مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

    ئامانگۈل2017-01-09 10:58:24شىنجاڭ گېزىتى

     (2017–يىل 1–ئاينىڭ 8–كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7–ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنى 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

    بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 123 كىشى قاتناشتى، 266 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

     ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا 2016 – يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2017 – يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش ۋاڭ چىشەننىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن ‹‹پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى›› تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يولداش ۋاڭ چىشەن قائىدە (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)نىڭ قاراپ چىقىش نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىندا چۈشەنچە بەردى.

     ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: ‹‹سۆز››نىڭ مەنىسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، رېئاللىققا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، خەلققە بولغان ئاددىي ۋە سەمىمىي مۇھەببەت، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك زىممىسىگە ئېلىش روھى ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان، چوڭقۇر ئىدىيەۋىلىككە ۋە كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

    ‹‹سۆز››دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ تۆت يىلدىن كۆپرەك تىرىشىشى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى روشەن ئاشۇرۇلدى، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››نىڭ روھى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، چىرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك چەكلەندى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشۈش ھالىتى شەكىللەندى، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق نىشانىغا دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلدى، چىرىكلەشمەسلىك تۈزۈمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق تۇغىنى بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر، يول يىراق. بوش بولۇش، بوشاڭ بولۇش، يۇمشاق بولۇشتىن تەلەپچان بولۇش، چىڭ بولۇش، قاتتىق بولۇشقىچە چېنىقىپ تاۋلىنىش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، دائىم ۋە ئۇزاققىچە بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي، چوڭقۇر ۋە ئەستايىدىل بولۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى قاتتىق، چىرىكلەشكەنلەر جازالانغان ئەلا نەتىجە تاپشۇرۇش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلار قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىگە تايىنىپ غايە ۋە ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقى، ئىجادىيلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي، سىستېمىلىق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

     ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2016 – يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئىدىيەۋى قورالى ۋە ھەرىكەت قوللانمىسى قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مەسئۇلىيەت ئورنىنى بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى. پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى ئېلان قىلدى، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى بېكىتىپ، بېيجىڭ شەھىرى، سەنشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دائىم چىڭ تۇتۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى ئىزچىل تۈزىتىپ، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىپ، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىنى بالدۇر، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ تۇتۇپ، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان ئەيىبلىدى. سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى كۆزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش خىزمىتىنى تاماملاپ، ‹‹قايتا قاراش››نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆزىتىش بىلەن تەكشۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، شەمشەرلىك رولىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، چىرىكلىك قالدۇقلىرىنى قەتئىي ئازايتىپ، ئېشىش مىقدارىنى نۇقتىلىق توستى، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىكنى توسۇشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش ‹‹تورى››نى پۇختا يايدى. نامراتلارنى يۆلەشكە، خەلق تۇرمۇشىغا دىققەت – ئېتىبارىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىلارنى تەكشۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنزىسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى تۈزۈپ، سادىق، پاكىز، زىممىسىگە ئالىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇردى. ئومۇمىي يىغىندا نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، خىزمەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن ئاساستا تەھلىل قىلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

     ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر يەكۈنلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك تەسىرات ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

     بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداش كېرەك. يېڭى دەۋر يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە يۈكلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاساسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى كونكرېت بولىدۇ، بۇ، قەتئىي غايە، ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپى، ئادەمنى توغرا تاللاش، ياخشى ئىشلىتىشتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، روشەن قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ زور سىياسىي پىرىنسىپى بولۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى تۇرغۇزۇشتا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە سىياسىي ئورۇننى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئېڭى ۋە ئومۇمىيەت ئېڭى جەھەتتىكى پەرقلەرنى ئۈزلۈكسىز تېپىپ چىققاندىلا، يادرو بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش ھەرىكەت ھالىتىدىكى جەريان بولۇپ، سىياسىي ئاڭنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغدايدىغان سادىق جەڭچىلەردىن بولۇش كېرەك.

     ئىككىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ ۋە چىڭىتىپ، تۈزۈمدىن ئىبارەت قەپەزنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر مەزگىلدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلە شۇكى، پارتىيە ئېڭى سۇس، تەشكىلات چېچىلاڭغۇ، ئىنتىزام بوش بولغان، بۇنىڭ مەنبەسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى كەمچىل بولغان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولمىغان، بولۇپمۇ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ئەھۋالى سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەلگىلەيدۇ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاشتا ئىشنى جەزمەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ پىرىنسىپاللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىنى بايقايدىغان، پەرقلەرنى تۈزىتىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     ئۈچىنچى، ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى چوڭقۇر يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش بولۇپ، ئەلرايى پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر ئەڭ چوڭقۇر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى. سىياسىينى تەكىتلىمەي، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ھالسىزلىنىدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ. شۇڭا، سىياسىينىڭ ئىنكارچىلىققا مايىل بولۇشىنى تۈزىتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەش كېرەك. خەلقنىڭ ساداسى، ئارزۇسى، ئىدىيەسى ئەلرايى دېگەنلىك بولىدۇ، خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئىشىنىشى، ئىشەنچى ۋە تايىنىشىنى كۈچەيتىش ئەڭ زور سىياسىي نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك بىر قاتار ياخشى سىياسىتىنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تايىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى دەرىجىمۇ دەرىجە ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەريانىدا ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

