مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    سوت قىلىنغۇچى كاپالەتچىگە بېرىلگەن مەزگىلدە قېچىپ كېتىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسا خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟

    مەۋلۇدە2016-12-14 17:20:07شىنجاڭ گېزىتى

       توختى زورى مەتنۇرى دېلو ئەھۋالى: جاۋابكار يولۋاس 2015 – يىل 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەنلىكتىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغان. جاۋابكار يولۋاس سوت قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. لېكىن ئۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتقا قاتنىشىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. بىر يىلدىن كېيىن جاۋابكار يولۋاس ساقچىلار تۇتۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەسىھىتى بىلەن ج خ ئورگانلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەم جىنايى پاكىتلىرىنى ئەينەن تاپشۇرغان. مەزكۇر دېلوغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار شەكىللەنگەن. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: جاۋابكار يولۋاس گەرچە سوت قىلىنغۇچى كاپالەتچىگە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەسىھىتى ئارقىلىق ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەم جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر: جاۋابكار يولۋاسنىڭ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ئىلگىرىكى قېچىپ كەتكەنلىك قىلمىشىنى تۈزەتكەنلىك ۋە تولۇقلىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جاۋابكار يولۋاس جىنايەتكە چېتىلىپ قالغاندا نەق مەيداندا تۇتۇلغان، ئۆزلۈكىدىن ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغان، شۇڭا جاۋابكار يولۋاسنى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

        دېلو تەھلىلى: مەن ئىككىنچى خىل پىكىرگە قوشۇلىمەن. يولۋاسنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغان ئەھۋاللارغا كىرمەيدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››دا دېلونى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغانلار جىنايەت پاكىتى ياكى جىنايەت گۇماندارى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان تەرىپىدىن سېزىلمىگەن ياكى سېزىلسىمۇ، جىنايەت گۇماندارى تېخى سوراق قىلىنمىغان، مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلمىغان چاغدا دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەشەببۇسكارلق بىلەن بىۋاسىتە مەلۇم قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر ‹‹ئىزاھات››تا يەنە جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ بۇيرۇق ئارقىلىق تۇتۇش، قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا دېلونى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلغانلىرىنى دېلوسىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلدى دەپ ھېسابلاش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، مەزكۇر ‹‹ئىزاھات››تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قېچىپ كېتىش جاۋابكار تېخى سېزىلمىگەن ئەھۋالدا قېچىپ كېتىشنى كۆسىتىدۇ.

        جاۋابكار يولۋاس سوت قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن مەزگىلدە سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتقا قاتنىشىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى دېلو پاش بولغاندىن كېيىنكى قىلمىش، جاۋابكار يولۋاسنىڭ ساقچىلار تۇتۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى مەزكۇر ‹‹ئىزاھات›› تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلدى دەپ ھېسابلاش كېرەك دېگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 67 – ماددىسىدا: جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دېلوسىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىش ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ماددىغا ئاساسلانغاندا ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلىش بىلەن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىش بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلانغاندا ئاندىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

        جاۋابكار يولۋاس سوت قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن مەزگىلدە، قانۇندا بەلگىلەنگەن سوت قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىشتىن ئىبارەت مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغانلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ئۆزلۈكىدىن قېچىپ كېتىپ، جىنايى ئىشلار دەۋا پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا توسالغۇ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇيرۇق ئارقىلىق تۇتۇش، قوغلاپ تۇتۇشتىن ئىبارەت قانۇن يۈرگۈزۈش تەننەرخىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.

        جاۋابكار يولۋاسنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ئىلگىرىكى قېچىپ كەتكەن قىلمىشىنى تۈزىتىشى ۋە ئۇنى تولۇقلىشى بولۇپ، جاۋابكاردا دېلونى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلدى دەپ ھېسابلاشقا بولىدىغان شەرتلەر ھازىرلانمىغان. شۇڭا جاۋابكار گەرچە جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، لېكن دېلونى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلدى دەپ ھېسابلايدىغان ئىككى خىل شەرت بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلانمىغان، شۇڭا جاۋابكار يولۋاسنى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ. ئەمما يولۋاسنى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان دەپ قاراپ، ئەھۋالغا قاراپ يېنىك جازا بېرىشكە بولىدۇ. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.