مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    ساختا كىنىشكا ياسىتىشتىن قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟

    مەۋلۇدە2017-01-11 17:54:27شىنجاڭ گېزىتى

        46 ياشلىق سۈبھى جامائەت تۇرالغۇ فوندىنى ئېلىش ئۈچۈن 2016 – يىلى 6 – ئاينىڭ بېشىدا توردا ساختا كىنىشكا ياسايدىغان ئۈندىدار نومۇرىغا ئېرىشكەن. سۈبھى ساختا كىنىشكا ياسىغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ ‹‹ئۆي مۈلۈك كىنىشكىسى››نى ياسىتىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كارتىسىغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىمدا 850 يۈەن ئۇرۇپ بەرگەن. بىر قانچە كۈندىن كېيىن سۈبھى پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن ‹‹ئۆي – مۈلۈك كىنىشكىسى››نى تاپشۇرۇۋالغان ھەم 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ساختا كىنىشكىنى ئېلىپ شىخەنزە شەھەرلىك ئۆي – مۈلۈك سودىسى مەركىزىگە بېرىپ جامائەت تۇرالغۇ فوندى ئېلىش مۇلازىمىتى بېجىرمەكچى بولغاندا، خىزمەتچى خادىملار تەرىپىدىن سېزىلىپ، دۆلەت ئورگىنىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ – سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

        شىخەنزە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا مەزكۇر دېلوغا قاراپ چىقىپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سۈبھىگە دۆلەت ئورگىنىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ – سېتىش جىنايىتى بىلەن ئالتە ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھەم 3000 يۈەن ئىشتىراپ قويۇشقا بۇيرۇغان؛ سېتىۋالغان ساختا كىنىشكىنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلغان.

        دېلو ئارقىلىق قانۇن چۈشەندۈرۈش

        سوتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر قىسىم كىشىلەر جامائەت تۇرالغۇ فوندىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن باش قاتۇرۇپ، ھەتتا ساختا كىنىشكا ياساتماقتا، مەزكۇر دېلو دەل شۇلارنىڭ تىپىك مىسالى. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 280 – ماددا 1 – تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ئېلىپ ساتقانلارغا ياكى ئوغرىلىغانلار، تارتىۋالغانلارغا، يوق قىلىۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مەزكۇر دېلودىكى جاۋابكار سۈبھى دۆلەت ئورگىنىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى سېتىۋالغان ھەم ئۇنى ئىشلەتكەن، قىلمىشىدىن دۆلەت ئورگىنىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ – سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

        ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 72 – ماددىسى 1 – تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگىمۇ توشىدىغانلىرىغا جازاسىنى كېچىكتۈرۈش جاكارلانسا بولىدۇ، (1) جىنايى قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلار؛ (2) جىنايىتىگە توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغانلار؛ (3) قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش خەۋپى بولمىغانلار؛ (4) جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانسا، شۇ كىشى ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلمايدىغانلار. بۇ جاۋابكارنىڭ تۇنجى قېتىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشى، شۇنداقلا قىلمىشىغا توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغاچقا، جازانى كېچىكتۈرۈش شەرتىگە توشىدۇ. شۇڭا، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جاۋابكارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈشنى جاكارلىغان. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

        (ئۆز خەۋىرىمىز)

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.