مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    ئىسلاھاتنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىتىلىدۇ

    ئامانگۈل2017-02-08 10:48:20شىنجاڭ گېزىتى

     يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2016–يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە

     ‹‹بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 97 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەنە 194 ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر 419 ئىسلاھات لايىھەسىنى يولغا قويدى، ئاساسلىق ساھەلەرنى قاپلىغان ئىسلاھات ئاساسىي گەۋدىسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى››.

     2016 – يىلىنىڭ ئاخىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چېيىدا، بۇلتۇر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىجىل، كۈچلۈك، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق تەسۋىرلەپ، بىر يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

     بۇ بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقتىن قورقماي جاسارەت بىلەن دادىل ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ‹‹قىيىن ئىشلارنى ئاسان نۇقتىلاردىن باشلاپ تۇتۇش، چوڭ ئىشلارنى كىچىك نۇقتىلاردىن باشلاپ تۇتۇش››تەك ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتقا قوماندانلىق قىلىپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ‹‹نىشاننى توغرىلاش، قەتئىي ۋاز كەچمەسلىك››تەك قەتئىي، كەسكىن پوزىتسىيە بىلەن خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك ئىسلاھات ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى.

     ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلار يېڭىلدى، ئىسلاھاتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش توختاپ قالمىدى.

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يىلدىن بۇيان ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قەدىمىنى پۇختىلاپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى

     ‹‹ئەگەر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىنا سېلىشقا ئوخشاتساق، ئالدىنقى ئۈچ يىل ئۇل مۇستەھكەملەنگەن، ماتېرىياللارنى تاللاپ تام قوپۇرۇشقا تەييارلانغان ئۈچ يىل بولىدۇ. بۇ يىل ئاساسىي رامكىنى تىرىشىپ ئورنىتىمىز، بۇ بىر مۇھىم باسقۇچلۇق نىشان. بۇ نىشانغا يەتسەك، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي نىشانىدا پۇختا قەدەم تاشلىغان بولىمىز››

    __ شى جىنپىڭ

     2016 – يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى بىلەن قىيىن باسقۇچ ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، ئىسلاھاتنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى سىجىل زورايدى، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم يارىتىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر سىياسىي نۇقتىئىينەزەر ۋە سەزگۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە تۈرلۈك ساھەدىكى ئىسلاھاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، بىر قاتار يېڭى ئىسلاھات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە ئارقىلىق ئىسلاھاتنى باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشكە باشلىدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016 – يىلىنىڭ بېشىدىلا چۇڭچىڭ شەھىرىگە كېلىپ، پورت، كارخانىلاردا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل.

     باسقۇچلۇق نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 20 – قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بىر يىللىق ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ساھەلەردىكى نېگىزلىك ئىسلاھاتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان ئىسلاھات تۈرلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرەكلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تۆت قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 616 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ داۋاملاشتۇرۇپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈردى. ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا مەركەزنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ‹‹ئىسلاھات دولقۇنىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش››تەك ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

     ئىقتىسادىي ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا قارشىلىق كۈچى چوڭ، مەنپەئەتنى تەڭشەش تەس بولغان قىيىن مەسىلىلەر چىڭ تۇتۇلۇپ، داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك، ھالقىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ رولى تەدرىجىي گەۋدىلەندۈرۈلدى.

     دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى دەلىللەشتە سالماق ۋە ئېھتىياتچان، ھەرىكەتتە تەشەببۇسكار بولۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى توسالغۇلار ھەل قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ مۇكەممەل خەلق دېموكراتىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھالقىلىق ئىسلاھاتتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

     ئەدلىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھات قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئەدلىيە ھوقۇقىنى تەقسىملەش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوڭۇشلۇق سەرخىللاشتۇرۇلدى، ئەدلىيە ئادىللىقىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇنىڭغا تىرەك بولۇش رولى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.

     مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى چۆرىدىگەن ئىسلاھات يۆنىلىشى ئىگىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى چىڭىتىلىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش تېزلىتىلىپ، ئۇللۇق ئىسلاھات ئاساسىي جەھەتتىن يولغا قويۇلۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش كۈچلۈك تەرەققىيات كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

     ئىجتىمائىي ساھەدىكى ئىسلاھات خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەمەلىي ئىش، قىيىن ئىشلار بېجىرىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

    دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوشۇن ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە – مېخانىزم خاراكتېرىدىكى توسالغۇلار، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، ئارمىيە تەشكىلىي ھالىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، ھاياتىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى.

     پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، تەشكىلىي تۈزۈم، كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى تۈزۈمى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى قاتارلىق ئىسلاھاتلار تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ۋە بىر – بىرىنى تىرەك قىلىپ، تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

    ......

     مۇرەككەپ ئىسلاھات ۋەزىيىتى ۋە ئېغىر ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يىلدا ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە ئىسلاھات تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تونىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىسلاھات لۇشيەنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھات مېتودولوگىيەسى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتى.

     مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش

     2016 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى بەلگىلەيدىغان تۇنجى يىل. بۇ بىر يىلدا تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا، شۇنداقلا تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

     ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭىلىق ئومۇميۈزلۈك بولۇشتا، قىيىنچىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئەمما بۇنىڭدا كۈچنى تەكشى ئىشلىتىشكە، تەڭ ئىلگىرىلەشكە بولمايدۇ، ئەكسىچە جەزمەن ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلارنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، بىرى ئارقىلىق ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىش كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.

     ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا چېتىلىدىغان تۈزۈلمە زىددىيىتى ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى، ئىسلاھاتتا مۇھىم نۇقتا ۋە ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكى يەنىمۇ گەۋدىلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىسلاھات ‹‹تۇتقا››سىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم مۇھىم مەسىلە، مۇھىم ۋەزىپە، مۇھىم سىناق نۇقتىسىنى، ھەم ئاچقۇچلۇق سۇبيېكت، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ مۇھىم ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىدۇر.

    دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى... يېڭىشقا تىگىشلىك قىيىنچىلىقلار ۋە تەۋەككۈل قىلىشقا تېگىشلىك خەۋپ – خەتەرنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا مەزمۇت ئىلگىرىلەپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، باشقا ئىسلاھاتلارنىڭ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سۇبيېكتنى چىڭ تۇتۇش

     ‹‹ئىسلاھات ۋاقىتنىڭ تېزلىكىگە، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچەش دەرىجىسىگە باغلىق››. ئەمەلىيەت ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈش – سۈرۈلمەسلىكى، پۇختا ئەمەلىيلىشىش – ئەمەلىيلەشمەسلىكىدە ئادەم ۋە مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنىڭ ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ، ‹‹ئاچقۇچ ئاز بولغان›› جايلار ۋە تارماقلاردىكى 1 – قول رەھبەرنىڭ ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش – تۇتماسلىقى، شەكلەن تۇتۇشى ۋە ئەمەلىي تۇتۇشىدا پەرق ناھايىتى چوڭ.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئوخشىمىغان ئىسلاھات سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋىنتىسىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ھەرىكەتكە تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ جايلار ۋە تارماقلارنىڭ 1 – قول رەھبىرى ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر، ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك.

     2016 – يىلى تۇنجى قېتىملىق مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا تۈرلۈك ئىسلاھات سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئايرىلدى: مەخسۇس گۇرۇپپا ئۆز ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇش، بولۇپمۇ زىددىيەتنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەم بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشى، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك؛ ئىسلاھاتنىڭ باشلامچى تارماقلىرى مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولىدۇ؛ يەرلىك پارتكوملار ئۆز رايونىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ پارتكوم شۇجىسى 1 – مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم قوماندانلىق قىلىشى، ھەم ئىسلاھات جېڭىگە ئاتلىنىشى كېرەك...

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016 – يىلى 4 – ئايدا ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىسلاھاتى باشلانغان جاي ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى شياۋگاڭ كەنتىگە كېلىپ، بۇ جايدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىسلاھ قىلىشنى ئويلىشىپ، مۇزاكىرە قىلىپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئىسلاھات ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىنى سەمىگە سالغان.

     مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈلگە بولۇشى بىلەن چوڭ ھېسابات، ئومۇمىي ھېسابات ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھېساباتنى قىلىپ، قەتئىي بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قەتئىي ئىسلاھ قىلىپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ئىسلاھاتنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئىلگىرى سۈردى؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار نىشان – ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۈنۈمنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ ۋە مېخانىزم كاپالىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ يەنىمۇ مول نەتىجىلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

     نۇقتىدا سىناق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچەش

     ئىسلاھات ئەمەلىيىتى يېڭىشكە تېگىشلىك قىيىنچىلىقلار تەس بولغانسېرى دادىل سىناش ۋە دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا شۇنچە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدىن چىقىش ئېغىزى ئىزدەش، ئاممىدىن ئەقىل – پاراسەت ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تەكرار ئىسپاتلىدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنىڭ جاپالىقلىقى، مۇرەككەپلىكلىكى، سىستېمىلىقلىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن بولغان بەزى ئىسلاھاتلارغا، ھەم بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ھەم يېڭىلىق يارىتىشقا تېگىشلىك ئىسلاھاتلارغا قارىتا نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئىزدىنىشكە، تاش ئېتىپ يولنى پەملەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق مۈشكۈل ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇپ ۋە قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئىسلاھات ئومۇمىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

     مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2016 – يىلى كۈچنى مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم سىناق نۇقتىلىرىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. نۇقتىدا سىناق قىلىپ يول ئىزدەيدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ‹‹سىناق ئېتىزى››نى چوڭقۇر ھەيدەپ، تۈجۈپىلەپ تېرىپ ۋە داۋاملىق مول ھوسۇل ئېلىپ، مەملىكەتنىڭ ئىسلاھاتقا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مول تەجرىبە توپلاپ بەردى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكرار مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ تونۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەريانىدىكى ھەر بىر قېتىملىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئاممىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى ۋە ئەقىل – پاراسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىسلاھاتنىڭ قايسى باسقۇچقىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەركەز بۇ بىر يىلدا يەرلىك، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقتىن ئەقىل – پاراسەت، چارە ۋە يول سوراپ، ھەم يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، ھەم سىناق قىلىشتا خاتالىق كۆرۈلۈشىگە يول قويۇپ، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىشنى ئويلاش، ئىسلاھ قىلىشنى پىلانلاش، ئىسلاھ قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى نۇرغۇن جانلىق تەجرىبىلەرنى توپلاپ، ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغاتتى.

     نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

     ‹‹ئىسلاھاتتا چوقۇم نەتىجە قازىنىش كېرەك››، ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا دىققەتنى، روھنى ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك››، ‹‹مىخ روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك››... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك سۆزلىرى كىشىلەرگە ياد بولۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش››نى باش شۇجى ئەڭ كۆپ تەكىتلىدى.

     مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاچقان 31 قېتىملىق يىغىننىڭ خەۋىرىدە ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› دېگەن سۆز 200 قېتىمدەك تىلغا ئېلىندى، 2016 – يىلىدىكى 12 – قېتىملىق يىغىندىلا 100 قېتىمدىن ئارتۇق تەكىتلەندى.

     ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بۈگۈنگىچە، تونۇشتىنمۇ مۇھىمى ئىرادە، ئۇسۇلدىنمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات ۋەزىيىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى باھالاشنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە قانات يايدۇردى. ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، كەمتۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى نۇقتىلىق تېپىپ چىقىپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتلار كۆپ قېتىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، يېزا كوللېكتىپ پاي ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان نۇرغۇن تېما ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى ئىرادە ۋە جاسارەتنى تولۇق نامايان قىلدى.

     ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە نازارەت قىلىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىسلاھات يۆنىلىشىدىن ئېغىشماسلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، ئەلرايىنىڭ يۈزلىنىشىگە دەل جايىدا جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتى 2016 – يىلى يەنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى.

