مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسلىق تۇتقا قىلىپ، پارتىيە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-14 11:49:15شىنجاڭ گېزىتى

     شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسلىق تۇتقا قىلىپ، پارتىيە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

    لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

    ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنى ئېچىشنى قارار قىلىشتىكى مەقسىتى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر، تەلتۆكۈس چۈشىنىپ، ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى توغرا، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسلىق تۇتقا قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

     كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى.

     شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىپادىلىدىكى، پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىيغا جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كەسكىنلىك، ئەستايىدىللىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ‹‹كالتسىي›› تولۇقلاش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى پاكلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، زەھەر تازىلاپ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ، سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنىڭ تۈپ يولى. قاچانكى پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش نورماللاشسا، ساغلاملاشسا پارتىيەمىزدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇپ، پارتىيەمىز ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، پارتىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا ئىللەتلەر كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ رايى يېنىپ، جەڭگىۋارلىق يوقىلىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمەي، پارتىيە ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، مۇستەھكەم سىياسىي غايە تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي تەجرىبە توپلاپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى پارتىيەۋىلىك بويىچە چېنىقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئاڭلىق ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى زىممىسىدىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ قىل دېگەننى قىلىشىغا، قىلما دېگەننى قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ ئاساسى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ھەر بىر پارتىيە تەشكىلاتى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر مەيلى قايسى ساھەدە، قايسى قاتلامدا، قايسى تارماق ۋە ئىدارىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىل دېگەننى قىلىشقا، قىلما دېگەننى قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىردەك. بىز يولغا قويغان دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ھەم مەركەزلەشتۈرۈش، ھەم دېموكراتىيە بولغان، ھەم ئىنتىزام، ھەم ئەركىنلىك بولغان، ھەم بىرلىككە كەلگەن ئىرادە، ھەم شەخسنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى بولغان جانلىق تۈزۈم، شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە مەركەزلەشتۈرۈش زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈم. پارتىيەمىز تارىختىن بۇيان پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيەنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتە جەزمەن تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەكلىپ – پىكىرلەرنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ھەر تەرەپتىن ئاڭلىساڭ ئەھۋال ئېنىق بولىدۇ، بىر تەرەپتىن ئاڭلىساڭ ئەھۋال تۇتۇق بولىدۇ، دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتا، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقىنى كۈچەيتىشتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ دەۋرچانلىقىنى كۈچەيتىشتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا دەۋر قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىپ، پارتىيە ئىچىدە كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى باشتىن – ئاخىر ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ پىرىنسىپاللىقىنى كۈچەيتىشتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى پىرىنسىپى، سىياسىي پىرىنسىپى، تەشكىلىي پىرىنسىپى، خىزمەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى پىرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىنى پىرىنسىپ بويىچە ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا بايرىقى روشەن ھالدا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى دادىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر پارتىيە تەشكىلاتىنى يامانغا لەنەت، ياخشىغا مەدەت قىلىدىغان جەڭگىۋار قورغانغا، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنى توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يامان كەيپىياتنى يوقىتىدىغان جەڭچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى ھەم پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت، مىللەت، خەلقنىڭ مەنپەئىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق. ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتمىغاندىلا ئەڭ زور مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرگىلى، پارتىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ؛ كەمچىلىكلەرنى يوشۇرماستىن، مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماستىن، خاتالىقنى يوشۇرماستىن، قىيىنچىلىق بولسا قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى، ساقلانغان مەسىلە بولسا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى، خاتالىق يۈز بەرسە خاتالىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈزەتكىلى بولىدۇ. پارتىيەمىزنى قۇدرەت تاپقۇزىمىز، كۈچەيتىمىز دەيدىكەنمىز جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىمىزنى چېنىقتۇرۇشىمىز ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پەقەت تىرىشىپ كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۆز – ئۆزىمىزدىن ھالقىغاندىلا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلالايمىز.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار جەزمەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى كۈچەيتىشى، ئېھتىياتچان بولۇشى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقىي پەزىلەت جەھەتتىن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىغا خاس سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى كۈچەيتىشتە مۇھىمى، خالىي ھەم ئادەم يوق چاغدا ئىنچىكە ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇشى، ھەر ۋاقىت ئەيمىنىش تۇيغۇسىدا بولۇشى، ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇشى، ھەر ۋاقىت سىياسىي، ئىنتىزام، ئەخلاق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى، باشتىن – ئاخىر بوشاشماسلىقى، يولدىن چىقماسلىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇشتا ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ئىدىيەسى ۋە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ھادىسىسى بىلەن ئاڭلىق كۈرەش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزىدىن باشلاپ ئىش كۆرۈشى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇشى، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن يەردىن باشلاپ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ئىدىيەسىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى چەكلەش مۇداپىئە تورى بەرپا قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىشى، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلار سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى، ھەر خىل ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا مەنپەئەتدارلار گۇرۇھىنىڭ ‹‹قورشاپ ئوۋلىشى››دىن ساقلىنىشى، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە ئېھتىياتچان بولۇشى، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشى، ئالاقە قىلىشتا پىرىنسىپ، چەك، قائىدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا نازارەتنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيەگە سادىق، ياۋاش بولۇشى كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەر قانداق باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ نازارەت قىلىشنى رەت قىلىشىغا، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ھەر قانداق باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ نازارەت قىلىشنى بوشاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››دا پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەم كېسەل كۆرسىتىپ بېرىلگەن، ھەم رېتسېپ يېزىلغان، ھەم ۋاقىتلىق تىزگىنلەش، ھەم تۈپتىن تىزگىنلەش تەدبىرى بېكىتىلگەن. ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››نى يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام››دىكى ھەر بىر جۈملە سۆز چوڭقۇر مەنىگە ۋە ئېنىق يۆنىلىشكە ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم. كۆپچىلىك ئۇنى قايتا – قايتا ئۆگىنىپ، قايتا – قايتا ئويلىنىپ، قايتا – قايتا سېلىشتۇرۇشى، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئىگىلىشى كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي مەسئۇلىيەت، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››نى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەر بىر پارتىيە تەشكىلاتى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ 1 – قول رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى تۇتۇشى، ئۆزى باشقۇرۇشى، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە قېيىپ كەتمەسلىككە، نىشاندىن ئازماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىشى، مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەم ھەل قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتە قىلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، ئۆزى ئالدى بىلەن نەمۇنىلىك رول ئوينىشى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن تەلەپ قىلىنغان ھەممە ئىشنى ئۆزى ئالدى بىلەن ئورۇندىشى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ قىلىشى چەكلەنگەن ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزى قىلماسلىقى كېرەك. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىر كىشىنىڭ ياخشى باشلامچى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ياخشى ئوبراز تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     لى كېچياڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكى چىقىش قىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە دائىر مۇھىم مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ئۇنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ، ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، مۇھىم جەۋھىرىنى ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە تېخىمۇ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئورتاق يارىتىشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چىڭ تۇتۇشى، ئىسلاھات – تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، جاپاغا چىداپ ياخشى ئىشلەپ، پائال تۆھپە قوشۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.