مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابى بىلەن كۆرۈشتى

    ئامانگۈل2017-01-10 10:32:47شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابى بىلەن كۆرۈشتى.

     شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن زىمبابۋېنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقى مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن، شۇنداقلا زۇڭتۇڭ مۇگابى ۋە جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورتاق ئورناتقان دوستلۇق بولۇپ، ۋاقىت ۋە خەلقئارادىكى بوران – چاپقۇن، ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مۇستەھكەم دوستلۇق. جۇڭگو بۇ قەدىناس دوستىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، جۇڭگو خەلقى زىمبابۋې خەلقى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو زىمبابۋېنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئىزچىل قەتئىي قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو ئىلگىرىكىدەكلا زىمبابۋېنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىشلىرىنى، زىمبابۋې خەلقىنىڭ ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن مەن زۇڭتۇڭ مۇگابى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى پائال ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى زىمبابۋېغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىگە رىغبەتلەندۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو زىمبابۋې بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

     مۇگابى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ دوست جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. رەئىس شى جىنپىڭ 2015 – يىلى زىمبابۋېدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ۋە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ زور نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان زىمبابۋېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قىممەتلىك ياردەم بېرىپ كەلدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا جاكارلىغان جۇڭگو – ئافرىقا ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. زىمبابۋې جۇڭگو بىلەن ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

     دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.