مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    ھەدىيەنى بىكار قىلىش ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ

    مەۋلۇدە2017-01-11 17:50:29شىنجاڭ گېزىتى

      ئۆي كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن قىممەتلىك شەخسىي مۈلۈك بولۇپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆي سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ماجىرالارمۇ كۆپەيمەكتە. بۇ سەھىپىمىزدىكى ئۆينى ھەدىيە قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئەرز دېلوسى نۇرغۇن ئۆي ماجىرالىرى ئىچىدىكى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

        ھەدىيە دېگىنىمىز، ھەدىيە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ مال مۈلكىنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىيە توختامى ھەدىيە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان توختامدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ توختام قانۇنىدا: ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئەخلاق – مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدىكى ھەدىيە توختامى ياكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامىدىن سىرت، ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال – مۈلكىنىڭ ھوقۇقى يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى ھەدىيەنى بىكار قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن بىر قىسىم ئەھۋاللاردا، يەنى ئاجرىشىش كېلىشىمىدىكى ئۆي مۈلۈكنى پەرزەنتلىرىگە ھەدىيە قىلىپ، ئاجرىشىپ بولغاندىن كېيىن مال – مۈلۈك ھوقۇقى يۆتكىلىشتىن بۇرۇن ھەدىيەنى بىكار قىلىش قىلمىشى سوتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

        ليۇ ئەپەندى بىلەن جاڭ خانىم 2005 – يىلى توي قىلغاندىن كېيىن بىر ئوغۇللۇق بولغان. 2012 – يىلى 7 – ئايدا مىجەزى كېلىشەلمەي كېلىشىم تۈزۈپ ئاجراشقان ھەم بالىنى ئانىسى بېقىپ تەربىيەلەيدىغان، ليۇ ئەپەندى ئۆينىڭ قەرزىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆينى ئوغلىغا بېرىدىغان بولۇپ كېلىشكەن.

        بىر قانچە يىلدىن كېيىن ليۇ ئەپەندى تۇيۇقسىز سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۆينىڭ قەرزىنى تېخى قايتۇرۇپ بولالمىغانلىقىنى، ئۆينىڭ تېخىچە ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئورتاق مۈلكى ئىكەنلىكىنى، ئۆينىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ئوغلىغا ھەدىيە قىلىشنى بىكار قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

        جاڭ خانىم مۇنداق دەپ قارىغان: ئاجراشقاندا ئىككىيلەن ئۆينى ئوغلىغا ھەدىيە قىلىدىغانغا كېلىشكەن بولغاچقا، ئۇ باشقا ئورتاق مۈلۈك (مەسىلەن: ئاپتوموبىل)نى بۆلۈشۈشتىن ۋاز كەچكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ليۇ ئەپەندىنىڭ ئەرز تەلىپىنى رەت قىلىش كېرەك.

        سوت مەھكىمىسى: مەزكۇر دېلودىكى تەرەپلەرنىڭ تالىشىش نۇقتىسى ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن ئاجرىشىش كېلىشىمىدە ئورتاق مۈلكىنى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە قالدۇرۇشقا كېلىشىپ، ئاجراشقاندىن كېيىن بىر تەرەپ ھەدىيە ھوقۇقى يۆتكىلىشتىن بۇرۇن ھەدىيە ھوقۇقىنى بىكار قىلسا بولامدۇ، يوق دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. ئاجرىشىش توختامىدىكى ئورتاق مۈلۈكنى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە ھەدىيە قىلىشنى كېلىشىش بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش، پەرزەنتلەرنى بېقىپ – تەربىيەلەش، ئورتاق مۈلۈكنى بۆلۈشۈش، ئورتاق قەرزنى قايتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بىر گەۋدە بولۇپ، ناۋادا بىر تەرەپنىڭ يېنىۋېلىشىغا يول قويۇلسا، ئاجرىشىش كېلىشىمىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. نىكاھ مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنىپ ھەم كەينىگە قايتقىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا، مال – مۈلۈكنى بۆلۈشۈشتىن يېنىۋېلىشقا يول قويۇلسا، ئالدى بىلەن ئاجرىشىپ ئاندىن يامان نىيەتتە مال – مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىشتەك سەمىمىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. توختام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاجراشقاندىن كېيىن ھەدىيەنى بىكار قىلىشتا ئىككىلا تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. ئورتاقلىشىپ تەڭ ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى بولغان يەنە بىر تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ئەھۋالدا، بىر تەرەپنىڭ ھەدىيەنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، دەپ قاراپ، ليۇ ئەپەندىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان.

        مېھرىگۈل تەييارلىغان

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.