مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنى 2–قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

    ئامانگۈل2017-01-12 11:37:18شىنجاڭ گېزىتى

     چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن

     ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

      لى ياڭ، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2 – قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

      چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، ليۇ شىنچى يىغىنغا قاتناشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹تېلېفون ۋە ئالاقە تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى››، ‹‹توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى››نى يولغا قويدى، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى››نى تۈزەتتى؛ قائىدە – نىزام ۋە قائىدە – نىزام خاراكتېرلىك قاراردىن 19 نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، ئوبلاست، شەھەرلەر تەستىقلاشقا يوللىغان 12 قائىدە – نىزامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى؛ ‹‹ھۆكۈمەت ۋە ئىككى مەھكىمە››نىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىدىن 13 نى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، يەتتە تۈرلۈك قانۇن – نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئالتە قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى دائىمىي كومىتېت تەشكىللىگەن نىزام چىقىرىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش ۋە سوتتا قاراپ چىقىشقا سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، ۋەكىللەرنى 260 تىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىدى، 50 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەم يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بېكىتكەن ئون تەكلىپ، 789 تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى.

     نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ئاچقۇچلۇق يىل. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركەزنىڭ تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قوغداشنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات – تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ قارارىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى 522 مىڭ 170 دېلونى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 20.1 ئاشقان؛ 457 مىڭ 560 دېلونى بېجىرگەن بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 18.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 6798 دېلونى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 6193 دېلو بېجىرىلگەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىملىق تەھدىت ھالىتىدە باشتىن – ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جىنايەت گۇماندارىدىن 27 مىڭ 404 كىشىنى قولغا ئېلىش تەستىقلاندى، 41 مىڭ 305 كىشى ئەيىبلەندى؛ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلوسىدىن 815ى، 889 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي ئېتىراز دېلولىرىدىن 107 سى؛ نازارەت قىلىش، تۈزىتىش دەۋا پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللاردىن 469 قېتىم؛ نازارەت قىلىپ تۈزىتىش، جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللاردىن 524 قېتىم؛ كۈتۈۋېلىش، بېجىرىش، ئەرزىيەتتىن 4135 قېتىم بىر تەرەپ قىلىندى. 2017 – يىلى ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى كۈچەپ ئادا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئەدلىيە مۇلازىمىتى كاپالىتى سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى كۈچەپ جازالاپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دەۋا نازارەتچىلىك سالمىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تەپتىش ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

     يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

     يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، بورە، ئابدۇقېيۇم مەمەت، پەرھات ئىبراھىم، سالتانات قىنايات، تۇرغۇن ئابدۇرېھىم، ۋاڭ شىنشېڭ، كاڭ ۋېنخۇا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.