مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-16 16:01:11تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىل ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئەدلىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.

     پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر «ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئەدلىيەسى»دىن ئىبارەت باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا پاك، ئادىل بولدى.  دەۋاگەرلەرنى ئامالنىڭ بارىچە مۇرەسسەگە يېتەكلەپ، مۇرەسسە ئارقىلىق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. نەتىجىدە دەۋاگەرلەرنىڭ دەۋادىن ۋاز كېچىش نىسبىتى %57.77كە يەتتى. ئىگىلىنىشىچە، پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن بىر يىلدا تۈرلۈك دېلولاردىن 3991نى قوبۇل قىلىپ، 34261نى سوت قىلىپ تاماملاپ، تاماملاش نىسبىتىنى %85.84كە يەتكۈزدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن 314نى قوبۇل قىلىپ، 289نى سوت قىلىپ تاماملاپ، دېلو تاماملاش نىسبىتىنى %92.04كە يەتكۈزدى. ئىجرا دېلولىرىدىن 1407نى قوبۇل قىلىپ، 1036 دېلونىڭ ئىجراسىنى تاماملاپ، دېلو تاماملاش نىسبىتىنى %%73.63كە يەتكۈزدى. بىر تۈركۈم يىللاردىن بۇيان بېسىلىپ قالغان، ئىجراسى مۇرەككەپ، قىيىن، قىزىق نۇقتا دېلولىرىدىن 520نى ئىجرا قىلدى. ئىش ئورنىدىن قالغانلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرگە چېتىشلىق 234 مىڭ 500 يۈەن دەۋا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى ياكى كېمەيتتى. ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن 14 كىشىگە ھەقسىز ئادۋوكات بەلگىلەپ بەردى. «12368» دەۋا مۇلازىمەت قىزىق لېنىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلدى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.