مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇنلار

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى

    ئامانگۈل2017-02-03 16:09:07شىنجاڭ گېزىتى

    (1986 – يىل 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنىدا ماقۇللانغان،

    2009 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب پوچتا ئەسلىھەسى

    3 – باب پوچتا مۇلازىمىتى

    4 – باب پوچتا ھەققى

    5 – باب زىيان تۆلىمى

    6 – باب تېز يەتكۈزۈش كەسپى

    7 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

    8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئابۇنىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، پوچتىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا دۆلەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    پوچتا كارخانىسى پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت مەجبۇرىيىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

    گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پوچتا كارخانىسىنىڭ ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى قوللىشى كېرەك.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى دېگىنىمىز دۆلەت بەلگىلىگەن كەسىپ دائىرىسى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە مۇۋاپىق ھەق ئۆلچىمى بويىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق ئابۇنىچىقا ئۇدا قىلىدىغان پوچتا مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىگە ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يوللانما ۋە پېرېۋوت پۇلىنى تەكشۈرۈشىگە، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلغان ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆزىگە قاراشلىق رايوننىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى (تۆۋەندە پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى دېيىلىدۇ) پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئاشكارا، ئادىل، لىللا بولۇش ھەم رىقابەتكە ئىلھام بېرىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

    5 – ماددا گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن دائىرىدىكى خەت – چەك يەتكۈزۈش كەسپىنى پوچتا كارخانىسى مەخسۇس قىلىدۇ.

    6 – ماددا پوچتا كارخانىسى مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئابۇنىچىلارغا تېز، توغرا، بىخەتەر، قولايلىق مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

    7 – ماددا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تاموژنا ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    2 – باب پوچتا ئەسلىھەسى

    8 – ماددا پوچتا ئەسلىھەلىرىنى جايلاشتۇرۇش ۋە ياساشتا، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پوچتا ئەسلىھەلىرىنى جايلاشتۇرۇش ۋە ياساشنى شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا ئەسلىھەلىرىنى ياساشقا مەدەت بېرىشى، يېزىلاردىكى چەت – ياقا جايلارنىڭ پوچتا ئەسلىھەلىرىنى ياساشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىشى كېرەك.

    شەھەر يېڭى رايونى، مۇستەقىل زاۋۇت، كان رايونى، تەرەققىيات رايونى، تۇرالغۇ رايونى قۇرۇش ياكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان يانداش پوچتا ئەسلىھەلىرىنى تەڭ ياساش كېرەك.

    پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن تەركىب تاپقان پوچتا تورى دۆلەتنىڭ مۇھىم خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەسى ھېسابلىنىدۇ.

    9 – ماددا پوچتا ئەسلىھەلىرىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە ئورنىتىش كېرەك.

    چوڭراق گاراژ، ۋوگزال، ئايرودۇرۇم، پورت، ئالىي مەكتەپ ۋە مېھمانخانىلاردا پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا تىجارەت سورۇنلىرىنى قۇرۇش كېرەك.

    پوچتا كارخانىسى پوچتا تىجارەت سورۇنىنى قۇرۇش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، ئاۋۋال پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا تىجارەت سورۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

    10 – ماددا ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار يوللانما تاپشۇرۇۋېلىش سورۇنى قۇرۇشى كېرەك. يېزىلاردا كەنت پوچتا پونكىتى ياكى يوللانما قوبۇل قىلىدىغان باشقا سورۇنلارنى پەيدىنپەي قۇرۇش كېرەك.

    شەھەر – بازارلاردىكى ئاھالە بىنالىرىغا يوللانما قوبۇل قىلىدىغان خەت ساندۇقى ئورنىتىش ھەمدە ئۇنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە خەت ساندۇقى ئورناتمىغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە، پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى باشقا ئورۇنلارنى خەت ساندۇقى ئورنىتىپ بېرىشكە بېكىتىدۇ، خىراجىتىنى شۇ ئاھالە بىناسىنى سالدۇرغان ئورۇن چىقىرىدۇ.

    11 – ماددا يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنلىرىنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇشتا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تاموژنىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش تەلىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

    12 – ماددا پوچتا تىجارەت سورۇنى ياكى يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنى ئېلىشتا، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، پوچتا تىجارەت سورۇنى ياكى يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنى قايتا قۇرۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماي تۇرۇپ، ئېلىشقا بولمايدۇ.

    پوچتا تىجارەت سورۇنى ياكى يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنى قايتا قۇرۇشتىن بۇرۇن، پوچتا كارخانىسى تەدبىر قوللىنىپ، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    13 – ماددا پوچتا كارخانىسى ئۆزى قۇرغان پوچتا ئەسلىھەسىنى دائىم رېمونت قىلىپ، ئۇنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پوچتا ئەسلىھەسىنى ۋەيران قىلىشىغا ياكى ئۇنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.