مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    شىنجاڭ تۆمۈريولىدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تۇنجى پويىز يولغا چىقتى

    بۇئايشەم2017-01-12 10:06:30تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: شىنجاڭ تۆمۈريولىدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تۇنجىK4668 قېتىملىق پويىز 1229 نەپەر يولۇچىنى ئېلىپ، 11-يانۋار سائەت 14:43 دە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقتى.

        قەشقەردە سودا قىلىدىغان يولۇچى سۈن شاۋيەن بىر ئائىلىلىك 11-يانۋار ئەتتىگەندىلا يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ پويىز كۈتۈش زالىدا پەيدا بولدى، ئۇلار 10-يانۋار قەشقەردىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، جېڭجۇغا ماڭماقچى ئىدى. سۈن شاۋيەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ شىنجاڭغا كېلىپ سودا قىلغىلى 10 يىل بولغان، ھەر يىلى پويىزغا ئولتۇرۇپ يۇرتىغا بېرىپ چاغان ئۆتكۈزىدىكەن، بۇ يىلمۇ ئۇلار توردىن ئالدىن پويىز بېلىتى سېتىۋالغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە بېلەت ئالالمىسا ئادەم بەكمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. بۇ يىل بېلەتنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق سېتىۋالدىم، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە چاغان ئۆتكۈزسەم ئۆزەمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن».

         يولۇچى ۋۇ لېي شاڭچيۇ شەھىرىگە قايتماقچى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىرگە پويىزنىڭ تۆت دانە قاتتىق ئورۇندۇقلۇق بېلىتىنى سېتىۋالغان، ھەمدە چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تۇنجى پويىزنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالالىغانلىقىدىن ئۆزىنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلغان. ئۇ؛ قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرساممۇ كېتىۋېرىمەن، دېدى.

         چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتچى پويىزغا يولۇچى توشۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان 38 نەپەر تەجرىبىلىك خىزمەتچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

        ئورۈمچى ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خاۋ لىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋاقىتلىق پويىزنىڭ ئوڭۇشلۇق يولۇچى توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋوگزالدا بېلەت سېتىش كۆزنىكى كۆپەيتىلگەن. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مۇلازىمەت ئەلالاشقان، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، بېلەت تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۆتكەللەر چىڭ تۇتۇلغان.

     
     
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.