مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئۈندىداردىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى ئارقىلىق قايتۇرۇۋېلىنغان قەرز

    ئامانگۈل2017-01-19 13:22:42شىنجاڭ گېزىتى

     ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا لى دەن بىلەن ۋۇ شاۋ ئوتتۇرىسىدىكى قەرز ماجىراسىغا قاراپ چىقىپ، قەرز ئىگىسى لىن دەننىڭ ئۈندىداردىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى دەلىل – ئىسپات قىلىپ، ۋۇشاۋنى قەرز ئالغان 50 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇشقا بۇيرۇدى.

     ۋۇ شاۋ بىلەن لى دەن ساۋاقداش بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. 2015 – يىل 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ۋۇ شاۋ يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆيىنى زىننەتلەشكە پۇلى كەملەپ قالغانلىقتىن، ئۈندىدار ئارقىلىق لى دەندىن قەرز سورىغان ھەمدە ئىككى ئاي ئىچىدە چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن لى دەن ئۈندىدار ئارقىلىق ۋۇ شاۋغا 50 مىڭ يۈەننى مېمورىئال قىلىپ قەرز بەرگەن. قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتى توشقاندا، ۋۇشاۋ قەرزنى قايتۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

     لى دەن كۆپ قېتىم ئۈندىداردا سۆزلىشىش ۋە تېلېفون بېرىش ئارقىلىق، ۋۇ شاۋدىن پۇلنى قايتۇرۇشنى سۈيلىگەن بولسىمۇ، بىراق ۋۇ شاۋ باھانە كۆرسىتىپ قەرز قايتۇرۇشنى ئارقىغا سۆرىگەن. كېيىن ۋۇ شاۋ لى دەننىڭ ئۈندىدارىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى لى دەن قەرز ھۆججىتى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۈندىداردىكى پاراڭلىشىش ھەم مېمورىئال قىلىش خاتىرىسىنى دەلىل – ئىسپات قىلىپ، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋۇ شاۋدىن 50 مىڭ يۈەننى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغان.

     لى دەن سوتتا ئۈندىداردىكى پاراڭلىشىش ھەم مېمورىئال قىلىش خاتىرىسىنى دەلىل – ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەندىن باشقا، يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ساۋاقداشلىرى ھەم ۋۇ شاۋنىڭ ئۈندىداردىكى دوستلىرىنى گۇۋاھچىلىققا چاقىرغان، ۋۇ شاۋمۇ لى دەننىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق پۇلنى مېمورىئال قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. سوت مەھكىمىسى قانۇنلۇق قەرز ئېلىش، قەرز بېرىش مۇناسىۋىتى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ دەپ قاراپ، ۋۇ شاۋنى بەش كۈن ئىچىدە 50 مىڭ يۈەننى لى دەنگە قايتۇرۇپ بېرىش ھەم ئەرز ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.

    (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

    ئابلەت ئابلىز، ئابدۇكېرەم ئابدۇرېھىم

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.