مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    قىيىن ئۆتكەلگە پۇختا ھۇجۇم قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-01-11 11:23:02شىنجاڭ گېزىتى

    سۈن جىنلۇڭ شىخەنزە شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى:

    قىيىن ئۆتكەلگە پۇختا ھۇجۇم قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك

     يۆ يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ شىخەنزە شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

     سۈن جىنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› تا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى زىچ چۆرىدەلگەن ھالدا بۇلتۇرقى خىزمەتلەر ئەمەلىي خۇلاسىلەنگەن، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي تەھلىل قىلىنغان، بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دوكلاتتا باشتىن – ئاخىر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەلىپى، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش روھى، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى گەۋدىلەنگەن بولۇپ، باش تېمىسى روشەن، نىشانى ئېنىق، ئەلرايىغا ماسلاشقان، كىشىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان دوكلات بوپتۇ.

     سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2016 – يىلىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا، بىڭتۈەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى داۋاملىق تەڭشىدى ۋە ئەلالاشتۇردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈنۈملۈك كۈچەيتىلدى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹13 – بەش يىل››دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

     سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەنگە قاراتقان ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىڭتۈەنگە قاراتقان ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2017 – يىللىق خىزمەتلەرنى زېھىن ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە››ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، يېتەكلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ۋە چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئادا قىلىش، مەركەزنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قىيىن ئۆتكەلگە پۇختا ھۇجۇم قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.