مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    قورامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش زۆرۈر

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-11-30 11:25:06شىنجاڭ گېزىتى

    ئەزىزگۈل ئەرشىدىن

     قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشى، ياخشى – ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، پىسخىكىسى تولۇق يېتىلمىگەن ۋە ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرايدىغان بولغاچقا، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە ئومۇميۈزلۈك كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى يىلدىن – يىلغا كۆپىيىپ قالدى، بۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇنچىلىق تەربىيەسىگە سەل قاراش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

     مەكتەپ بىلىم ۋە ئەخلاق تەربىيەسى ئالىدىغان بىرىنچى بازا. مەكتەپلەردە قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى تەدبىردۇر. نۆۋەتتە مەكتەپلەرنىڭ قانۇنچىلىق تەربىيەسىدە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا:

     بىرىنچى، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ قانۇنچىلىق تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى يېتەرسىز؛ ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن دەرسىگە قىزىقىشى يۇقىرى ئەمەس. قانۇن دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سىياسەت دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قانۇن بىلىملىرى كەمچىل، دەرسلىكتىكى مەزمۇننىلا بىلىدۇ، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق دەرس ئۆتەلمەيدۇ؛ ئۈچىنچى، قانۇنچىلىق تەربىيەسى دەرسخانىدىلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا ئۆگىنىشكە، ئېكسكۇرسىيەگە، قانۇن بىلىمى ئارقىلىق تەربىيەلەش بازىلىرىغا ئېلىپ چىقىش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك. بۇنداق ئەھۋال مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ھالقىنى ئۈزۈپ قويۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا پايدىسىز بولماقتا.

     مەكتەپلەرنىڭ قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش ئالاھىدىلىكى، تونۇشى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، مەكتەپلەردە قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، مەكتەپلەر قانۇن دەرسى ئوقۇتۇشىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتكە بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن: قانۇن – تۈزۈم لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇرۇش، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنى، قانۇنچىلىق تەشۋىقات بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلاردا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى قوغدايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.