مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغانلىق كوللېكتىپ پەتە ئۆتكۈزدى

    ئامانگۈل2017-01-27 13:07:08شىنجاڭ گېزىتى

    شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

    پەتىگە لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا 2017- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ پەتە ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26- يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا 2017- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ پەتە ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

     پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كوللېكتىپ پەتىگە قاتناشتى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

     «خەلق» سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، ئىللىق كەيپىيات ئەۋج ئالغانىدى، ھەر ساھەدىكى 2000دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋالدى، توختىماي كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۈلكە ساداسى، تىلەك ۋە سالاملاردىن چاغانلىق شادىيانە كەيپىيات ئەكس ئېتىۋاتاتتى.

     چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىشى بىلەن پۈتۈن زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

     شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: تۆت پەسىل بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى داۋام ئېتىدۇ. 2016- يىلى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى داۋاملىق دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تۇنجى جەڭدە غەلىبىگە ئېرىشتۇق، خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا زور بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز تەرەققىي قىلىپ ۋە ئالغا بېسىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلدى: تارىخنى خەلق ياراتقان، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ئىككى قولى بىلەن ياراتقان، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جان تىكىپ قەيسىرانە ئېلىشىپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياراتقان. جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئارزۇغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئۇلۇغ روھقا ئىگە. ئەمگەكچان، باتۇر جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي كۈرەش قىلىپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى تۈۋرۈك. بىز ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ يۈكسەك ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق پېشقەدەم قەھرىمانلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە پېشقەدەملىرىمىزگە ئەڭ يۈكسەك ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

     شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2017- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتاينى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ پىلانىنى تۈزىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىدۇر. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 -، 5 -، 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ» دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە «مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ» دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن چىن ھېسسىيات ۋە ھەقىقەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. چىن ھېسسىياتنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش كېرەك. چىن ھېسسىيات ساختا، شەخسىيەتچىل، ۋاپاسىز بولمايدۇ. چىن ھېسسىيات ساختا بولماسلىق − كىشىلەرگە سادىق، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش دېمەكتۇر؛ چىن ھېسسىيات شەخسىيەتسىز بولۇش − ئەخلاق- پەزىلەتلىك، دۇرۇس ھەم شەخسىيەتسىز بولۇش دېمەكتۇر؛ چىن ھېسسىيات ۋاپادار بولۇش − ئوچۇق- ئاشكارا، سەمىمىي بولۇش دېمەكتۇر. شۇنداق بولغاندىلا، ئۇرۇق- تۇغقانلىق، دوستلۇق، مۇھەببەت، يولداشلىق مېھرى ئالىيجاناب ھەم مەڭگۈلۈك بولۇپ، ئۆزىگىمۇ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرى، سۆيگەن كىشىلىرى، يولداشلىرىغا پايدا يەتكۈزەلەيدىغان كىشىلەر جاھاندا بىر- بىرىنى قوغدايدىغان، ھەممە كىشى بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ. بىز چىن ھېسسىياتنى باھار شامىلىدەك ۋەتىنىمىزنىڭ پايانسىز زېمىنىغا تارقىتىپ، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشىمىز كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، يەڭنى تۈرۈپ كۈچەپ ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پايانسىز زېمىنىدا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار كۈرىشىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشى كېرەك.

     شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كوللېكتىپ پەتىدە كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋاللاشتى ھەم چاغانلىق بەخت تىلەشتى. ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ پەتىگە قاتناشتى.

     كوللېكتىپ پەتىگە يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.


     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا 2017- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ پەتە ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى كۈتۈۋالدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.