     ھەم ۋەزىپە، سۈرئەت ۋە ئۈنۈم نازارەت قىلىنىپ، ھەم تونۇش، مەسئۇلىيەت ۋە ئىستىل تەكشۈرۈلۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلدى، مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، نېسى ھېسابات رەتكە سېلىندى... بىر يىلدىن بۇيان ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ سۈپەتلىك، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››نىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

     مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەخسۇس گۇرۇپپا، باشلامچى تارماق ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تۆۋەنگە قاراش، تۆۋەنگە يۈزلىنىش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، ئىچى بىلەن تېشىنى بىرلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى... بىر يىلدىن بۇيان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس نازارىتى مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ 27 ئورگىنى، 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى قاپلىدى، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشى مەملىكەتتىكى يېرىمدىن كۆپرەك ئۆلكىنى قاپلىدى.

     ئۇل خاراكتېرلىك ۋە ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلار چۆرىدىلىپ، دىققەت مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا قارىتىلىپ، مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، شەيئىلەر ئىنچىكە تەھلىل قىلىنىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرە يېتەكلىنىپ، خاھىش ۋە بىخ خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئايرىم مەسىلىلەرنى توغرا تېپىش ئاساسىدا تەھلىل قىلىندى... بىر يىلدىن بۇيان ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش قىزىق نۇقتىلىرى يەنىمۇ ئەمەلىي بولۇپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئالاقە باغلاش، توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىكى رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

     ئىسلاھات يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ باقمىغان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە، جەڭ، كۈرەش قاتلىمىدىكى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، پىلان بويىچە ھەرىكەت قىلدى، ھەرىكەت كۈچلۈك ۋە تەرتىپلىك بولدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، مۇھىم نۇقتىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى، يولنى يەنىمۇ روشەنلەشتۈردى، ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان ئىسلاھاتلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     بىر يىلدىن بۇيان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەۋقە يىراق كەلگۈسىگە قويۇلۇپ، ئاساس پۇختىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تۈزۈم ئىسلاھاتىدا ئەمەلىي ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى ھەمدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى مۇستەھكەملەندى

     ‹‹ئىسلاھاتتا مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، زور تۈزۈم ئىسلاھاتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، ئالدى بىلەن چىڭ تۇتۇش، بولۇپمۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، تۈۋرۈكلۈك، تايانچلىق تۈزۈلمە مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››

    __ شى جىنپىڭ

     تاغ – داۋاننىڭ چوققىسى، جانلىقلارنىڭ سەركىسى بار.

     ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن باش نىشاندا ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››، دېيىلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇقەررەر ھالدا ئۇلنى پۇختىلاش، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت تۈزۈلمە – مېخانىزم خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئاخىرقى نىشان قىلىدۇ.

     تۈزۈم نېگىزلىك بولۇش، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش، مۇقىملىقنى كۆزلەش خاراكتېرىگە ئىگە. ھەر قانداق بىر ئىسلاھات تۈزۈمنى تەڭشەش ياكى ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ ھەم ئاخىرىدا تۈزۈم شەكلىدە مۇقىملىشىپ داۋاملىشىدۇ. بولۇپمۇ ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك قىسمەن مۇھىم تۈزۈم ئىسلاھاتلىرى ئومۇمىي تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئاساسلىق مۇھىم تايانچ رول ئوينايدۇ. بىر يىلدىن بۇيان تۈزۈمنى لايىھەلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈمگە كاپالەتلىك قىلىش، تۈزۈمنى باغلاش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىغا ئايلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يارقىن سەھىپىسىنى ئاچتى.

     ‹‹ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتقا نەزەر سالساق، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە يېڭى ھالەت، يېڭى ئەندىزە، يېڭى باسقۇچ ئۈزلۈكسىز شەكىللىنىپ تۇردى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى دەل مۇشۇ ئۇزاق مۇساپىنىڭ بىر باسقۇچىدۇر››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەھلىلى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

     يېڭى نورمال ھالەتنى تونۇش، ئۇنىڭغا ماسلىشىش، ئۇنى يېتەكلەش مۇھىم لوگىكىسى ئاساسىدا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات 2016 – يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 1 – ئايدىلا ئوخشىمىغان سورۇندا بۇ تۈردىكى ئىسلاھاتنى بەش قېتىم تىلغا ئالدى ھەم ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىدىكى مۇھىم سىناق›› دېگەن سۆز بىلەن بۇ تۈردىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئىپادىلىدى.

     دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جامائەت پىكرى بۇ سىگنالغا ئالاھىدە سەزگۈر بولدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى ‹‹تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بازارنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ››، دەپ قارىدى.

     بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي مېلودىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشاننى كۆپ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولۇشىغا قاراتتى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن چىگىش، مۇرەككەپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا ئىچكىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەخىرسىز ۋەزىپىسى. لېكىن، كېسەلنىڭ يىلتىزى يەنىلا تۈزۈلمە مېخانىزمىدا بولۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى جەزمەن تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى تېزلىتىپ، ئۇنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى چەكلىمىلەرنى تۈگىتىپ، تەرەققىياتنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

     دېھقان بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ كەلدى.

     2016 – يىلى 8 – ئايدا ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 27 – قېتىملىق يىغىنىدا ‹‹يېزا يەرلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەقسىملەش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئۇنىڭدا نىشان يېزا يەرلىرىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى تۈزۈمى نۆۋەتتىكى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشالماسلىقتەك قىيىن مەسىلىگە بىۋاسىتە قارىتىلىپ، يېزىلاردا يەرنى ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تۈزۈم ئىسلاھاتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم يېڭىلىق، دەپ قارالدى.

     يېزا يەرلىرىنىڭ ‹‹ئۈچ ھوقۇقىنى تەقسىملەش››ئىسلاھاتىغا سېلىشتۇرغاندا، چېتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىمۇ 2016 – يىلى رەسمىي يولغا قويۇلدى.

