مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    بەش تۈرلۈك جىنايەتكە قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش تەرتىپىنى تەتبىقلاشقا بولىدۇ

    ئامانگۈل2017-01-19 13:19:56شىنجاڭ گېزىتى

     ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا، ‹‹جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار قېچىپ كېتىش، ئۆزىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆلۈپ كېتىش دېلولىرىدىكى قانۇنسىز تاپاۋەتلەرنى مۇسادىرە قىلىشقا تەتبىقلىنىدىغان تەرتىپلەرگە دائىر بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››نى ئېلان قىلىپ، قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش تەرتىپى تەتبىقلىنىدىغان جىنايەتلەرنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن، چېگرا سىرتىدىكى ئامانەت پۇلىنى يوشۇرۇش، پارا ئېلىش – بېرىشكە تونۇشتۇرۇش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋە تور ئالدامچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىيانەتچىلىك – پارىخورلۇق ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرى قاتارلىق دېلولارنى بەش تۈرلۈك جىنايەت دېلوسى قىلىپ بېكىتتى.

     ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىر قىلىش تەرتىپىگە تەتبىقلىنىدىغان جىنايەتلەرنىڭ دائىرىسى بەك تار بولۇپ قالغان، مەسىلەن: دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات، ئەتكەسچىلىك قىلىش، زەھەر، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋە تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەت تەتبىقلاش دائىرىسىدە بولمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان دېلولارنى تەرتىپكە كىرگۈزگىلى بولماي، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش چەكلىمىگە ئۇچراپ قالغان.

     ‹‹بەلگىلىمە››دە قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش تەرتىپىگە تەتبىقلىنىدىغان جىنايەتلەرنىڭ مۇنداق بەش تۈرلۈك جىنايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، خىيانەتچىلىك، ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، زور مال – مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق، چېگرا سىرتىدىكى ئامانەت پۇلىنى يوشۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش ۋە مۇسادىرە قىلىنغان مال – مۈلۈكنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر؛ ئىككىنچى، پارا ئېلىش، ئورۇن پارا ئېلىش، تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش، پارا بېرىش، تەسىر كۈچى بار كىشىگە پارا بېرىش، ئورۇنغا پارا بېرىش، پارا ئېلىش – بېرىشكە تونۇشتۇرۇش ۋە ئورۇن پارا بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر؛ ئۈچىنچى؛ تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش، تېررورلۇققا ياردەم بېرىش ۋە تېررورلۇق قىلىشقا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر؛ تۆتىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، ئەتكەسچىلىك قىلىش، پۇل يۇيۇش، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ۋە زەھەرگە دائىر جىنايەتلەر؛ بەشىنچى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋە تور ئالدامچىلىقى دېلوسى قاتارلىق يېڭىچە ئالدامچىلىق جىنايەتلىرى.

     بۇلاردىن سىرت، ‹‹بەلگىلىمە››دە ‹‹قېچىش ۋە ئۆزىنى يوشۇرۇش››نىڭ دائىرىسى بەلگىلەندى، يەنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ياكى جاۋابكارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ، تەھقىقلەش ۋە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قېچىشى ئەڭ تىپىك ‹‹قېچىش ۋە ئۆزىنى يوشۇرۇش›› قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ؛ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ياكى جاۋابكارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن، ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي، ئەسلىي ئورنىدا يوشۇرۇنۇۋېلىپ تەھقىقلەش ۋە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قېچىشى ‹‹قېچىش ۋە ئۆزىنى يوشۇرۇش›› قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ؛ جىنايەت گۇماندارى ياكى جاۋابكار تەھقىقلەش ۋە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ چېگرا سىرتىدا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ سوت قىلىنىشنى خالىمىغانلىقىنىمۇ ‹‹قېچىش ۋە ئۆزىنى يوشۇرۇش›› قىلمىشى، دەپ قاراش كېرەك.

     ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 2 – كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى پېي شيەندىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بەلگىلىمە››دە قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش تەرتىپىگە تەتبىقلىنىدىغان ‹‹زور جىنايى دېلو››دىكى ‹‹زور››نى بېكىتىشتە، ‹‹شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى مەملىكەت مىقياسىدا بىر قەدەر چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان››نى ئۆلچەم قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹چېگرا سىرتىغا قېچىپ كېتىش ۋە يوشۇرۇنۇش›› ‹‹زور››نى بېكىتىشتىكى بىر ئۆلچەم قىلىندى.

    بۇ ‹‹بەلگىلىمە›› 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

    ‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.