مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان خادىم يان تېلېفونىنى ئېتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلدى

    ئامانگۈل2017-02-03 15:42:10شىنجاڭ گېزىتى

    ۋاڭ چۈن

     يان تېلېفونىنى 21 كۈن ئېتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن بۇ كىشى كىم؟ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؟

     ئەسلىدە چېن چېن 2016 – يىلى 8 – ئايدا زەھەر سېتىش جىنايىتى بىلەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. بەلگىلىمە بويىچە، چېن چېن جازا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان مەزگىلدە مەھەللىنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلماسلىقى، يان تېلېفونىنى دائىم ئوچۇق قويۇشى كېرەك ئىدى. شۇ يىلى 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چېن چېن خوتۇنى بىلەن جېدەللىشىپ قېلىپ، يان تېلېفونى يەرگە چۈشۈپ بۇزۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تېلېفونى ئېتىۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغان. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، چېن چېن بالىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن خاڭجۇغا بېرىپ مەھەللىنىڭ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىگە يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن تەستىقلاتمايلا ئايرىلغان. شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن كېيىن شۇ جايدىكى ئەدلىيە ئورنىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ يان تېلېفونى 21 كۈن ئېتىلىپ قالغان.

     چېن چېن يېقىندا نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ج خ ئىدارىسى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.

     ساقچىلار مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش – جازالاشقا دائىر قانۇن، بەلگىلىمىلىرىدە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: قانۇن بويىچە رېجىمغا ئېلىنغان، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ياكى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر، شۇنداقلا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان كىشىلەردىن قانۇنغا، مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ھەم 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن ئىشتىراپ قويۇلىدۇ. بۇ ئىشتىن ئىلگىرى ئەدلىيە ئورنىنىڭ خادىملىرى چېن چېنغا مەھەللىدە تۈزەش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېنىق ئۇقتۇرغان. لېكىن چېن چېن تەلەي سىناش ئويىدا بولۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزمىسەملا چاتاق چىقمايدۇ، دەپ ئويلىغان، ئاقىۋىتىنىڭ مۇنداق ئېغىر بولىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.