     11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى پىكرى›› ئېلان قىلىندى. ‹‹كۆچمەس مۈلكى بار كىشىلەر قەتئىي ئىرادىلىك كىشىلەردۇر››نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ بىر جۈملە سۆز مەركەزنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى. ئىسلاھات يولغا قويۇلۇشى بىلەن ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك بەس – مۇنازىرە قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك: ‹‹بۇ ئىسلاھات يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلىنىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سالدى››، دەپ قارىدى. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەر خىل بازار سۇبيېكتىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ‹‹ئىشەنچ ئاتا قىلدى››.

     جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ھەر بىر قەدەم ئىلگىرىلەش دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى ھەم مۇھىم تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئۆلچەشتىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ بولدى.

     بۇلتۇر دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق ساھەسىدىكىلەر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇشىنى كاپالەتلەندۈردى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ تېزلەتتى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئىشلارنى كېڭىشىپ تۈزۈم تۈزۈشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يولغا قويۇش پىكرىنى دوكلات قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.

     دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم تەدبىردۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا: مەمۇرىي تەپتىش كۈچلىرىنى يىغىپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى قاتارىدا مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

     مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەگە قاراپ چىقىلدى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا يوللاندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، بۇ زور ئىسلاھات يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاندى. بىر يىلغا يېقىن قايتا – قايتا دەلىللەش، سالماقلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىدە دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى قارارنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، بۇ زور سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ، مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مۇھىم قەدەم تاشلىدى.

     ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىياسىي ساھەدىكى ئاساسنى پۇختىلاپ، يىراقنى كۆزلەيدىغان يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات، دەپ قارالدى.

     مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىزمىتى يىغىنىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى توغرىسىدا زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا كۆرۈلگەن ‹‹ئورگانلاشتۇرۇش، مەمۇرلاشتۇرۇش، ئاقسۆڭەكلىشىش، كۆڭۈل ئېچىشقا ئايلاندۇرۇۋېتىش››تەك خاھىشلارغا قارىتا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىشتا قەتئىي نىيەتكە كەلدى، سىياسىۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، تەشكىللەشتە ۋە خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى، مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى رامكىسى ئىچىدە ئومۇمىي لايىھە تۈزۈپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ ئاساسى مىزانى، مۇھىم ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەت يولى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، شاڭخەي شەھىرى، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا مەركەزدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئورگان ئىسلاھاتى، يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     2016 – يىلى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا كەسكىنلىك بىلەن دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى.

     دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلمىلىق زىددىيەت، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ چەكلىمىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي ھالىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. رەھبەرلىك قىلىش، قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئالدىن يولغا قويۇلۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىمى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلدى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى تۆت باش ئىشتاب بىر نازارەت، ئالتە بۆلۈم، ئۈچ كومىتېت، بەش بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قاتارلىق 15 فۇنكسىيەلىك تارماققا ئۆزگەرتىلدى، يەتتە چوڭ ھەربىي رايون شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال، ئوتتۇرا رايون دەپ بەش چوڭ ھەربىي رايونغا تەڭشەلدى. ئارمىيەنىڭ كۆلىمى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى جەھەتتىكى ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قۇرۇلما ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش يېتەكچى قىلىنىپ كۆلەم تەڭشەلدى. ئىسلاھات ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەت يۈرگۈزۈلگەن باش ئىشتاب تۈزۈلمىسى، چوڭ ھەربىي رايون تۈزۈلمىسى، چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە تۈزۈلمىسى بۆسۈلۈپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونىدىكى ئاساسىي جەڭ، ئارمىيە تۈرىنى ئاساسلىق قۇرۇشتەك يېڭى ئەندىزە ئورنىتىلىپ، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭگوچە ھەربىي كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى.

     پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشقا تايىنىش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق تۈزۈمنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

     پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدا بىر قانچە مىزان›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزدە تۇتۇلغان، ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇش ۋە تۈزۈم جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا نۆۋەتتە پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى تۈزۈمدە زور يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ.

     بۇلتۇر پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، شاڭخەيدە ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، شىنجاڭدا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش ھەرىكىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلدى؛ ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ ‹‹<مەسىلىسى بارلارنى ئۆستۈرۈش>تىن ساقلىنىش توغرىسىدا پىكىر›› بېسىپ تارقىتىلىپ، كادىرلار تۈزۈم لايىھەسى ئارقىلىق قاتتىق باشقۇرۇلدى، تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەمىناتىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يۇقىرى تۆۋەنگە ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەمىناتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىلدى ...

     مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مالىيە – ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى بەرپا قىلىندى؛ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر يولغا قويۇلۇپ، ھەرخىل كاپىتال جانلاندۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، جۇڭگوچە خاسلىق، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سۈپەتكە ئىگە پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى بەرپا قىلىندى؛ مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش نۇقتىدا سىناق قىلىندى...

     يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يىلدىن بۇيان ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان چوڭ – چوڭ ئىسلاھاتلارنى چىڭ ئىگىلەپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

     ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، بىر يىلدىن بۇيان ئىدىيەۋى قاراشتىكى توسالغۇلار، مەنپەئەت مۇقىملىشىپ قالغان توساقلار دادىللىق بىلەن بۇزۇپ تاشلاندى، ئىلگىرى ‹‹بۆسۈش مۇمكىن ئەمەس›› دەپ قارالغان ئۆتكەللەر بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، يىللاردىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەل قىلىندى

     ‹‹ئىسلاھاتتا دەل ھوقۇق بىلەن مەنپەئەت تەڭشىلىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىكنى ھوقۇق بىلەن مەنپەئەتنى توغرا تونۇش ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىش، ئىسلاھات ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇشقا يېتەكلەش كېرەك. چوڭ ھېسابات، ئومۇمىي ھېسابات، ئۇزاق مەزگىللىك ھېساباتقا ماھىر بولۇش، كۆز ئالدىدىكىلا ھېساباتقا، تارماقلارنىڭ ھېساباتىغىلا ۋە كۆز ئالدىدىكى ھېساباتقىلا ئېسىلىۋالماسلىق، بولۇپمۇ قىسمەن مەنپەئەتنى دەپ ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى دەپ تۈپ مەنپەئەتكە ۋە كەلگۈسى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزمەسلىك لازىم››

    __ شى جىنپىڭ

     ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى مەنپەئەتنىڭ تەڭشىلىشىدۇر.

