مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    مارالبېشىدا قانۇن ئۆگىنىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-16 10:54:05تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى: تەشكىللەش پۇختا، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلمىي، تەشۋىقات قاراتمىلىق، چۈشىنىشلىك قانات يايدۇرۇلغانلىقتىن، مارالبېشىدىكى كادىر-ئامما ئارىسىدا قانۇن ئۆگىنىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، قانۇن ئېڭى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

        بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنىڭ قىشتىكى ئارىسال ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش، قانۇننى ئىشلىتىش، قانۇنغا تاينىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ئىناق مارالبېشى قۇرۇشقا ئاساس يارىتىش ئۈچۈن، 10-يانۋاردىن بۇيان ناھىيەدىكى سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىدىن ئاجرىتىلغان ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك 35 نەپەر تايانچ تەشۋىقاتچىنى ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-بازار، مەيدان، كەنت، ئىجتىمائىي رايونلار، مەكتەپ، ئورگانلاردا «ئىللىقلىققا تولغان مارالبېشى . قىش پەسىللىك قانۇن بىلىملەر بويىچە چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتى»نى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى. تەشۋىقاتچىلار تەشۋىقات جەريانىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى» قاتارلىق قانۇن بىلىملەرنى ئامما چۈشىنەلەيدىغان ئاممىباپ تىل، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلدى، مۇكاپاتلاش شەكلى ئارقىلىق قاتناشقۇچىلارنى قوزغىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تەشۋىقات جەريانىدا يەنە كەڭ ئاممىغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنى «قانۇننى ئۆگىنىش ئىشلىتىش، پىرىنسىپ ۋە قائىدە سۆزلەش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش»قا يېتەكلىدى، 15-يانۋارغىچە قانۇن تەشۋىقاتىدىن تەربىيەگە ئىگە بولغان كادىر، ئامما 75 مىڭ 488 ئادەم(قېتىم)گە يەتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.