مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ‹‹ئۈچ دوكلات››قا قاراپ چىقتى ۋە ئۇنى تەكشۈردى

    ئامانگۈل2017-01-11 11:23:00شىنجاڭ گېزىتى

     ئۆز خەۋىرىمىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈردى. ۋەكىللەر قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان لايىھەسى، خامچوت لايىھەسىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ‹‹ئۈچ دوكلات››تا ئەمەلىيەتچىللىك گەۋدىلىنىپ، تەرەققىيات كۆزلىنىپ، ئىسلاھاتقا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە››ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپتۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەلىپىگە ۋە خەلقنىڭ رايىغا ئىنتايىن ئۇيغۇنلاشقان دوكلات بوپتۇ.

     ۋەكىل جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشتا، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆزگىچە 100 كىچىك شەھەر – بازار يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئۆزى ناھايىتى ياخشى باشلىنىش. مەن يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ، تەبىئىي ئامىل، تارىخىي ئامىل، دەۋر ئامىلىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە قىياپەتكە ئىگە يېزا – بازار بەرپا قىلىشنى؛ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەشنى؛ ساياھەتچىلىك، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگىچە كىچىك شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ۋەكىل تۆلۈۋقان قابىلھاشىم مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ئاپتونوم رايون بۇ يىلمۇ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ماكانلاشتۇرۇش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش، بىخەتەرلىك قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار قۇرۇلۇشلار يولغا قويۇلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلىپتۇ، بۇ كىشىنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. كۈرەش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ بىر قاتار قۇرۇلۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     ۋەكىل سالتانات قىنايات مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ تىلى ئىخچام، ئۇسلۇبى ئاددىي، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئەمەلىي بوپتۇ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىنىپ، ئومۇمىيەت ئىگىلىنىپتۇ. مەن ئامما ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان، ئەڭ ئىنتىزار بولۇۋاتقان ئىشلارنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش، قىيىن ئىشلارنى ياخشى بېجىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ۋەكىل لى يى مۇنداق دېدى: ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى بۇ سۆز كىشىنى ئەڭ ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرۈۋالالايمىز. دوكلاتقا ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى›› ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ روھى ۋە شىنجاڭ ئەمەلىيىتى تولۇق نامايان قىلىنغان دوكلات بوپتۇ، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيەسى جىددىي بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن قوللىشىغا ئېرىشتى.

     ۋەكىل رىزۋانگۈل ئابدۇرىھىم مۇنداق دېدى: دوكلاتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بىز بۇنىڭغا بەكمۇ تەقەززا بولۇۋاتىمىز. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق بۇلتۇر يولغا قويۇلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان تەدبىرلەردىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى. ئومۇمىي خەلق ساغلام بولغاندىلا، ئومۇمىي خەلق ھاللىق سەۋىيەگە يېتەلەيدۇ. بىز بۇ يىل ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

     ۋەكىل خۇاڭ جىنجۇڭ مۇنداق دېدى: دوكلات ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز بىلەن تىرىشىش نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپتۇ، بىز مەۋقەنى يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈلمە – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتىپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، رولىمىزنى تېخىمۇ زور جارى قىلدۇرىمىز.

     ۋەكىل ليۇ يۇچېڭ مۇنداق دېدى: ھەرقانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق، ياخشى بۈيۈك پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دوكلاتنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، خىزمەت ئورنۇمدا قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.