مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنى2–،3–قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

    ئامانگۈل2017-01-11 11:23:02شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى

      ياۋ تۇڭ، لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2 –، 3 – قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، سىياسىي كېڭەشنىڭ 20 ئەزاسى يىغىندا سۆز قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئايرىم – ئايرىم ھالدا چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنكى يىغىنغا قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، مۇتەللىپ قاسىم، جەرۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيتقامزە يىغىندا ئەزالارنىڭ سۆزىنى بىرلىكتە ئاڭلىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشاد ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم يىغىنغا قاتناشتى.

     يىغىن 115 پارچە سۆز ئورگىنالى قوبۇل قىلدى. ۋېي شىنخۈي، پەرىدە رېھىم، جيا ديەنزېڭ، چېن جى، گۈلپەرى ئابدۇللا، مۆھتېرەم شېرىپجان، جياڭ پىڭئەن، نيۇ شياۋپىڭ، دوستان كەرمانباي، نيۇ رۇجى، زۇلپىيە ئابدۇقادىر، رەشىدە ئابلا، چېن چى، ئابدۇۋاھىت سەيدىۋەققاس، خۇ كەيجياڭ، مېڭ چىڭسەي، خو لەنلەن، گې يۇڭپىڭ، جاڭ شاڭجيەن، خوۋ خەنمىن قاتارلىق 20 ئەزا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، داۋالاشتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دىن خىزمىتى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

     ئەزا ۋېي شىنخۈي مۇنداق دېدى: نەچچە ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، بىرلەشمە دوستلۇق ئالاقىسى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇلۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، مەن نۇقتىلىق ھالدا ‹‹قوشماقلىشىش، يوقلىشىپ تۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، كۆپرەك پائالىيەت قىلىش، ھەقىقىي يۆلەك بولۇش، ئىلھاملاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش››تىن ئىبارەت ئالتە ۋاسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەخسلەرنىڭ تۇغقان بولۇشتىكى سۇبيېكتلىق رولى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۈندىلىك ئالاقىلىشىش رولى، بارلىق ئىدارە ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كاپالەتلىك قىلىش رولىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى تىرىشىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ھۈجەيرىلىرىگىچە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بۇلتۇردىن باشلاپ ھەر يىلى شەھەر – بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى، بۇ ‹‹ساغلام شىنجاڭ›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىسى. مەن جايلار، تارماقلارنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى تېببىي خادىملار ئىشتاتىنىڭ ۋاقىتلىق، قۇرۇلمىلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش مېخانىزمىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تېببىي خادىملارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ئەزا گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش. مەن ئوقۇتقۇچىلار ساقلانما بايلىقىنى جانلاندۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى قاتارلىق تولۇقلىما تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىش، يېزىلاردىكى ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش؛ قېلىپلاشقان دەرسلىك ئىشلىتىش يېتەكچى پىكرىنى يولغا قويۇش، يېزىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ نەشر قىلىش، سەپلەش؛ بىر تۇتاش تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى قوللىنىپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ئەزا چېن چى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باشقۇرماي مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكى، شۇنداقلا ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق باشقۇرماسلىقى، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، خاسلىققا ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئاساس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدە قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى؛ مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سۇبيېكتلىرىنى قوللايدىغان يانداش سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، كونكرېت چارىلەرنى تېزدىن يولغا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ئەزا جياڭ پىڭئەن كۈندىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسدا تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىرنى كىرگۈزۈش، بىرنى چىقىرىش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئارخىپىنى ئىسمى جىسمىغا لايىقلاشتۇرۇشنى؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات كەنتتىكى نامرات نوپۇسنى پەرقلەندۈرۈش، تەكشۈرۈش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشنى؛ ‹‹بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات، بىر مەھسۇلات بىر كەسىپنى يېتەكلەش›› نى ئاساسىي ئەندىزە قىلىپ، يېزا، كەنت مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشنى؛ نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرەر قوينى بولسىمۇ كۆپرەك بېقىشىغا، بىرەر پارنىك كۆكتاتلىقىنى بولسىمۇ كۆپرەك تېرىشىغا، بىرەر تېخنىكىنى بولسىمۇ كۆپرەك ئۆگىنىشىگە، بىرەر ئەمگەك كۈچىنى بولسىمۇ سىرتقا كۆپرەك چىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ماھارەت ۋە تۈر بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ئەزا خو لەنلەن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، ئىمپورت – ئېكسپورتنى كېڭەيتىش، مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى رولى كۈنسايىن كۆرۈنەرلىك بولماقتا. شۇڭا، يەنىلا كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى يېتەرلىك بولماسلىق، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەتكە توختاش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، تۈر قۇرۇلۇشىدا ‹‹ئوخشاشلاشتۇرۇش›› رىقابىتى مەۋجۇت بولۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ئەزا مۆھتېرەم شېرىپجان مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيەمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تۇغقىنىدەك، دوستىدەك كۆرۈپ، بىر قاتار ئەمەلىي كۈچلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈردى، قوغدىدى ۋە ئۇلارغا كۆيۇندى. بىز ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ئېسىل ئەنئەنىمىزنى چوقۇم جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.