت ۋە ماجرالارنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، يامان غەرەزدىكى كىشىلەر ۋە كۈچلەرنىڭ زىددىيەتتىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    جۇڭگو ‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.