     ئەگەر ئىسلاھاتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ‹‹پارېتوچە ياخشىلاش›› بىر كوللېكتىپنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىللە، باشقا كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا ئىسلاھاتنىڭ قىيىن باسقۇچىغا كەلگەندە تېخىمۇ كۆپ ‹‹كالدورچە ياخشىلاش›› ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئىسلاھات جەريانىدا مەنپەئەتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مەنپەئەتنى تەڭشەش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ‹‹ئىككى قىيىن›› ئەھۋال كۆپەيگەنسېرى ھەممەيلەننى تەڭ خۇشال قىلغىلى بولمايدۇ.

     مەنپەئەت مۇقىملىشىپ قالغان ‹‹قاتتىق مۇز››غا يۈزلەنگەندە، ئىسلاھاتنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟

     باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە كەسكىن قىلىپ: ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ، ئۆز – ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا بۇزۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەش كېرەك››، دېدى.

     ئىسلاھاتتا چوڭ، ئومۇمىي ھېساباتنى قىلىشتا چوقۇم بۇزۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بۇزۇش ھەم تۈزەش كېرەك. شەخسىي مەنپەئەتنى قوغداش دائىرىسىنى بۇزۇش، قىسمەن مەنپەئەتكە تېگىش قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتنى بىر تاختا شاھمات دەپ قاراشتەك ئومۇمىيلىق قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك؛ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەش قارىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يىراق كەلگۈسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشنى كۆزلەشتەك تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

     ‹‹تاغنى تەۋرىتىش ئاسان، سۇنى تىزگىنلەش تەس›› دەيدىغان ماقال – تەمسىل بار. يۇقىرى ئېقىندا، تۆۋەن ئېقىندا، قىرغاقتا بۇلغىنىش بولسا، سۇدا نامايان بولىدۇ؛ سول قىرغاقتا بۇلغىنىش بولسا، ئوڭ قىرغاقتا نامايان بولىدۇ. بۇرۇنقىدەك ‹‹مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى دەريا بىلەن كارى بولماسلىق، سۇچىلىق تارماقلىرى قىرغاق بىلەن كارى بولماسلىق››، ‹‹ھەممە ئورۇن ئۆز دائىرىسىگىلا مەسئۇل بولۇش››تەك ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە، دەريا – ئېقىنلاردا بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش كونا، قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.

     بۇ مەسىلىگە قارىتا، يەرلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 28 – قېتىملىق يىغىنىدا دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، ماس، تەرتىپلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق، قوغداش كۈچلۈك بولغان دەريا – كۆللەرنى باشقۇرۇش – قوغداش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، دەريا – كۆللەرنى قوغداپ، ئۇنىڭ رولىدىن داۋاملىق پايدىلىنىش تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

     دەريا باشلىقى تۈزۈمىدە ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلاندى، ھەم بىر بۆلەككە بىر دەريا باشلىقى بېكىتىلىپ، بۆلەكلەر بويىچە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، ھەم ئومۇمىيلىق قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، پۈتۈن ئېقىن مەۋقە قىلىنىپ، يۇقىرى – تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ – سول قىرغاق، غول – تارماق ئېقىنلار بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، دەريا – كۆللەرنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈجۇ شەھىرى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك توسۇق ھېسابلىنىدۇ.

     2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا چۈجۇ شەھىرىدىكى بەش ناھىيە – شەھەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەركەزلىك ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ئۇلارنىڭ تۇنجى قىلغان ئىشى دەريالارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، دەريا باشلىقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئىمزالاپ، دەريا باشلىقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بولدى. ئۇلارغا نىسبەتەن، ‹‹بەش ئېقىننى تەڭ تىزگىنلەپ، چيەنتاڭجياڭ دەرياسى سۈيىنى تۆۋەنگە پاكىز يەتكۈزۈش›› باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت بولۇپ قالدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا نەرسە يوق، ئۇنىڭدىن پايدىلانغاندا ئۇنى ھېس قىلالمايمىز، قولدىن بېرىپ قويغاندا قايتۇرۇپ كېلەلمەيمىز. شۇڭا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بەرپا قىلىش جەھەتتە ئومۇمىيلىق قارىشى، يىراق كەلگۈسى قارىشى، بىر پۈتۈنلۈك قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

     بەزى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇھىت ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 26 – قېتىملىق يىغىنىدا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنى سىستېما بويىچە تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سىستېمىلار ۋە رايونلار بويىچە باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، كاپالەت كۈچلۈك، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەرلىك مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنى نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ مۇستەقىل، نوپۇزلۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇھىت ئاسراشنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش تارماقلىرى بۇرۇنقىدەك ‹‹قارانچۇق›› بولۇپ قالمىدى.

     مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى: سىستېما بويىچە باشقۇرۇش ئاساسلىق ئىسلاھات، ئۇنىڭدا تۈزۈلمە، ئورۇن ۋە خادىملارغا تېگىش قىلىنىدۇ؛ سىستېما بويىچە باشقۇرۇشتىكى مەقسەت يەرلىك قورۇقچىلىقنىڭ مۇھىت نازارەتچىلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىشقا بولغان ئارىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك بۇزۇپ تاشلاپ، يەرلىك مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت، دېدى.

     ‹‹ساندىن ئەمەلدار چىقىدۇ، ئەمەلداردىن سانلىق مەلۇمات چىقىدۇ›› دېگەنلىك بۇرمىلانغان سىياسىي نەتىجە قارىشىدۇر.

