مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھەممەت ئىسمايىل، لىن شېنشيۇڭلارنى ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارارى

    ئامانگۈل2017-01-12 11:37:16شىنجاڭ گېزىتى

     (2017–يىل 1–ئاينىڭ 11–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     تۇرپان شەھەرلىك ئوتلاق نازارەتچىلىكى ئورنىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت ئىسمايىل، شىنجاڭ ‹‹شېڭشيۇڭ›› ئېنېرگىيە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى، ‹‹شېڭشيۇڭ›› مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى لىن شېڭشيۇڭلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ‹‹جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسى››گە ئاساسەن، مۇھەممەت ئىسمايىل، لىن شېڭشيۇڭلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى؛ مۇھەممەت ئىسمايىلنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 5 – يىغىنىنىڭ رويخەتكە ئېلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى قارار قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.