مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ‹‹سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش›› پىرىنسىپىنى ئىزچىل تەكىتلەش كېرەك

    ئامانگۈل2017-01-19 13:22:43شىنجاڭ گېزىتى

     سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قائىدە تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ئاممىۋى ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندى، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىمۇ تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، ئازايتىش ياكى تۈگىتىشتە ئۇنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى››نىڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى قىلىپ بەلگىلىدى. مەزكۇر قانۇننىڭ 4 – ماددىسىدا: ‹‹ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدىن ئىختىيار قىلىش، ئادىل بولۇش، تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىش لازىم›› دەپ بەلگىلەنگەن. ‹‹توختام قانۇنى››نىڭ 6 – ماددىسىدا: ‹‹دەۋالاشقۇچىلار ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى سەمىمىي ئادا قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىش لازىم››؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى››نىڭ 13 – ماددىسىدا: ‹‹ھەق تەلەپ دەۋاسىدا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك›› دەپ مەخسۇس بەلگىلەنگەن.

     سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى نۆۋەتتىكى نېگىزلىك پىرىنسىپلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى تۈرلۈك ھەقدارلىق، قەرزدارلىق ھەرىكەتلىرى داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلۈك گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بۇنداق شارائىتتا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىنى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ سوتسىيالىستىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇنچىلىق تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش ۋە دەۋا ماجىرالىرىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تېز ۋە توغرا بىر ياقلىق قىلىشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىجابىي ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈرلۈك دەۋا ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر جەريانىدا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىلەرنى كۈچلۈك تەقەززا قىلىدۇ:

     بىرىنچىدىن، كوللېكتىپنىڭ، باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يامان نىيەت بىلەن ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا ياكى زىياننىڭ زورىيىپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلىپ، ئۇزاققىچە مۇناسىپ تەدبىر قوللانماي، دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنى ‹‹ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەيدىكەن›› دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرمۇ سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا زىت قىلمىش بولۇپ، بۇنداق دېلولاردىكى دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپى قانۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماي، بەلكى ئۇلار قەستەن سۈكۈت قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ ئاقىۋىتى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن سەلبىي تەسىرى قاتارلىقلارغا قاراپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقىمۇ مۇناسىپ سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛

     ئىككىنچىدىن، دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، پىكىر بايان قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش... قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ ئوبيېكتىپ پاكىت ۋە مەسىلىلەرنى راستچىللىق بىلەن بايان قىلىش ۋە تەشەببۇس قىلىش، تۈرلۈك ھوقۇق – مەنپەئەت مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلگەندە نېمە ئىش بولسا شۇنى ئەينەن، راستچىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش ياكى گۇۋاھلىق بېرىش لازىملىقىنى ھەمدە ساختىپەزلىك، يالغانچىلىق، ھىيلىگەرلىك خاھىشلىرىغا قەتئىي يول قويمايدىغان مېخانىزمنىڭ ئورنىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛

     ئۈچىنچىدىن، بىراۋنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئىتىگە مۇخالىپ كېلىدىغان رەزىل ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىش، ئەۋج ئېلىش خاھىشلىرىغا بوشلۇق قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتى ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    ئەركىن ئابلىمىت ئاتچاپا

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.