مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    قار تېيىلىش مەيدانىدا ھادىسىگە ئۇچرىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاش كېرەك

    مەۋلۇدە2016-12-14 17:18:21شىنجاڭ گېزىتى

      چاڭغا تېيىلىش كىشىلەرنىڭ قىش پەسللىك تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ئىچىدىكى ئالدىن تاللىشى ھېسابلىنىدۇ. چاڭغا تېيىلغۇچىلار قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي سەۋىيەسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق چاڭغا تېيىلىش يولىنى تاللاپ تەلەپ بويىچە تېيىلىشى، تېيىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، قار تېيىلىش يولىدا باشقا كىشىلەرنىڭ بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى، بار بولسا يول بېرىشى كېرەك. ھادىسە يۈز بەرسە ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلىشى، بولۇپمۇ، ھادىسە يۈز بەرگەندە نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ، ئىشىك بېلىتى، كىرىش بېلىتى قاتارلىقلارنى ياخشى ساقلىشى كېرەك.

        قانۇن مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چاڭغا تېيىلغۇچىلار تىجارەت خاراكتېرلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا چاڭغا تېيىلغاندا ياكى پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا، توختام مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بەلگىلىك ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئەگەر مەجبۇرىيىتىىنى قاتتىق ئىجرا قىلمايدىكەن، مۇناسىپ تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

        مىسال 1: ئەركىن 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بىر نەچچە دوستى بىلەن سانجىدىكى مەلۇم قار تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك چاڭغا يولىدىن S شەكىل چىقىرىپ چاڭغا تېيىلىۋاتقاندا، كەينىدىنلا تۈز تېيىلىپ كېلىۋاتقان شياۋ لى بىلەن سوقۇلۇشۇپ كەتكەن. ئەركىن شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، كەينىدىن يەنە ئۈچ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، بۇ جەرياندا 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك چىقىم قىلغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆيىدە بىر مەزگىل ئارام ئالغان.

        ئەركىن بىلەن قار تېيىلىش مەيدانى، شاۋلى تۆلەم مەسىلىسىدە باشتىن – ئاخىر بىرلىككە كېلەلمەي، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن قار تېيىلىش مەيدانىنى %30، شاۋ لىنى %40، ئەركىننى %40 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرىغان.

        تەرەپلەر ھۆكۈمگە قايىل بولماي، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

        سوت مەھكىمىسى 2 – سوتتا قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىغان: قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەتچى، باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر قار تېيىلىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. قار تېيىلىش مەيدانى گەرچە مەيدان ئىچىگە ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئورناتقان، شۇنداقلا بىخەتەرلىككە ئائىت ئۇچۇرلارنى رادىيودا ئايلانما ئۇسۇلدا ئاڭلىتىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتى خەتەرلىك تەنھەرىكەت تۈرى بولغاچقا، قار تېيىلىش مەيدانى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا قار تېيىلغۇچىلارنى زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك مۇداپىيە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەپ، قار تېيىلغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. قار تېيىلىش مەيدانى يۇقىرى دەرىجىلىك چاڭغا يولى بىلەن دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەر يولىنى ئېنىق ئايرىماي، چاڭغا تېيىلغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ ئەھۋالدا چاڭغا تېيىلىش يولىنى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلماي، تەكشۈرگۈچى خادىملارنى سەپلەپ، ئادەم سانىغا چەك قويماي، تارقاقلاشتۇرماي، تۈز تېيىلىۋاتقان شاۋلى بىلەن S شەكىللىك تېيىلىۋاتقان ئەركىننىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇپ، يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن دەل ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئەركىننىڭ يارىلىنىشىدا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

        شاۋلى ئەركىننىڭ كەينىدىكى چاڭغا تېيىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇۋاپىق بىخەتەرلىك ئارىلىقى ساقلىشى ھەمدە سۈرئىتىنى كونترول قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەركىنمۇ ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرامىغا يەتكەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن چاڭغا تېيىلىشنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلماي، مۇۋاپىق بولمىغان چاڭغا تېيىلىش يولىدا S شەكىل چىقىرىپ چاڭغا تېيىلغان، ئۆزىدىمۇ سەۋەنلىك كۆرۈلگەن.

        سوت مەھكىمىسى ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققاندىن كېيىن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنى %60، شاۋلىنى %20، ئەركىننى %20 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرىغان.

        مىسال 2: تۇرسۇن چاڭغا تېيىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، سول پۇت ھوشۇقى سۇنۇپ كەتكەن ھەم ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلغان. تۇرسۇن ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قار تېيىلىش مەيدانى تەمىنلىگەن تېيىلىش ئايىقى بىلەن چاڭغىنىڭ يىقىلىش جەريانىدا ھېچقانداق قوغداش رولى بولمىغانلىقىدىن دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇ قار تېيىلىش مەيدانى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي زىيان تۆلىمى ۋە روھىي زىيان تۆلىمى قاتارلىقلار ئۈچۈن 90 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

        سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن تۇرسۇن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئەسلىھەلىرىدە مەسىلە ساقلانغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىدى، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تىجارىتى قانۇنلۇق، تۇرسۇن تولۇق ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى بولۇپ، چاڭغا تېيىلىشنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەت تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەي، كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ يارىلانغان دەپ قاراپ، تۇرسۇننىڭ بارلىق ئەرز تەلىپىنى رەت قىلغان.

        تۇرسۇن ھۆكۈمگە قايىل بولماي، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

        ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن 1 – سوتنىڭ پاكىتلىرى ئېنىق، قانۇننى تەتبىقلىشى توغرا بولغان دەپ قاراپ، ئەسلىي سوت ھۆكۈمىنى ساقلاپ، تۇرسۇننىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

        مېھرىگۈل تەييارلىغان

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.