     تۆتىنچى، ئىشەنچ نازارەت قىلىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سىنىقىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا نوپۇز مەرتىۋىسى ۋە مۇھىم مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، بۇ، ھەم ئىشەنچ ھەم سىناق. پولات تاۋلاشتا پولاتتەك ئىرادە بولۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، سادىق، پاك، زىممىسىگە ئالالايدىغان قوشۇننى قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئەسلىدىنلا باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالدى بىلەن پارتكومنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى دائىملىق نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بوش بولۇش، بوشاڭ بولۇش، يۇمشاق بولۇشتىن تەلەپچان بولۇش، چىڭ بولۇش، قاتتىق بولۇشقىچە ئۇزاق جەريان كېتىدىغان بولۇپ، چىڭ تۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا ياخشى باشلىنىشنى قەدىرلەپ، يۆنىلىشنى توغرىلاشنى مۇھىم بىلىش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا بوش بولۇش، بوشاڭ بولۇش، يۇمشاق بولۇش ئۇزاق يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن بولۇپ، تەلەپچان بولۇش، چىڭ بولۇش، قاتتىق بولۇشنى بىر كۈندىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. داۋاملاشتۇرماستىن چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، چوڭقۇرلاشتۇرماستىن داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. داۋاملاشتۇرۇش بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش ئىلمىي روھنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ، مۇھىم ئىدىيە ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدۇر. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش نەزەرىيەسى بىلەن تەرەققىي قىلىش باسقۇچى نەزەرىيەسىنى ئۆز ئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ قېلىشتا سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، توغرا ئادەم تاللاش، ياخشى ئادەملەرنى ئىشلىتىشكە تايىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

     ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، شۇڭا ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. بۇ يىلقى خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى شۇكى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى قەتئىي توختاپ قالماستىن تۈزىتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىم ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پولات تاۋلاشتا پولاتتەك ئىرادە بولۇش كېرەك، شۇڭا تۈزۈمدىن ئىبارەت قەپەزنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەتچىلىك قىلىش خىزمەت قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق سادىق بولۇشنى شەرھلەپ، ياخشى روھىي قىياپەت ۋە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

     بىرىنچى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە مەخسۇس مەسئۇل بولىدىغان ئورگانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى ئۆلچەم قىلىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش سىياسىي ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ‹‹چاتىقى بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈش››، ‹‹چاتىقى بار كادىرلارنى ئىشلىتىش››نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى تەشكىلىي ۋە كادىرلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچى، تاش – تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ لاياقەتلىك ‹‹ئىمتىھان قەغىزى››نى تاپشۇرۇش كېرەك. ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى ئىچكىرىلەپ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كونا مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ، يېڭى يۈزلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسلىگە قايتىش، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىدا ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا، باشقا مەسىلىلەردىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››سىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تۈزۈمنى تۈزىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

     تۆتىنچى، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باش بولۇپ ئومۇميۈزلۈك تۇتۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىنى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان رايونلاردىكى پارتكوملار ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە بىپەرۋالىق قىلىش ھەم ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇپ، مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، ئۈنۈملۈك مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

     بەشىنچى، بايراق ۋە مەيداننى مۇستەھكەملەپ، نىشان، ۋەزىپىلەرگە دىققەت قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››تىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، سالماقنى تۆۋەنلەتمەي، رىتىمنى ئۆزگەرتمەي، چىرىكلىك قالدۇقلىرىنى قەتئىي ئازايتىپ، ئېشىش مىقدارىنى نۇقتىلىق توسۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تىپىك دېلولارنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، پۇشايمان خاتىرىسىنىڭ ئاشكارىلىغىلى بولىدىغانلىرىنى ئاشكارىلاپ، سەلبىي ماتېرىياللارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     ئالتىنچى، مەۋقەنى بۇ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا قويۇپ، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى تاۋلاش ۋە يەكۈنلەش كېرەك. مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى كۆزىتىشنى تاماملاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كۆزىتىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە تاۋلاپ، كۆزىتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى تۈزۈم نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچنى ئايلاندۇرۇش››نى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاكالەت خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     يەتتىنچى، ئىش قىلىشتا چاققان، ئاكتىپ بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىق كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەربىيەلەش، ئالماشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئىشىنىدىغان قوشۇن قۇرۇش كېرەك.

     ئومۇمىي يىغىندا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› قاراپ چىقىلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا سەمىمىي ئۈمىدىنى باغلىدى. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى تۈزۈش ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز – ئۆزىنى چەكلەشنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى تۈزۈم قەپىزىگە سېلىپ، ئاۋۋال ئۆزىدىن، ئاندىن ئۆزگىدىن باشلاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بولۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قائىدىدە ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت تەرتىپىنى چىڭ تۇتۇپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش، يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، دېلوغا قاراپ چىقىش، دېلوغا چېتىشلىق پۇل – ماللارنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەت تەرتىپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ سۆھبەت، ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش خىزمەت تەرتىپى، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈشنى تەستىقلاش ھوقۇق چەكلىمىسى، تەكشۈرۈش سۆھبىتى ۋە دەلىل – ئىسپات توپلاشتىكى كونكرېت تەلەپلەرنى بەلگىلەش؛ ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنى تاۋلاپ، تۈزۈم ئۆلچىمىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىشى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك، جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قائىدىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

     ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يولداش لى شۇلېي ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى.

     ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يولداش ۋاڭ جۇڭتيەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى، يولداش لى جيەنبونىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى چىقارغان يولداش ۋاڭ جۇڭتيەنگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش، يولداش لى جيەنبوغا پارتىيە ئىچىدە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش بۇيرۇقى، ئۇنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارارى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

     ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، كەمتەر ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولغۇدەك ‹‹ئىمتىھان قەغىزى›› تاپشۇرۇش كېرەك.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.