مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەركىزىي شەھەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

    ئامانگۈل2017-01-10 10:32:44شىنجاڭ گېزىتى

    شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

    مەركىزىي شەھەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

     لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە دادىل ئېلىپ، بىرىنچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

     شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭ مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› تەك ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەپ، تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئاساسىي جەھەتتىن قانائەتلىنەرلىك ‹‹ئىمتىھان قەغىزى››تاپشۇردى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2017 – يىللىق خىزمەت 12 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى سىڭدۈرۈلدى، تۈرلۈك نىشان تېخىمۇ ئېنىق، تەدبىرلەر تېخىمۇ كونكرېت بولدى. ‹‹دوكلات›› نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، يىغىن روھىنى ئەمەلىي خىزمەتلەرگە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

     شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن، مائارىپ ۋە قاتناش مەركىزى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشنى كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ياخشى ياشاش مۇھىتىنى يارىتىپ، ئۈرۈمچىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ ياشىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېنى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، قانۇنچىلىققا دائىر تەشۋىقات – تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي، مەدەنىي بولغان تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزئارا كەڭ قورساق بولغان، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈلگە، باشلامچى بولۇش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ زامانىۋىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئورنىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە باشلامچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.