مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    يامان نىيەتتە ئونكول قىلغانلار جازالىنىدۇ

    ئامانگۈل2017-02-03 15:42:11شىنجاڭ گېزىتى

    جۇ لى 2014 – يىلى 4 – ئايدا مەلۇم بانكىدىن قەرز سوممىسى 200 مىڭ يۈەنلىك ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرگەن. ئۇ 2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئاخىرقى قېتىم 17 مىڭ 200 يۈەن قايتۇرغاندىن بۇيان، 2016 – يىلى 3 – ئايغىچە جۇ لى نامىدىكى ئىناۋەتلىك كارتا 232 مىڭ يۈەن قەرز بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە دىرى 199 مىڭ يۈەن، باج كېچىكتۈرۈلگەنلىك پۇلى 14 مىڭ يۈەن، ئۆسۈمى 17 مىڭ يۈەن. بانكىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۈندىداردا جۇ لىدىن قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشنى سۈيلىگەن بولسىمۇ، جۇ لى قەرز قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

     2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى جۇ لى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ج خ ئورنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان. 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى جۇ لى بانكىغا قەرز پۇل، ئۆسۈمى ئۈچۈن 226 مىڭ يۈەن قايتۇرغان، بانكا كەچۈرۈمنامە چىقىرىپ بەرگەن. جۇ لى پۇلنى تۆلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن.

     سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جۇلى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئىناۋەتلىك كارتىدىن 199 مىڭ يۈەن ئونكول (بانكا ھېسابىدا ئاشۇرۇپ ئېلىش مەنىسىدە) قىلغان، بانكا تەرەپ سۈيلىگەن، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ پۇلنى قايتۇرمىغان، سوممىسى كۆپ، قىلمىشىدىن كىرېدىت كارتا ئالدامچىلىقى شەكىللىنىدۇ. جۇ لى جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، بارلىق پۇللارنى قايتۇرغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئورۇننىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ.

     سوت مەھكىمىسى جۇ لىغا كىرېدىت كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ھەم 30 مىڭ يۈەن ئىشتىراپ قويغان. جۇ لى ئۆزىگە بېرىلگەن جازا ئېغىر بولۇپ كەتتى دەپ قاراپ، بىر دەرىجە يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇپ، كېچىكتۈرۈپ جازالاشقا ئۆزگەرتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

     ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى جۇ لىنىڭ يامان غەرەزدە ئونكول قىلىش سوممىسى بىر قەدەر كۆپ، قانۇن بويىچە بەش يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 1 – سوتتا جۇ لىنىڭ ئەمەلىي جىنايى قىلمىشى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، ھارام پۇللارنى قايتۇرۇشتەك ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېنىكلىتىپ جازا بەرگەن، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش جىنايى ئىشلار سىياسىتى تولۇق نامايان قىلىنغان دەپ قاراپ، دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي سوت ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان.

     دېلو ئارقىلىق قانۇن چۈشەندۈرۈش

     سوتچى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يامان نىيەتتە 5000 يۈەندىن ئارتۇق ئونكول قىلغانلار كىرېدىت كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن؛ يامان نىيەتتە 50 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە ئونكول قىلغانلار سوممىسى زور بولغانلارغا تەۋە بولۇپ، بەش يىلدىن ئون يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن؛ 200 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولغانلار سوممىسى پەۋقۇلئاددە بولغانلارغا تەۋە بولۇپ، ئون يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

     ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كىرېدىت كارتىسىنى باشقۇرۇشقا زىيان يەتكۈزۈش جىنايى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلارغا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ 6 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: كارتا بېجىرگۈچى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە بەلگىلەنگەن سومما ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئاشۇرۇپ ئونكول قىلسا، كارتا تارقاتقان بانكا ئىككى قېتىم سۈيلەپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ قايتۇرمىسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 196 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يامان نىيەتتە ئونكول قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

    مېھرىگۈل تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.