مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇنلار

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى

    ئامانگۈل2017-02-03 15:58:18شىنجاڭ گېزىتى

    (1997 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹قىسمەن قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورت قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى

    3 – باب تىزگىنلەش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش

    4 – باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايونى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش

    5 – باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش

    6 – باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

    7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن – ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يېنىكلىتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، قىسمەن مەنپەئەتنى ئومۇمىي مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

    3 – ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىراجىتى ھۆكۈمەت چىقىرىش بىلەن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە غەملىنىدۇ.

    4 – ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئاسراشتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش بىلەن زىياننى تۈگىتىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

    دەريا، كۆللەرنى تىزگىنلەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ۋادى سۇ بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان سۇ بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.

    5 – ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ۋادى ياكى رايون بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش، دەرىجە بويىچە ئىشلەش، ۋادى بويىچە باشقۇرۇش بىلەن مەمۇرىي رايون بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

    6 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشقا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

    7 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىلغار پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ، دەريا، كۆللەرنى پىلانلىق تىزگىنلىشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تەدبىر قوللىنىپ كۈچەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى لازىم.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈن – ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈن قاچىلاش رايونىغا يار – يۆلەك بولۇشى؛ كەلكۈن قاچىلانغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۆلەم ياكى ياردەم بېرىشى لازىم.

    8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەردە تەسىس قىلغان ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆزى باشقۇرىدىغان دائىرىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھوقۇق بەرگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇناسىۋەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇناسىۋەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    2 – باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى

    9 – ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى مەلۇم بىر ۋادى، دەريا بۆلىكى ياكى رايوننىڭ كەلكۈن – ھۆلچىلىك ئاپىتىنى تىزگىنلەش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، جۈملىدىن دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆل ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى، باشقا دەريا، دەريا بۆلىكى، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى ھەمدە رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.

    كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى شۇ ۋادى، شۇ رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا بويسۇندۇرۇش؛ رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى شۇ ۋادىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا بويسۇندۇرۇش كېرەك.

    كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى دەريا، كۆللەرنى تىزگىنلەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى.

    10 – ماددا دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەريا، كۆلنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

    باشقا دەريا، دەريا بۆلىكى، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى ياكى رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋادى ئۇنىۋېرسال پىلانى ۋە رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماق ۋە رايونلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا، دەريا بۆلىكى، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى دەريا، دەريا بۆلىكى، كۆل جايلاشقان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلاپ، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەكشۈرۈپ پىكرىنى قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

    شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ۋادىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رايون كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلەنگەن تەستىقلىتىش تەرتىپى بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

    كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

    11 – ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادەتتىكىلىرىگىمۇ ئېتىبار بېرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش تەدبىرلىرى بىلەن باشقا تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، كەلكۈن – ھۆلچىلىك قانۇنىيىتىنى، باش ئېقىن بىلەن ئاياغ ئېقىننىڭ، سول قىرغاق بىلەن ئوڭ قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە قويغان تەلىپىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش ھەمدە ئۇنى دۆلەت زېمىنىنى پىلانلاش ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

    كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدا مۇھاپىزەت ئوبيېكتى، تىزگىنلەش نىشانى ۋە ۋەزىپىسى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى ۋە يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېكىتىش، كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونى ۋە كەلكۈندىن قوغدىنىش رايونىنىڭ دائىرىسىنى ئايرىش، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىش پىرىنسىپىنى بەلگىلەش كېرەك.

    12 – ماددا دېڭىز ياقىسىدىكى بورانلىق دېڭىز تاشقىنىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بورانلىق دېڭىز تاشقىنىدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۆز جايىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دېڭىز قىرى (كۆلچەك)، دېڭىز تاشقىنى توسمىسى ۋە دېڭىز بويى ئىھاتە ئورمىنى قاتارلىق بورانلىق دېڭىز تاشقىنى مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنىڭ لايىھەسى ۋە سېلىنىشىنىڭ دېڭىز تاشقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

    13 – ماددا قىياندىن تاغ جىنىسلىرى سىيرىلىپ چۈشۈش، غۇلاپ چۈشۈش ۋە سەل كېلىش ئېھتىمالى بار جايلار ۋە قىيان كۆپ كېلىدىغان باشقا جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گېئوقېزىلما باشقۇرۇش تارمىقى، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، تاغ جىنىسلىرى سىيرىلىپ چۈشۈش، غۇلاپ چۈشۈش ۋە سەل كېلىش خەۋپىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق مۇداپىئە رايونىنى ئايرىپ، مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

    شەھەر، يېزا – بازار ۋە باشقا ئاھالە نۇقتىلىرى، شۇنىڭدەك زاۋۇت، كان، تۆمۈريول، تاشيول غول لىنىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىياننىڭ تەھدىتىنى نەزەرگە ئېلىش؛ قىياننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان جايلاردا قۇرۇلغانلىرىدا مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.

    14 – ماددا تۈزلەڭلىك، ئويمان، سۇ تورلاشقان جاي، جىلغا، ئويمانلىق قاتارلىق ئاسان ھۆلچىلىك بولىدىغان جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش – تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، مۇناسىپ تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆلچىلىككە چىداملىق زىرائەت تۈرى ۋە سورتنى يېتىشتۈرۈپ، كەلكۈن – ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق، شورلىشىشنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلىشى كېرەك.

    شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر رايونىدىكى توختام سۇنى چىقىرىش تۇرۇبا يوللىرى، سۇ پومپىسى پونكىتلىرى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    15 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، چاڭجياڭ، خۇاڭخې، جۇجياڭ، لياۋخې، خۇەيخې، خەيخې دەريالىرىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىنى ئوڭشاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك.

    ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدا دېڭىزنى قاپساپ يەر بىنا قىلىش دەريا ئېغىزىنى ئوڭشاش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

    16 – ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدا بەلگىلەنگەن دەريالارنى ئوڭشاشقا ئىشلىتىلمەكچى بولغان يەر ۋە توسما قۇرۇشقا ئىشلىتىلمەكچى بولغان يەر دائىرىسىدىكى يەرنى يەر باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك جايلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاي قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ؛ پىلانغا كىرگۈزۈلگەن شۇ جاي دائىرىسىدىكى يەرنى باشقا تۈرگە ئىشلىتىشنى مۇناسىۋەتلىك يەر باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەشتە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

    پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاينى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىش كېرەك.

    ئالدىنقى تارماقتىكى پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاي دائىرىسىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە مۇناسىۋەتسىز زاۋۇت، كان ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ زاۋۇت، كان قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاي ئىچىدىكى يەرنى ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە تەستىقلىتىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

    كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدا كەلكۈننى چىقىرىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ياكى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن يەرنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، جايلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاي قىلىپ بېكىتىشتە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانسا بولىدۇ.

     17 – ماددا دەريا، كۆللەردە قۇرۇلغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە باشقا سۇ قۇرۇلۇشى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى؛ سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن سىغدۇرۇش سىغىمى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە تولۇق قالدۇرۇلۇشى كېرەك.

     ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە باشقا سۇ قۇرۇلۇشى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە تەستىقلاشقا سۇنغاندا، مۇناسىۋەتلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىمزا قويغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يىرىك پىلان ماقۇلنامىسىنى قوشۇمچە قىلىش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.