مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-12-23 12:38:19تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: مۇختەر بىلەن ئالىم ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ئۇلار بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. 2015-يىلى 28-نويابىر چۈشتىن كېيىن مۇختەر، ئالىم، ئادىل ۋە تۇرسۇن ئاۋۇت قاتارلىقلار باي ناھىيەسى مىچىغ يېزىسى ئولپاڭ كەنتىدىكى تۇرغۇن سابىتنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇش قىلىدۇ، بۇ جەرياندا تۇرسۇن ئاۋۇت بىلەن مۇختەر گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار مۇختەر بەنچاڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان تۇرسۇن ئاۋۇتنى قاتتىق ئۇرۇپ كېتىدۇ، ئارىلىقتا ئالىممۇ مۇختەرگە ياردەملىشىپ، تۇرسۇن ئاۋۇتنى تەڭ ئۇرىدۇ. قاتتىق دۇمبالاشلاردىن كېيىن تۇرسۇن ئاۋۇت ئورنىدىن تۇرالماي، قان ياندۇرۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ، ئاخىرىدا باشقىلار ئۇلارنى ئاجرىتىۋېتىدۇ. تۇرسۇن ئاۋۇت دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ. دېلو سادىر بولغاندىن كېيىن، جاۋابكارلار زەخىملەنگۈچى تۇرسۇن ئاۋۇتنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ.

     يېقىندا باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىپ، جاۋابكار مۇختەرنىڭ قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش (ئېغىر دەرىجىلىك) جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى، جاۋابكار ئالىمنىڭ قەستەن ئادەم زەخىمىلەندۈرۈش (ئېغىر دەرىجىدىكى) جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

     (كىشى ئىسمى ئۆزگەرتىلدى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.