مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    شىركەتنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ-چاچقان كاسسىر تۈرمىگە يول ئالدى

    مەۋلۇدە2016-12-14 17:19:10شىنجاڭ گېزىتى

      ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم كىتاب شىركىتىنىڭ كاسسىرى گۈلسۈم ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا شىركەتنىڭ 1 مىليون 150 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلىنى بۇزۇپ – چېچىپ تۈگىتىۋەتكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى گۈلسۈمنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، 300 مىڭ يۈەن ئىشتراپ قويغان.

        32 ياشلىق گۈلسۈم دېلو يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى مەلۇم كىتاب شىركىتىدە تەكلىپ بىلەن كاسسىرلىق قىلغان. مەزكۇر شىركەت 2014 – يىلى 4 – ئايدا رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ھېساباتىدا بىر مىليون 150 مىڭ يۈەن پۇل بار بولۇپ، تەلەپ بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن گۈلسۈم بۇ پۇللارنى كۆپ قېتىم ھېساباتقا يۆتكەش چېكى ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇقىرى ئورۇنلارغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن، شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن. گۈلسۈم ئىشلەۋاتقان ئورۇننىڭ رەھبەرلىرى بۇ پۇللارنى ئاللىبۇرۇن يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ بولدى دەپ ئويلاپ، قايتا سۈرۈشتۈرمىگەن.

        گۈلسۈم 2014 – يىلى 8 – ئايدا ئۆيىنىڭ ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرغىچە يېنىدا ئېشىنچا پۇلى بولمىغاچقا، ئومۇمنىڭ پۇلىدىن ئىشلەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىق داڭلىق ماركىلىق كىيىم – كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا پەقەت گىرىم بۇيۇملىرىغىلا 400 – 500 مىڭ يۈەن خەجلىگەن.

        دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن گۈلسۈمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ، 1 مىليون 157 مىڭ 500 يۈەن ھارام پۇل(ئۆسۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ھەممىسىنى كىتاب شىركىتىگە قايتۇرغان.

        خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار گۈلسۈم ئۆزىنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمنىڭ 1 مىليون 152 مىڭ 605 يۈەن پۇلىنى قانۇنسىز يۇتۇۋالغان، سوممىسى بىر قەدەر زور، قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ؛ دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆز قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، قىلمىشىغا تۆۋە قىلىپ، ھارام پۇللارنى قايتۇرغانلىقىدەك ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ، يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقاردى. (كىشى ئىسملىرى ئۆزگەرتىلدى)

        (ئۆز خەۋىرىمىز)

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.