     ‹‹نەتىجە يېتەرلىك بولمىسا، سان بىلەن توشقۇزۇش›› ئىلگىرى بەزى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ‹‹ئېپى›› ئىدى. ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىنسا، ئىقتىسادتىكى قىيىنچىلىقتا كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش پۇرسىتى ۋە تاكتىكىسىغا تەسىر يېتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى بۇزىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىككە تۈرتكە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

     ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشنىڭ تۈپ چىقىش يولى ئىستاتىستىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشتا. مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 28 – قېتىملىق يىغىنىدا ئىستاتىستىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. پىكىردە ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئىستاتىستىكىغا دائىر قانۇن – نىزامنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نەتىجىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئىستاتىستىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات سۈپىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساختىپەزلىك قىلغانلارنى قانۇن – ئىنتىزام بويىچە جازالاش تەلەپ قىلىندى.

     ئىسلاھاتتا بۇزۇش ۋە تۈزەش بولۇشى، مەسئۇلىيەتتە ئاساس بولۇشى، ھوقۇقتا يىغىش – قويۇۋېتىش بولۇشى كېرەك.

     مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 30 – قېتىملىق يىغىنىدا تۆۋەندىكى ئىككى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ماقۇللاندى: دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىردە دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت كاپىتالى، چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تېگىشلىكلەرنى تولۇق تەپتىش قىلىش، تەپتىش قىلغان ئىكەن، جەزمەن قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشكە دائىر تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئارقىلىق كارخانا، كادىر ۋە كاپىتالنى باشقۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، فۇنكسيەنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى لايىھەسىدە كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىش بويىچە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، مەبلەغ چىقارغۇچىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە جاۋابكارلىق تىزىملىكىنى قانۇن – نىزام بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت كاپىتالىنىڭ پايدىسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت كاپىتالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى نۇقتىلىق ياخشى باشقۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     بىر يىلدىن بۇيان، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق، ئىش تەقسىماتى ئايدىڭ، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت بىردەك، باشقۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ مەمۇرىي فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بازار رىقابىتىنى چىقىرىۋېتىش ۋە چەكلەشنى مەنبەدىن توسىدى؛ تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2000 يىلدىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە تۇزچىلىقنى دۆلەت مونوپول قىلىشقا خاتىمە بەردى؛ نۇقتىلىق چىقىملارنى مالىيە كىرىم – چىقىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن باغلاشنى ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق چىقىملارغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ يېشىل ئېكولوگىيە يېتەكچى قىلىنغان يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سىياسەت نىشانىنى سان – مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىشتىن سان – سۈپەتلىك ئېكولوگىيەگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتتى...

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹دۆلەت مەنپەئىتى، مىللىي مەنپەئەت، خەلق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولسىلا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولسىلا، قەتئىي بۇزۇش، قەتئىي ئۆزگەرتىش كېرەك››.

     بىر يىلدىن بۇيان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سىستېمىلىق ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ماس، يۈرۈشلۈك، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى تەدرىجىي نامايان قىلىندى

     ‹‹كېيىنكى قەدەمدە، ئىسلاھات ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، سىستېما توپلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى خېلى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. شۇڭا ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات قەدىمى ۋە رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنىڭ خېيىم – خەتىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنىڭ ماس، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك››

    __ شى جىنپىڭ

     ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەرقايسى تەرەپلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، ھەرقانداق بىر ساھەنىڭ ئىسلاھاتى باشقا ساھەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا باشقا ساھەدىكى ئىسلاھاتنىڭ زىچ ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

     يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يىلدىن بۇيان ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، يىراقنى نەزەردە تۇتۇشتەك سىستېمىلىق تەپەككۇرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ئارا يۈرۈشلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش، ئالدى – كەينىنى ماسلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي نىشانغا ئۈزلۈكسىز يېقىنلىشىپ، ئومۇمىي ئۈنۈم شەكىللەندۈردى.

     مۇھىم يېتەكلەش رولىغا ئىگە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

     دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنىڭ قىيىن باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەسكىن ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت بېكىتىش تەس بولغان بۇ تەدبىرنى بەلگىلىگەن، شۇڭا بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىش كېرەك.

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇلتۇر تارقاتقان دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلدى ھەم چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەركەز مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى ۋە ياخشىلىدى؛ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تۈرگە ئايرىپ باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىدىن خالاس قىلىش ۋە تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلەتتى؛ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت، تەبىئىي گاز، تېلېگراف، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، ھەربىي سانائەت قاتارلىق ساھەلەردە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئارىلاش ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلدى؛ پولات – تۆمۈر، سۇ تىرانسپورتى قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئېلېكتىر، تۇزچىلىق، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى... بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىلدى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا دىققەت قىلىندى، ھوقۇق دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يىغىۋېلىش – قويۇۋېتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، ئۆزئارا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

     گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى بىر يېتەرسىزلىك. تۈزۈم كاپالىتى بولمىسا، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى خام خىيال بولۇپ قالىدۇ.

     ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى››گە ئاساسەن، 2020 – يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىز سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. مەركەز بۇ يۆنىلىشنى چۆرىدەپ، 2016 – يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر، ئۆلكە دەرىجىلىك بوشلۇق پىلانىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بەلگىلەش ھەم ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر قاتارلىق 20دىن ئارتۇق ئالاقىدار ھۆججەت قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ ھۆججەتلەر ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسى باغلاشقان بولۇپ، مەنبەدىن قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، جەريانىنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئاقىۋىتىنى قاتتىق جازالاشقا دائىر ئۇل خاراكتېرلىك رامكا سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى.

     قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۇھىم قەدەم بېسىلدى، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇلدى.

     بۇلتۇر 10 – ئايدا، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر تارقىتىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بېسىلغان مۇھىم قەدەم. شۇنىڭغا ماس ھالدا، جىنايىتىنى تونۇپ گۇناھىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش قاتارلىق دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، كەسپىي كاپالەت، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ كادىرلىرى، مالىيەسى، ماددىي ئەشياسىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان قانۇن يۈرگۈزۈشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوت كوللېگىيەسىنى تەسىس قىلىش ۋەكىللىكىدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلارنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلدى.

     پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ھۆكۈمەت ۋە بازار، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىشمۇ بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر.

     پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئىسلاھاتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى باغلاپ بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگە خاراكتېرلىك ۋە يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسىي تۇتقا قىلىپ، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

     دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇش لايىھەسى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەر، ئۇللۇق، سىستېمىلىق، توپلاشتۇرۇلغان پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن – تېخنىكا كۈچى كۈچەيتىلىدۇ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان تەقسىمات سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى ئۇرغۇتۇلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتى سىنىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن – تېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى پەن – تېخنىكا پىلانى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش قانۇنىغا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سىياسەت تۈزۈلۈپ، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ...

     بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئۆزئارا باغلىنىپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، سىياسەت زەنجىرى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈلۈپ، بىر – بىرىگە تىرەك قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشتىكى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلدى.

     ئىسلاھاتتا ھەمكارلىشىشنى، ماسلىشىشقا كۈچنى قانچە مەركەزلەشتۈرگەنسېرى، ھەمتۈرتكىلىك رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە سىستېمىلىق ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، شارائىتى يار بەرگەن جايلار ۋە ساھەلەردە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق توپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››. بۇ ئىسلاھات ئىدىيەسى شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا تولۇق نامايان قىلىندى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا توپلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

     شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنىڭ مىسلىسىز ئېشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ئۇلارنىڭ ئۆز شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىرقاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى، سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق توپلاش، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر تۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولاي سودا مۇھىتى ھەم ئادىل، بىرتۇتاش، ئۈنۈملۈك بازار مۇھىتىنى باشلامچىلىق بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىكىدە. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى توپلىغان يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرى ئون ئۆلكە، شەھەردىكى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئەركىن سودا سىناق رايونىغا كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى.

     ئوخشاشلا، شارائىتى بار جايلار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق توپلاشنى يولغا قويدى، دۆلەت باغچە تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا ئىسلاھاتتىكى مەنپەئەت چىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلاش تېخىمۇ نەزەرگە ئېلىندى.

     دۆلەت باغچە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ قىيىنلىقى ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىدە بولۇپ، ھەم مەركەز بىلەن يەرلىك، يەرلىك بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە، ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆپ تەرەپلىك مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدۇ. قانداق قىلغاندا رايون، تارماق ھالقىغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سەنجياڭيۈەن، مۈشۈكئېيىق ۋە شەرقىي شىمال يولۋىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك دۆلەت باغچە تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت باغچە قۇرۇلۇشى ۋە قوغدىلىدىغان يەر سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى، ماسلىقى ۋە مۇكەممەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا تىرىشىپ يېڭى يول ئېچىپ، بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، مالىيە كاپالىتى بەرپا قىلىش، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئېنىقلاش، قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

     بىر يىلدىن بۇيان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەۋقە ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا قويۇلۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا تەۋرەنمەي، بوشاشماي چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق مەنپەئىتى كۆپرەك كۆزلىنىپ، خەلقنىڭ غېمى كۆپرەك يېيىلدى

     ‹‹خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانى، پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، بىز شۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىمىز، شۇنىڭغا ئېتىبار بېرىمىز، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتىمىز، شۇنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت – سائادەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىمىز››

    __ شى جىنپىڭ

     ‹‹يېڭى يىل يېتىپ كېلىش پەيتىدە، يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ئەڭ ئەنسىرىدۇق، ئۇلار قانداق ئوزۇقلانغاندۇ، قانداق ئۆيدە تۇرۇۋاتقاندۇ، يېڭى يىلنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتامدىغاندۇ، چاغاننى قانداقراق ئۆتكۈزۈۋاتقاندۇ، دېگەنلەرنى ئويلىدۇق››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە ئېيتقان ‹‹ئەڭ ئەنسىرەش›› خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت – سائادەتكە ئېرىشىشىگە چوڭقۇر ئېتىبار بىلەن قارىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

     دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا خەلققە پايدىلىق بولۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك. خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش باشتىن – ئاخىر ئىسلاھاتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانى ۋە يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى.

     بارلىق ئىسلاھاتنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا خەلق ئۈچۈن؛ بارلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلق كۈچىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ھەر بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى.

     خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتا نامراتلىقنى تۈگىتىش بىرىنچى قەدەم.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016 – يىلى نىڭشيا ئۆلكىسىنىڭ ياڭلىڭ كەنتىدە خۇيزۇ ئامما ما كېنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆرپىنى قايرىپ كاڭنىڭ ياخشى ئىسسىغان – ئىسسىمىغانلىقىنى تەكشۈردى، ئۆگزىگە ماي قەغەز يېيىتىلغان – يېيىتىلمىغانلىقى، يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدىغان – كەتمەيدىغانلىقى، تېلېۋىزوردا قانچە قانال كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدى. تامغا چاپلانغان ‹‹ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇر كارتىسى›› ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

     ‹‹بۇ ئائىلىدىكى ئالتە جاندىن ئىككىسى ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، 15 مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىغان، قوتىنىدىكى ئالتە كالىدىن ئىككىنى 7000 يۈەنگە ساتقان، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ 21 مىڭ 500 يۈەن كىرىم قىلىپ، ئومۇمىي كىرىمىنى 47 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەن››... باش شۇجى شى جىنپىڭ ما كې ئائىلىسىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، بۇ ئائىلىنىڭ كىرىمىنى بىرمۇبىر ھېسابلاپ كۆردى.

     ئەينى چاغدا ما كېدەك نامرات ئاھالىدىن مەملىكەت بويىچە 50 مىليوندىن كۆپرەكى بار بولۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئاخىرقى قورغانغا ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنىدى.

     يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قاتلاممۇ قاتلام نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ‹‹13 – بەش يىل››دا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. 2016 – يىلى يولغا قويۇلغان نۇرغۇن ئىسلاھات تەدبىرلىرى ‹‹تۆۋەن چەك›› شىكالىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىللىقلاشتۇردى: نامرات رايونلاردىكى سۇ، توك، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتىن ئېرىشكەن پايدا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىسلاھات سىناق نۇقتىلىرى نەپكە ئېرىشىپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاھالىلەرنىڭ بايلىق ئېچىش جەريانىدا بىۋاسىتە، ئۇزاق مۇددەتلىك نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مېخانىزمىدا ‹‹رەقەملىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش››، ‹‹يالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش››قا خاتىمە بېرىلدى...

     نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن، مىللەتنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. 2016 – يىلى 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، باش شۇجى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئامما بەختلىك كەلگۈسىنى كۆردى، تېخىمۇ ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا چۆمدى.

     ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئامما ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان ساھەلەردىن باشلاش كېرەك.

     خەلق دۆلەتنىڭ يىلتىزى، سەمىمىيەت ئۇنىڭ ئوزۇقى، مېھىر – مۇھەببەت ئۇنىڭ جېنىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىنىڭ كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈش چارىسىنى كۆپرەك قوللىنىش، ياخشى قوللىنىش، توغرا قوللىنىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولۇشنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

     بىر يىلدىن بۇيان بالىلارنى داۋالاش بايلىقى قىس بولۇش ئەھۋالى ياخشىلاندى، ئائىلە دوختۇرى پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگە سىڭىپ كىردى؛ يېزا مائارىپىدىكى يېتىشسىزلىكلەر تولۇقلىنىپ، پۇقراۋى مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ تىزىملاش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى؛ ناھىيەلەر تەۋەسىدىكى شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزىلاردىكى ئاجىز، كىچىك كۆلەمدىكى مەكتەپلەر ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىلدى؛ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، نىسبەتەن جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان كەسىپ – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى...

     2016 – يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭشى يېزىسىدىكى ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى ياڭ يۈشياڭ ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى. ‹‹ئەسلىدە شەھەرگە بېرىپ خىزمەت تاپاي، دەپ ئويلىغانتىم، كەلگۈسىدە كەنتتىكى مەكتەپنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىپ، كەنتتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلارغا ئۇنۋان باھالاشتا ئېتىبار بېرىلسە، يۆتكىلىشىمنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ››. ياڭ يۈشياڭنىڭ سۆزىدە بەخت تۇيغۇسى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

     ياشانغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسى جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ھازىر ئېلىمىز ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ياشانغاندا داۋالىنىش، ياشانغاندا تەربىيەلىنىش، ياشانغاندا ئۆگىنىش، ياشانغاندا بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش، ياشانغانلارنىمۇ كۆڭۈل ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ياشانغانلارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش 2016 – يىلىدىكى ئىسلاھاتتا كۆڭۈل بۆلۈنگەن مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ‹‹ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت تۈرىنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››گە ئىككى قېتىم قاراپ چىقىلىپ، ‹‹ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر›› يولغا قويۇلۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى.

     خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى ئاشۇرۇلۇپ، ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىندى.

     ‹‹خەلقنىڭ تۇرمۇشى، تەقدىرى، ھېسسىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى، كەيپىياتى، يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەش›› جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 10 – قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، بارلىق ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تۈپ مىزانى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ كونكرېت تەلىپىدۇر.

     مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، خەلق تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىندى. بىر يىلدىن بۇيان مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش داۋاملىق مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەدەنىيەت ئارقىلىق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يۇرتى، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيى پۇقرالارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى؛ پاراۋانلىق كىنوسى قويۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئامما ‹‹كىنو››لا ئەمەس، بەلكى ‹‹ياخشى كىنو›› كۆرەلەيدىغان بولدى؛ مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، ‹‹ھۆكۈمەت تاماق ئەكىلىش››تىن ‹‹ئامما تاماق بۇيرۇتۇش››قا ئۆزگەرتىلىپ، پۇقرالارنىڭ قوللىشى قولغا كەلتۈرۈلدى.

     ئاممىنىڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسى جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا خىلاپ تۈرلۈك ھادىسىلەرنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. پۇقرالارغا ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كېلەلمىسەك، تېخىمۇ ئادىل ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتمىساق، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ ئادىلسىزلىق پەيدا بولۇپ، ئىسلاھات ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ ھەم داۋاملىشالمايدۇ››.

     جاھاننىڭ تىنچلىقى ئەلگە باغلىق، ئەل ئامان بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ.

     2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2 – سەييارە سوت كوللېگىيەسى بۇرۇنقى سوتتا بېكىتىلگەن جاۋابكار نيې شۇبىننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە قايتا قاراپ چىقىپ، ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى بىكار قىلىشنى جاكارلاپ، نيې شۇبىننى گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم قىلدى. 21 يىللىق ئۇۋالچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرغان بۇ ھۆكۈم نيې شۇبىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئادىللىقنى ھېس قىلدۇردى.

     دېلونىڭ جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدىن تارتىپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ داۋاملىق ئىز قوغلاپ خەۋەر بېرىشى، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ تەكرار مۇھاكىمە قىلىشىغىچە، يەنە بۇ قىيىن مەسىلىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىنىشىغىچە، نيې شۇبىن دېلوسى جۇڭگونىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ۋەقە بولۇپ قالدى.

     ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئاچقۇچ دەل تۇتۇلدى.

     ئۆتكەن بىر يىلدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 12 قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز قېتىملىق يىغىن خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار قارالمىلارغا چېتىشلىق، يىغىندا ئاز دېگەندىمۇ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئائىت 14 ھۆججەت قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ ھۆججەتلەر نامراتلارنى يۆلەش، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ.

     ‹‹تاغقا چىققانسېرى زېمىندىن يىراقلاپ، پەلەككە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز››.

     80 نەچچە يىل ئىلگىرى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى قالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايان قىلغان.

     80 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇدرەتلىك جاسارەت بىلەن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، چاقماقتەك چاققان ئىستىلى بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسىنى جىلۋىلەندۈردى.

     بۈگۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا مېڭىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا يەنىلا يۈگۇڭنىڭ تاغ يۆتكەش روھىنى، ئىنقىلابنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئىسلاھات يولىدا داۋاملىق ئالغا باسايلى!

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.