مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات بولۇشى كېرەك

    ئامانگۈل2017-01-19 13:22:43شىنجاڭ گېزىتى

     كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈلمىگەن ھادىسىدىن خالىي بولماق تەس. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ زەخىملەنگەن ياكى ئۆلۈم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلى بېرىشى ئەمەلىي خەۋپنى ئازايتىشتىكى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

     كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى دېگىنىمىز سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغان، كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن، زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغاندا، سۇغۇرتا شىركىتى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەشنى كۆرسىتىدۇ.

     رېئال تۇرمۇشتا، سۇغۇرتىلانغۇچى يارىلانغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسىنىڭ تۆلەم تەلىپى توغرىسىدا دائىم تالاش – تارتىش كۆرۈلىدۇ. سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ قەستەنسىز، سىرتتىن كەلگەن، كۈتۈلمىگەن تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدۇ.

     سوت مەھكىمىسى بۇ تۈردىكى سۇغۇرتا تۆلىمى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاساسلىقى ئىككى تەرەپ تەمىنلىگەن تۈرلۈك ئىسپات(ج خ، دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيەلىك بېكىتىش)نى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ناۋادا سۇغۇرتا شىركىتى زىيانلانغۇچىنىڭ كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن يارىلانمىغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىكەن، ئۇنداقتا مۇناسىپ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

     مىسال: لى جىڭ ئۆيىدىكى ھاجەتخانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغان. ئىشتىن كىيىن لى جىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا توختامىدا كېلىشكىنى بويىچە كۈتۈلمىگەن ئۆلۈم تۆلىمى ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن سۇغۇرتا شىركىتى بۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسە ئەمەس دەپ قاراپ، تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان.

     لى جىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سوتتا ‹‹120›› جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئۇچۇر ئىنكاس جەدۋىلىنى كۆرسەتكەن. جەدۋەلدە: قۇتقۇزۇش ئوبيېكتى لى جىڭ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە باش قىسمى يارىلانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، دوختۇرخانىغا يۆتكەشتە قازا قىلغان، دەپ يېزىلغان. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى لى جىڭنىڭ ئۆيىنىڭ ھاجەتخانىسىدا يىقىلىپ چۈشۈپ، باش قىسمى يارىلىنىپ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات چىقىرىپ بەرگەن.

     سوتتا تەرەپلەر لى جىڭنىڭ ئۆلۈمى تاسادىپىي يارىلىنىشقا كىرەمدۇ – يوق؟ سۇغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشىش كېرەكمۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەن.

     دەۋاگەر تەرەپ مۇنداق دەپ قارىغان: لى جىڭ يىقىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى تاسادىپىي بولۇپ، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان زەخىم بولغاچقا، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا يىقىلىپ باش قىسمىنىڭ يارىلىنىشى لى جىڭنىڭ قازا قىلىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن زىيان سۇغۇرتىسىدىكى تۆلەم ئۆلچىمىگە ماس كېلىدۇ.

     سۇغۇرتا شىركىتى مۇنداق دەپ قارىغان: لى جىڭنىڭ باش قىسمىنىڭ يارىلىنىشى كۈتۈلمىگەن ھادىسە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. لى جىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۆلەم تەلەپ قىلغاندا سۇغۇرتا شىركىتىنى سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبىنى بېكىتىپ بېرەلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىسپات – ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن جاۋابكار مۇناسىۋەتلىك ئىسپات – ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىيەلمىدى، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبىنى بېكىتىش تەس، شۇنىڭ ئۈچۈن سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

     سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: لى جىڭنىڭ مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن تۈزگەن سۇغۇرتا توختامى قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك. لى جىڭ سۇغۇرتىلانغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۇغۇرتا توختامىدا كېلىشكىنى بويىچە مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا ھوقۇق – مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. لى جىڭ سۇغۇرتىلانغان مەزگىلدە سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن، لى جىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توختامدا كېلىشكىنى بويىچە سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن لى جىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا پۇلىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

     سۇغۇرتا شىركىتى دەۋاگەر تەرەپ مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىدى دەپ قارىغان، لېكىن ‹‹120›› جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئۇچۇر ئىنكاس جەدۋىلى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتىدىن لى جىڭنىڭ ھاجەتخانىدا يىقىلىپ، باش قىسمى يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا يۆتكەشتە قازا قىلغانلىقىنى، لى جىڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تۇيۇقسىز، قەستەنسىز، سىرتتىن كەلگەن زەخىم ئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، لى جىڭ سۇغۇرتا توختامىدا كېلىشكەن تاسادىپىي زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈمگە كىرىدۇ.

     بۇلارغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى سۇغۇرتا شىركىتىنى دەۋاگەر تەرەپكە 50 مىڭ يۈەن سۇغۇرتا پۇلى بېرىشنى بۇيرۇغان. سۇغۇرتا شىركىتى ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، سوت مەھكىمىسى 2 – سوتتا قاراپ چىققاندىن كېيىن دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي سوت ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان.

     (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

    مېھرىگۈل تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.