مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    ياخشى نىيەتتە ئېرىشىش تۈزۈمىنىڭ كونكېرت دېلودا تەتبىقلىنىشى

    ئامانگۈل2016-12-21 12:53:08شىنجاڭ گېزىتى

    توختى روزى مەتنۇرى

     دېلو مىسالى: دەۋاگەر ئايگۈل 1998 – يىلى 4 – ئايدا خالىق بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسەنامىسى ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجراشقان. نىكاھتىن ئاجراشقاندا جاۋابكار ياسىن ۋە ھاياتگۈل دادىسىنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشىگە، ئورتاق مۈلۈكتىن خوتەن شەھىرىدىكى ئون ئېغىزلىق ئۆي دەۋاگەر ئايگۈلنىڭ پايدىلىنىشىغا قالدۇرۇلغان. دەۋاگەر ئايگۈل 2007 – يىل 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى يۈننەن ئۆلكىسى دىخۇڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. جاۋابكار ياسىن 2013 – يىلى 8 – ئايدا بەش ئېغىز ئۆينى شۇ ۋاقىتتىكى بازار باھاسى بويىچە 3 – كىشى ئايۇپقا 240 مىڭ يۈەنگە ساتقان. دەۋاگەر ئايگۈل 2015 – يىلى 7 – ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جاۋابكار ياسىننىڭ ئۆينى 3 – كىشى ئايۇپقا سېتىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ، جاۋابكار ياسىن بىلەن 3 – كىشى ئايۇپ ئوتتۇرىسىدىكى سېتىش – سېتىۋېلىش توختامىنى ئىناۋەتسىز دەپ قاراپ، ئۆينى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان.

     تەھلىل: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نەرسە ھوقۇقى قانۇنى››نىڭ 106 – ماددىسىدا: بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوق كىشى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئۆتۈنۈلگۈچىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، ئىگىدارلىق قىلغۇچى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا چۈشىدىغان ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ:

     1) ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ياخشى نىيەتتە قوبۇل قىلغان بولسا؛

     2) مۇۋاپىق باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا؛

     3) ئۆتۈنۈلگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاشقا تېگىشلىكلىرى تىزىملانغان، تىزىملاشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرى ئۆتۈنۈلگۈچىگە بېرىلگەن بولسا.

     بۇ دېلو نەرسە ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 106 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تىپىك ھالدىكى ياخشى نىيەتتە ئېرىشىش تۈزۈمىگە مۇناسىۋەتلىك دېلو. ياخشى نىيەتتە ئېرىشىش دېگىنىمىز – ئۆتۈنۈلگۈچى مال – مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش مەقسىتىدە ياخشى نىيەت بىلەن مۇۋاپىق باھادا قوبۇل قىلىپ، شۇ نەرسىنى ئىگىلىگەندە ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىنىڭ ئىگدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش ھوقۇقى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ يەنىلا شۇ نەرسىنىڭ ئىگدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ياخشى نىيەتتە ئېرىشىش كۆچمە مۈلۈككىمۇ، كۆچمەس مۈلۈككىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. ياخشى نىيەتتە ئېرىشىشتىكى ئۆتۈنۈلگۈچى چوقۇم ياخشى نىيەتتە بولۇشى، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشى ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى شەرت. بولمىسا ياخشى نىيەتتە ئېرىشىش شەكىللەنمەيدۇ. ياخشى نىيەتتە ئېرىشىشنى كۆچمە مۈلۈككىمۇ، كۆچمەس مۈلۈككىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. ئالاقىدارلار ياخشى نىيەتنى چىقىش قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقسىز كىشىدىن ئۆينى سېتىۋالغان ھەمدە تىزىملىتىپ نوپۇس ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن بولسا، ياخشى نىيەتلىك كىشى ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.

     مەزكۇر دېلودا ياسىن ئۆينى ئايۇپقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئايۇپ ياخشى نىيەتتە ئۆينى سېتىۋالغان. قانۇن نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋاگەر ئايگۈلنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىپ، ياخشى نىيەتتە ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى ئايۇپنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقى توغرا بولغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.