مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى

    ئامانگۈل2017-02-15 12:29:47شىنجاڭ گېزىتى

     ئاينۇر ئابلىمىت

    ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئائىلە ئىناقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى›› 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش كۈچلۈك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مەزكۇر قانۇندا ئائىلە زۇلۇمىنىڭ چەك – چېگراسى، دائىرىسىگە ئېنىقلىما بېرىلىپ، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل ماجىرا، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ناكا قىلىش، باغلاپ قويۇش، دائىم تىللاپ ھاقارەتلەش، قورقۇتۇشتەك جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئېنىق بېكىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن تەكلىپ – پىكىر ئالدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى يىلى مۇنداق دېدى: ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئائىلە ۋە نىكاھ ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاياللارغا قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىز ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سانىيە مامۇت مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئاساسلىق ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياللارنى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار تەشكىلاتلىرى قوبۇل قىلغان ئەرز – شىكايەتنىڭ %70ى نىكاھ، ئائىلە ماجىراسىغا ئالاقىدار ئىكەن، بۇنىڭ %40ى ئائىلە زۇلۇمىغا چېتىلىدىكەن، زىيانلانغۇچىلارنىڭ %90ى ئاياللار، قالغىنى ياشانغانلار ۋە بالىلار ئىكەن. ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››دا تىللاپ ھاقارەتلەش، قورقۇتۇش قىلمىشلىرىمۇ ئائىلە زۇلۇمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئىلگىرى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ دەرىجىسى ئېشىپ كەتكەندە، جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىناتتى، ئەمما يېنىكلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىناتتى، بولۇپمۇ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمايدىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشقا دائىر قانۇن بولمىغاچقا، بۇنداق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش تەسكە توختايتتى. ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ئىسپات كۆرسىتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر قانۇندا ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان كىشى ج خ ئورۇنلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغاندا، ج خ ئورگانلىرى چوقۇم خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك، قالدۇرغان خاتىرىنى كېيىنكى دەۋا ئىشىدا ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراشنىڭ ئىسپاتى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

     ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش 3 – كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى رەيھانگۈل ئاسىم مۇنداق دېدى: ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاساسىي قانۇندىكى ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش پىرىنسىپىنىڭ تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دا، ئائىلە زۇلۇمى يۈز بېرىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، زىيانكەشلىك قىلغۇچى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى ۋە قەستەن قاتىللىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلاتتى، بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئائىلىسىدىكىلەرنى تاشلىۋەتكەنلەر تاشلىۋېتىش جىنايىتى بويىچە، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇزاق مۇددەت روھىي جەھەتتىن خورلىغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئازابلىغانلار خورلاش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىناتتى، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ قاراتمىلىقى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن بىزدىكى ‹‹ئائىلە زۇلۇمى ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشى، ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ، دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق›› دەيدىغان كۆز قاراشقا خاتىمە بېرىلدى. بۇ قانۇن بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىسىمۇ، شۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن خورلاش ھادىسىلىرىگىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. بۇ قانۇندا بالاغەتكە يەتمىگەنلەر، ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلار ئائىلە زۇلۇمىنىڭ تەھدىتى تۈپەيلى قورقۇپ ياكى بېسىمغا ئۇچراپ، ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلالمىغان ئەھۋالدا، مەكتەپ، يەسلى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دوكلات قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. ئەگەر يۇقىرىقى ئورۇنلار ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىسا، ئۇلارنىڭمۇ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

     شىنجاڭ ‹‹قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنى››نىڭ ئادۋوكاتى گۈلنار توختىنىياز مۇنداق دېدى: جەمئىيىتىمىزدە ‹‹ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار›› دەيدىغان ئىدىيەنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇتلۇقى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ تۈگىمەسلىكىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە قىسمەن كىشىلەر ئاغزىدىلا ئەر – ئايال باراۋەر دېگىنى بىلەن، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلماي كەلدى. ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ بۇ خىل ئىدىيەدىكى كىشىلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئەھمىيىتى چوڭ. ئۇزاق يىل ئادۋوكاتلىق قىلىش جەريانىدا، ئۆگەي ئاتا – ئانىلارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بالىلار، ئېرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك دېلولار بىلەن كۆپ ئۇچراشتىم. جەمئىيىتىمىزدە ئائىلە زۇلۇمىغا ئاياللارلا ئۇچراپ قالماي، بالىلار، ياشانغانلارمۇ ئۇچراۋاتىدۇ. كۈزىتىشىمچە، زىيانلانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانداق قوغداشنى بىلمەيدىكەن. شۇڭا، ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەننىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس خاسىيەت ئېلى مۇنداق دېدى: ئائىلە زۇلۇمىنى تۈگىتىش ئۇزاق مەزگىللىك جەريان. ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەزكۇر قانۇندا ئائىلە زۇلۇمىنى ئۈنۈملۈك توسۇش، تۈگىتىشتە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاياللار خىزمىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا دائىر قىلمىشلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەلۇم بىر ئورۇننىڭ ياكى بىرەر تەشكىلاتنىڭ ئىشى ئەمەس، مائارىپ، سەھىيە، مالىيە، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىغا كىرگۈزۈشى، ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلارنى پاناھلاندۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تەشۋىقات – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاياللارغا قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىگە ئىشىنىش، قەدىر – قىممىتىنى ساقلاش، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا سۈكۈتتە تۇرماي، مەسىلىنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشنى بىلدۈرۈش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ‹‹ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››نى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە قانۇن ياردىمى مەركىزىدىكى ئادۋوكاتلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھەقسىز ئادۋوكاتلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى قارار قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.