مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇنلار

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چارۋىچىلىق قانۇنى

    ئامانگۈل2017-02-03 16:34:09شىنجاڭ گېزىتى

    (2005 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنىدا ماقۇللانغان 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش

    3 – باب نەسىللىك چارۋا – قۇشلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش

    4 – باب چارۋا – قۇش بېقىش

    5 – باب چارۋا – قۇش سودىسى ۋە ئۇنى توشۇش

    6 – باب سۈپەت، بىخەتەرلىك كاپالىتى

    7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، چارۋا – قۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت، بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش، پايدىلىنىش، يېتىشتۈرۈش، بېقىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش قاتارلىقلاردا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چارۋا – قۇش مۇشۇ قانۇننىڭ 11 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىنغان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن چارۋا – قۇشنى كۆرسىتىدۇ.

    ھەرە، پىلە قۇرتى بايلىقىنى ئاسراش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا دۆلەت چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ، چارۋىچىلىقنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، چارۋىچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ئېكولوگىيەگە پايدىلىق، بىخەتەر بولغان چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

    دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، نامرات رايونلارنىڭ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا، ئوتلاقنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىغا، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    4 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيەلەيدۇ، چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە كېڭەيتىش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق پەن – تېخنىكا بىلىملىرىگە ئائىت تەربىيە، تەشۋىقات خىزمىتى ۋە چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    5 – ماددا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچىلار ساھە جەمئىيىتىنى ئىختىيارلىقى بىلەن قانۇن بويىچە قۇرۇپ، ئەزالىرىغا ئۇچۇر، تېخنىكا، ماركېتىڭ، تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلسا، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتسە، ئەزالار ۋە ساھەنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ.

    6 – ماددا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچىلار ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە مەجبۇرىيىتى ۋە مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ چارۋىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ چارۋىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ چارۋا – قۇش يېتىشتۈرۈش، بېقىش، توشۇش شارائىتى ۋە مۇھىتىنى ياخشىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

    2 – باب چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش

    9 – ماددا دۆلەت چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشى، چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراشتا دۆلەت ئاساس قىلىنىدۇ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    10 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەسپىي خادىملاردىن تەركىب تاپقان دۆلەت چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى قۇرىدۇ، ئۇ، چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى باھالاش ۋە چارۋا – قۇشنىڭ يېڭى نەسلى ۋە يۈرۈشلۈك سىستېمىسىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى دەلىللەش، شۇنىڭدەك چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.

    11 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەتنىڭ چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى ئەھۋالى مەلۇماتى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

    12 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، مەملىكەتنىڭ چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ، دۆلەت دەرىجىلىك ئاسرىلىدىغان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىنى تەييارلاپ ھەمدە ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى نۇقتىلىق ئاسرايدۇ.

    ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ۋە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئاسرىلىدىغان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىنى تەييارلايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

    13 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك دۆلەت دەرىجىلىك ئاسرىلىدىغان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىگە، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاسرىلىدىغان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىگە ئاساسەن، چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسرايدىغان ئىرسىيەت بايلىقى نەسىل ساقلاش مەيدانى، مۇھاپىزەت رايونى ۋە گېن ئامبىرى قۇرىدۇ ياكى ئۇنى بېكىتىدۇ، چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    مەركەز مالىيەسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە مەبلەغ جەھەتتىن قوللايدىغان چارۋا – قۇش بايلىقى نەسىل ساقلاش مەيدانى، مۇھاپىزەت رايونى ۋە گېن ئامبىرى قوغدىلىۋاتقان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولمايدۇ.

    چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى گېن ئامبىرى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، چارۋا – قۇش ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى قەرەللىك يىغىشى ۋە يېڭىلىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر چارۋا – قۇش ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى يىغىشقا ماسلىشىشى كېرەك، ئۇلار مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

    چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى نەسىل ساقلاش مەيدانى، مۇھاپىزەت رايونى ۋە گېن ئامبىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

    14 – ماددا يېڭى بايقالغان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى دۆلەت چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى باھالاشتىن ئىلگىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاسراش لايىھەسى تۈزۈپ، ۋاقىتلىق ئاسراش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

    15 – ماددا چېگرا سىرتىدىن چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كىرگۈزىدىغانلار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى؛ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا باھالىتىپ دەلىللەتكەندىن كېيىن تەستىقلىشى كېرەك. تەستىقلانغانلىرىدا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش ھەمدە كارانتىن قىلدۇرۇش كېرەك.

    چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىغا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقى ياكى خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقى بايقالسا، گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارماق بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مۇناسىپ بىخەتەرلىك، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

    16 – ماددا ئاسراش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىدىغان ياكى چېگرا ئىچىدە چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات ۋە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىدىغان، پايدىلىنىدىغانلار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز تەڭ پايدىلىنىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى؛ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

    چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىدىغانلار يەنە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش ھەمدە كارانتىن قىلدۇرۇشى كېرەك.

    يېڭى بايقالغان چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى دۆلەت چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى باھالاشتىن ئىلگىرى چېگرا سىرتىغا چىقىرىشقا، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات ۋە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىشقا ۋە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.

    17 – ماددا چارۋا – قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى چېگرادىن كىرگۈزۈش، چىقىرىش ۋە سىرت بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تەستىقلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.