مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017–يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم شۋېتسارىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىدۇ

    ئامانگۈل2017-01-11 11:22:59شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: لويىتىخارد رەئىسلىكىدىكى شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

     دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ مەزگىلدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى سىۋابنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋۇس دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017 – يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭفۇجېن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى زىيارەت قىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.