مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    بىكارلىق ئاش، باشقا ئۇرۇلغان تاش

    مەۋلۇدە2017-01-05 12:49:26تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     كونىلاردا «جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. يېقىندا شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ئەختەمنىڭ كىرېدىت كارتا ئالدامچىلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، جازانى بىر يىل ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈش، قوشۇمچە 20000 يۈەن جەرىمانە قويۇش ھەققىدە 1-سوت ھۆكمى چىقاردى.

     ئىگىلىنىشىچە، ئەختەم شايار ناھىيەسىدىكى مەلۇم زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، تۇرمۇشى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ خاتىرجەم ياشايتتى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەختەم شايار بازىرىدىكى مەلۇم ئاپتوبانكىغا كىرىپ، پۇل ئېلىش ئۈچۈن كارتىنى پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سالماقچى بولغاندا كارتا سالىدىغان جايدا بىر دانە كارتا تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ ھەمدە كارتا كەينىگە يېزىلغان ئالتە خانىلىك ساننى بايقايدۇ. ئەختەم قىزىقىش ئىچىدە كارتىنى سېلىپ، ھېلىقى ئالتە خانىلىك نومۇرنى باسقاندىن كېيىن كارتا ھېساباتىدا 130100 يۈەن بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. كۆزىگە ئىشىنەلمەي قالغان ئەختەم پۇل ئالماقچى بولغىنىدا ئېكراندا «بۈگۈنكى پۇل ئېلىش سوممىڭىز توشۇپ كەتتى» دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ، ئەختەم بۇ كارتىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ، ئەتىسى ئاۋۋال 100 يۈەن ئېلىپ سىناپ باقىدۇ، كېيىن بەش قېتىمدا 18000 يۈەننى چىقىرىۋالىدۇ، يەنە پۇل ئالماقچى بولغاندا مەشغۇلات ئىناۋەتسىز بولىدۇ. ئەختەم قايتىپ كېتىپ كېيىنكى كۈنى يەنە مەشغۇلات قىلغاندا ماشىنا كارتىنى تۇتۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە كارتا ئىگىسى لۇ شىنمىن كارتىسىدىن 20000 يۈەن ئالغاندىن كېيىن كارتىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، كېتىپ قالغان ئىكەن. ئەتىسى تېلېفونىغا كارتىدىن پۇل ئېلىنغانلىقى ھەققىدە كەينى-كەينىدىن ئۇچۇر كەلگەندە ئاندىن كارتىسىنى ئىزدەپ تاپالماي، بانكىغا يوقالغانلىقىنى ئېيتىپ، ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچىلار كۆزەتكۈدىن ئەختەمنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، 11-ماي ئەختەمنى ئۆيىدىن قولغا چۈشۈرىدۇ، ئەختەم ئۆزىنىڭ بۇنداق تېزلا قولغا چۈشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇپ، ساقچىلارغا پۇشايمان ياشلىرىنى تۆككىنىچە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، ھارام پۇلنى تاپشۇرىدۇ. شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئېچىپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسەن يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

     (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلىپ ئېلىندى)

    شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەمەر ھىمىت تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.